شىنجاڭ ئەلدوست بىئو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى - 新疆埃杜升生物开发有限公司

ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ | ئەزالار مەركىزى | خەتلەر

ئۇختۇرۇش:

شىنجاڭ ئەلدوست بىئوتېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى|新疆埃杜升生物开发有限公司
    ئورنىڭىز:باشبەت > سۆز قالدۇرۇڭ
سۆز قالدۇرۇش خاتىرسى
يۈرەك سانجىقى كىسىلى
2011/4/23 22:48:00
ياخشىمۇسز دوختۇر! مەن ئاپام ئۈچۈن مەسلىھەت سورىماقچى ، ئاپام بۇ يىل 50 ياشتا بولۇپ تۇيۇقسىز يۈرەك نورمالسىز سوقۇپ بىئاراملىق ھېس قىلىپ دوختۇرغا كۆرۈنگەن ،ھازىر يۈرەكەككە قان يىتىشمەسلىك، قان تومۇردا قېتىشىش باركەن دىگەندىن كىيىن ھازىر دوختۇردا يېتىپ داۋالىنىۋاتىدۇ. سىزدىن سوراپ باقسام ئائىلىدە مۇشۇنداق كىسەللەر نىمىلەرگە دىققەت قىلسا بولىدۇ ؟ ئائىلىدىمۇ قانداق داۋالاش ئۇسۇللىرى بار؟ بۇ كىسەل تۇپتىن ساقىيامدۇ؟
پاتىگۈل
2011/6/20 13:09:58
ياخشىمۇسىز، بۇ خىل يۈرەك كېسەللىكى ئادەتتە يۇقىرى قان بېسىم ياكى قان قويۇق بىمارلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، تولۇق ساقىيىش ياكى ساقايماسلىق بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخى، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكى، بىمارنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى قاتارلىق بىر قانچە تەرەپلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىمارنىڭ روھىي-كەيپىياتىنىڭ تۇراقلىق بولىشى، زىيادە ھاياجانلىنىش، ئاچچىقلىنىشتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك، بىمار زىيادە چارچايدىغان ياكى ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى كېرەك. قان بېسىمىنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلاشقا، قاننىڭ قويۇقلۇقىنىڭ ئېشىپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك.
مەسلىھەت سورايمەن
2011/3/14 18:29:02
مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە يۈزۈمگە دانىخورەك چىقىپ ئىزى قالدى ،بۇنىڭغا قانداق قىلسام بولىدۇ ،ئاقسۇ شەھرىدە سېتىش ئورنۇڭلار بارمۇ؟
پاتىگۈل
2011/6/20 12:44:53
ياخشىمۇسىز، بۇرۇنمۇ يۈزىڭىزگە دانىخورەك چىقىپ باققانمۇ؟ ئادىتىڭىز توختاپ بولدىمۇ ياكى ھازىرمۇ كېلىۋاتامدۇ؟ ئادەت ۋاقتى ۋە مىقدارى نورمالمۇ؟ ئادەتتە دانىخورەكنىڭ چىقىشى ئىچكى ئاجرالمىلار ۋە روھىي كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ يېشىڭىزنى كېلماكتىرىيە ۋاقتىدا دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا روھىي كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەشكە، بەدەن قۇۋۋىتىڭىزنى تولۇقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.ئاقسۇدىكى سېتىش ئورنىمىزنىڭ تېلېفۇن نومۇرى:2880342
مە سلىخەت
2011/2/28 16:59:28
قاۋزىيەت توغىرىسىدا مەسلىھەت سورىماقچى سىلارنىڭ مەھسۇلاتىڭلار . جاخىل خارەكتىرلىك قاۋزىياتكە ماسكىلىدىغىنى بارمۇ
پاتىگۈل
2011/6/20 12:26:39
ياخشىمۇسىز، ئوزۇقلۇق سويۇقلۇقىمىزنىڭ قەۋزىيەتكە بولغان ئۈنۈمىمۇ ئالاھىدە ياخشى، ئەمما دەسلەپ ئىچكەن شۇ ۋاقىتتىلا ئىچىنى سۈرۈپ، ئىچىنى بوشىتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈشى ناتايىن، چۈنكى بىزنىڭ قەۋزىيەتنى داۋالاش پىرىنسىپىمىز ئۈچەينىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، تەبئىي لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، تەرەتنىڭ تەبئىي يۈرىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
مەسلىھەت بەرسەڭلار
2010-12-11 12:10:08
تاتۇققا ئامال بارمۇ؟ ئەگەر ئامال بولسا ئۇچۇر بىلەن تەمىىىىىنلىگەن بولسىڭىز..
رۇقىيە
2010/12/14 12:51:20
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تاتۇقنىڭ ئورنى چوڭمۇ؟ئۇزۇن بولغانمۇ؟ئەگەر ئورنى چوڭ بولسا پەقەت دوختۇرخانىدا تېرە كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى ئارقىلىق داۋالىغىلى بۇلىدۇ،ئەگەر كىچىك بولسا شۇ ئورۇننى قايتا زەخمىلەندۈرۈپ ئاندىن بىزنىڭ سىرتتىن ئىشىلىتىدىغان پۈركۈگۈچ ۋە ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقلىرىمىز ئارقىلىق تاتۇق داۋالىغىلى بۇلىدۇ،
مەسلىھەت سورايمەن
2010-12-11 12:07:53
ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم!مەن سىزدىن مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم مىنىڭ پات -پات سىيىش كىسىلىم بار،قېتىم سانى كۆپ مىقدارى ئاز كۈندە 6 قېتىمدىن ئاز ئەمەس،2-دوختۇرخانىدىمۇ تەكشۈرتۈپ باقتىم بۆرەك ۋەمەزىبېزىنورمال دەپ چىقاردى.سىلەرنىڭ بۇنىڭغا دوراڭلار بارمۇ؟
رۇقىيە
2010/12/14 12:38:11
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق ئالامەتلەر بار؟ئايالىڭىز بارمۇ؟ئەر -ئاياللىق تۇرمۇشىڭلار قانداق؟ئەگەر سىزدە مەزى بېزى ۋە بۆرەك ئىقتىدارى ياخشى بولسا سۈيدۈك يولىدا ياللۇغ بارمۇ؟سۈيدۈك ئېچىشىپ كىلەمدۇ؟قاندىكى شىكەر مىقدارى نورمالمۇ؟سىز ئاۋۋال بىر تەكشۈرتۈپ دىئاگنوز چىققاندىن كىيىن شىركىتىمىزگە كىلىپ، ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىنى ئىچىپ بەرسىڭىز بۇلىدۇ
ئۆتتە تاش بولۇش
2010-12-10 21:36:37
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان، دىئاگىنۇزدا ئۆتتە تاش بار، ئەڭ چوڭى 12 مىللىمىتىر دەپ چىقتى، قالغان ئەزالار ساق ئىكەن. سىلەر ئوپىراتسىيە قىلماي ئۆتتىكى تاشنى يۇقىتالامسىلەر؟ 15109928525
رۇقىيە
2010/12/14 12:14:31
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئۆتتكى تاش باشقا بۆرەكتىكى،سۈيدۈك يولىدىكى  تاشلارغا  ئوخشىمايدۇ،ئۇنى ئوپراتسىيە قىلماي چۈشۈرۈش بىر قەدەر تەس ،ئادەتتە ھازىر ئۆتتكى تاشنى ئوپرتسىيە قىلىپ چۈشۈرۇش بىر قەدەر ئوموملاشقان،بىزنىڭ ئۇزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىمىزنى ئوپراتسىيە قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئىچىپ بەرسە ئۆتكە قايتا تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
مەسھلەت سورايمەن
2010-12-10 10:57:12
مىنڭ يېقىندىن بېرى بۇرنۇم قانايدىغان بۇلۇپ قالدى ،كىچىلىرىمۇ قانايدىغان بۇلوپ قالدى.بۇ نىمە سەۋەپ.
رۇقىيە
2010/12/14 11:51:58
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇرۇنىنىڭ ئىلگىرى سىرتتىن زەربە يىگەن ئەھۋال بارمۇ؟ بۇرۇنىدىن چىققان قاننىڭ رەڭگى قانداق كىلىۋاتىدۇ؟رەڭگى قارامتۇل ،قۇيۇقمۇ ياكى سۈزۈك سۇيۇقمۇ؟سىزدە قان قۇيۇق ياكى يۇقىرى قان بېسىم  كىسسەللىكى بارمۇ؟ياكى قانىنىڭ يېپىشقاقلىقنى،قان پىلاستىنكىلىرىنى  تەكشۈرۈپ باققانمۇ؟مىنىڭچە سىز دوختۇرخانىغا بېرىپ قان پىلاستىنكىلىرىنى ،قاننىڭ يېپىشقاقلقىقنى،شۆچاڭگينى،بۇرۇن قىل قان تۇمۇرلىرىنىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى  تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.
يەنە مەسلىھەت
2010-12-8 16:15:11
بىزمۇ شۇنداق قىلايلى دەپ ئويلاشقان،ئەمما،ئادەت ۋاقتى كىلەي دىگەن ئىدى،ئادەت توختىغاندا بارسام بولامدۇ ؟ياكى بېرىۋەرسەم بولامدۇ؟
رۇقىيە
2010/12/10 19:01:11

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىنىڭچە ئادەت توختىغاندىن كىيىن بېرىڭ.

تۇغماسلىقنى داۋالاشتىن ياردەم سورايمەن
2010-12-7 10:54:04
مەن توي قىلغىلى 1يېرىم يىل بولدى.مەن توي قىلغاندا تۇغۇت چەكلەش دورا-ئۇكۇلىنى 4ئاي ئىشلەتكەن،ئۇنىڭدىن كىيىن توختىتىۋەتكەن بولساممۇ تا ھازىرغىچە بويۇمدا قالمىدى،3دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈتتۈم،بىراق نەتىجىسى3خىل چىقتى،بىرى تۇربا يۇلى ياللۇغى دىدى،يەنە بىرى،سىزدە چاتاق يوققەن دىدى،يەنە بىرى ئازراق ياللۇغى بار شۇنى ساقايتسىڭىز بويىڭىزدا قالىدۇ دىدى،ئەممامەن ياللۇغقا قارتا داۋالانغان بولساممۇ يەنىلا بويۇمدا قالمىدى،ئانا بولۇش ئارزۇيۇمنىڭ يوققا چىقىدىغانلىقىنى ئويلىسام كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولىدۇ،يولدۇشۇممۇ ماڭا دىمىگىنى بىلەن ،بىلىمەن ئۇنىڭمۇ كۆڭلى مەندىنمۇ بەكرەك يېرىم بولىۋاتىدۇ،مۇشۇنىڭغا ئېغىر كۆرمەي مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار سىلەردىن بەكمۇ خوشال بولغان ئىدىم.رەخمەت.
رۇقىيە
2010/12/7 13:56:42
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىزنىڭ كۆڭلىڭزنى چۈشىنىمەن،ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانا بۇلۇش ،پەرزەنتىلىك بۇلۇش ئارزۇسى بۇلىدۇ،لېكىن سىز ئۆزۈڭىزگە بەك روھى بېسىم قىلۋالماڭ،ھەممە ئىش ئاستا-ئاستا بۇلىدۇ،بەلكىم سىزنىڭ تۇغۇت چەكلەش ئۇكۇلىنىڭ ئەكىس تەسىرى بولغان بۇلۇشى مۇمكىن،تۇربا يولىدا ياللۇغ بولسىمۇ بالا ئېلشقا تەسىر يىتىدۇ،لېكىن بۇنىڭىلىق بىلەن پەرزەنتلىك بولالمايسىلەر دىگىلى بولمايدۇ،مىنىڭ سىزگە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم :ئەر-ئايال  ئىككىڭلارلا دۇختۇرخانىدا تەكشۇرۇش قىلىپ بېقىڭلار ،بەلكىم يولدىشىڭىزدا مەسىلە بارمۇ بۇنىمۇ بىر نەرسە دەپ كەتكىلى بولمايدۇ،ئەگەر يولدىشىڭىزدا مەسىلە بولماي سىزدە مەسىلە بولسا بىزنىڭ بۇيەردە ئىچدىن داۋالاش بىلەن سىرتتىن داۋالاشنى بىرلەشتۇرۇپ داۋالىساق ئۈنۈمى تېخىمۇ تېز بۇلىدۇ.
دىئابىت توغرىسىدا
2010-12-6 12:18:04
ئاڭلىسام يىقىندا ماخسۇس دىئابىت كىسەللڭكلىرى ئۈچۈن تاماق رىسالىسى تۈزۈپ چىقىپسىلەر شۇنى قالدۇرۇلغان خەتلەر سەھىپىسىگە چىقىرىپ قويساڭلار بارلىق دىئابىت بىمارلىرى پايدىلانسا دەيمەن . 1- 2- تىپتىكى دىئابىتلارنى ئايرىم - ئايرىم يڭزڭپ بەرسەڭلەر
رۇقىيە
2010/12/7 13:28:29
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىزنىڭ بىزگە ياخشى تەكلىپ قالدۇرغانلىقىڭىزغا كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن،شىركىتىمىز تور بەت ساھەسى ياكى تۈزۇملەردە بولسۇن ئۈزلۈكسىز مۇكەممەلششكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ،سىز دىگەن بۇ ياخشى  تەكلىپنىمۇ بىز چوقۇم ئويلىشىپ كۆرىمىز،سىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى پىكىر تەكلىپلىرىڭىز بولسا ئوتتۇرغا قۇيۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز .
1   2   3   4   5   6   ..