مۇكاپاتلىق سوئال-جاۋابلار پائالىيىتى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش - شىنجاڭ ئەلدوست بىئو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ | ئەزالار مەركىزى | مۇنبەر | ئالاقىلىشىڭ | 中文
ئىزدەش:

ئورنىڭىز:باشبەت > مەركەزلىرىمىز > تەشۋىقات مەركىزى جەمئى پارچە ئىنكاس بار

مۇكاپاتلىق سوئال-جاۋابلار پائالىيىتى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

ۋاقتى:2011-01-28 03:42:51  مەنبەسى:ئەلدوست شىركىتى  يوللىغۇچى:فېردون ھەسەن   ئاۋاتلىغى:4299

ئەلدوست «ئىختىساسلىقلار»

مۇكاپاتلىق سوئال-جاۋاب پائالىيىتى

توغرىسىدا

بىرىنچى، جاۋاب بەرگۈچىلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپات

1. بىرىنچى دەرىجە ئېرىشىدىغان مۇكاپات

(1) بىرىنچى دەرىجىگە بىرلا ئادەم تەسسىسلىنىدۇ؛

(2) بىرىنچى دەرىجىگە 10000 يۈەن نەق پۇل مۇكاپات بېرىلىدۇ (ناۋادا نەق پۇلنىڭ ئورنىغا شىركىتىمىزنىڭ «ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى»نى ئالماقچى بولسا، ھەر بىر قۇتىسى ئېتىبار باھادا پۇلغا سۇندۇرۇلۈپ بېرىلىدۇ)؛

(3) ئەلدوست شىركىتىگە تەكلىپ قىلىنىپ، يۇقىرى مۇئاش بىلەن باش شىركەت ياكى بالا شىركەت نىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىغا كىرگۈزۈلىدۇ؛

(4) باش شىركەتكە رەسمىي قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، بەش يىللىق ئەمگەك توختامى تۈزۈلۈپ، 5 سۇغۇرتىغا تولۇق قاتناشتۇرۇلىدۇ؛

(5) ئەگەر ئەمەلىي ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولسا، باش شىركەتنىڭ يېڭى ئېچىلغان تىجارەت تۈرىگە مەسئۇل قىلىنىپ، يۇقىرى مۇئاش بېرىلىدۇ؛

(6) ناۋادا بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكۈچىنىڭ شىركىتىمىزنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى ئېلىش نىيىتى بار بولسا، باش شىركەت شۇ كىشىنىڭ ۋاكالەتچىلىك سالاھىيىتىنى تۇرغۇزۇپ، ۋاكالەتچىلىك ھەققىنى %50 كېمەيتىش بىلەن تەڭ، ھەر قايسى جەھەتتە ئېتىبار سىياسەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ.

(ئەمما، بىرىنچىدىن، تۇرۇشلۇق ئورنى چوقۇم ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ رايونىدىن باشقا رايونلاردا بولۇشى ياكى ئۈرۈمچىدىن باشقا شەھەر، ناھىيىلەردە بولۇشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، تۇرۇشلۇق ئورنىدا چوقۇم شىركىتىمىزنىڭ ۋاكالەتچىلىرى بولماسلىقى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، ۋاكالەتچىلىكنى چوقۇم باش شىركەتنىڭ تەلىپى بويىچە ئېلىپ بېرىشى كېرەك)؛

(7) تاللانغان ئەڭ نادىر جاۋابلىرى «ئەلدوست كارخانا باشقۇرۇش بىلىملىرى قامۇسى»غا كىرگۈزۈلۈپ، ئاشكارا نەشىر قىلىنىپ پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىتىلىدۇ. جاۋاب بەرگۈچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشىمۇ كىتابقا كىرگۈزۈلىدۇ.

2. ئىككىنچى دەرىجە ئېرىشىدىغان مۇكاپات

(1) ئىككىنچى دەرىجىگە تۆت ئادەم تەسسىسلىنىدۇ؛

(2) ئىككىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ھەر بىر ئادەمگە 5000 يۈەندىن نەق پۇل مۇكاپات بېرىلىدۇ (ناۋادا نەق پۇلنىڭ ئورنىغا شىركىتىمىزنىڭ «ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى»نى ئالماقچى بولسا، ھەر بىر قۇتىسى ئېتىبار باھادا پۇلغا سۇندۇرۇلۈپ بېرىلىدۇ)؛

(3) ئەلدوست شىركىتىگە تەكلىپ قىلىنىپ، يۇقىرى مۇئاش بىلەن باش شىركەت ياكى بالا شىركەت نىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىغا كىرگۈزۈلىدۇ؛

(4) باش شىركەتكە رەسمىي قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، بەش يىللىق ئەمگەك توختامى تۈزۈلۈپ، 5 سۇغۇرتىغا تولۇق قاتناشتۇرۇلىدۇ؛

(5) ئەگەر ئەمەلىي ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولسا، باش شىركەتنىڭ يېڭى ئېچىلغان تىجارەت تۈرىگە مەسئۇل قىلىنىپ، يۇقىرى مۇئاش بېرىلىدۇ؛

(6) ناۋادا ئىككىنچى دەرىجىگە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىچىدە شىركىتىمىزنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى ئېلىش نىيىتى بارلار بولسا، باش شىركەت شۇ كىشىنىڭ ۋاكالەتچىلىك سالاھىيىتىنى تۇرغۇزۇپ، ۋاكالەتچىلىك ھەققىنى %35 كېمەيتىش بىلەن تەڭ، ھەر قايسى جەھەتتە ئېتىبار سىياسەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ.

(ئەمما، بىرىنچىدىن، تۇرۇشلۇق ئورنى چوقۇم ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ رايونىدىن باشقا رايونلاردا بولۇشى ياكى ئۈرۈمچىدىن باشقا شەھەر، ناھىيىلەردە بولۇشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، تۇرۇشلۇق ئورنىدا چوقۇم شىركىتىمىزنىڭ ۋاكالەتچىلىرى بولماسلىقى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، ۋاكالەتچىلىكنى چوقۇم باش شىركەتنىڭ تەلىپى بويىچە ئېلىپ بېرىشى كېرەك)؛

(7) تاللانغان ئەڭ نادىر جاۋابلىرى «ئەلدوست كارخانا باشقۇرۇش بىلىملىرى قامۇسى»غا كىرگۈزۈلۈپ، ئاشكارا نەشىر قىلىنىپ پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىتىلىدۇ. جاۋاب بەرگۈچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشىمۇ كىتابقا كىرگۈزۈلىدۇ.

3. ئۈچىنچى دەرىجە ئېرىشىدىغان مۇكاپات

(1) ئۈچىنچى دەرىجىگە 10 ئادەم تەسسىسلىنىدۇ؛

(2) ئۈچىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ھەر بىر ئادەمگە 2000 يۈەندىن نەق پۇل مۇكاپات بېرىلىدۇ (ناۋادا نەق پۇلنىڭ ئورنىغا شىركىتىمىزنىڭ «ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى»نى ئالماقچى بولسا، ھەر بىر قۇتىسى ئېتىبار باھادا پۇلغا سۇندۇرۇلۈپ بېرىلىدۇ)؛

(3) ئەلدوست شىركىتىگە تەكلىپ قىلىنىپ، باش شىركەت، بالا شىركەت ياكى تارماق شىركەتنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىگە قويۇلىدۇ؛

(4) باش شىركەتكە رەسمىي قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، بەش يىللىق ئەمگەك توختامى تۈزۈلۈپ، 5 سۇغۇرتىغا تولۇق قاتناشتۇرۇلىدۇ؛

(5) ناۋادا ئۈچىنچى دەرىجىگە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىچىدە شىركىتىمىزنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى ئېلىش نىيىتى بارلار بولسا، باش شىركەت شۇ كىشىنىڭ ۋاكالەتچىلىك سالاھىيىتىنى تۇرغۇزۇپ، ۋاكالەتچىلىك ھەققىنى %20 كېمەيتىش بىلەن تەڭ، ھەر قايسى جەھەتتە ئېتىبار سىياسەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ.

(ئەمما، بىرىنچىدىن، تۇرۇشلۇق ئورنى چوقۇم ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ رايونىدىن باشقا رايونلاردا بولۇشى ياكى ئۈرۈمچىدىن باشقا شەھەر، ناھىيىلەردە بولۇشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، تۇرۇشلۇق ئورنىدا چوقۇم شىركىتىمىزنىڭ ۋاكالەتچىلىرى بولماسلىقى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، ۋاكالەتچىلىكنى چوقۇم باش شىركەتنىڭ تەلىپى بويىچە ئېلىپ بېرىشى كېرەك)؛

(6) تاللانغان ئەڭ نادىر جاۋابلىرى «ئەلدوست كارخانا باشقۇرۇش بىلىملىرى قامۇسى»غا كىرگۈزۈلۈپ، ئاشكارا نەشىر قىلىنىپ پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىتىلىدۇ. جاۋاب بەرگۈچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشىمۇ كىتابقا كىرگۈزۈلىدۇ.

4. يۇقىرىقى ئۈچ دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر باش شىركەت ئۇيۇشتۇرغان نەق مەيدان مۇكاپاتلاش چوڭ يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىپ، نەق مەيداندا مۇكاپاتلىنىدۇ.

نەق مەيدان مۇكاپاتلاش چوڭ يىغىنىغا ھەر قايسى تېلېۋىزىيە، رادىئو ئىستانسىسىلىرى ۋە گېزىتخانىلاردىكى مۇخبىرلار تەكلىپ قىلىنىپ، نەق مەيداندا سۈرەتكە ئېلىنىدۇ ۋە ھەر قايسى ئاخبارات ئورگانلىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

5. تۆتىنچى، بەشىنچى ۋە ئالتىنچى دەرىجە ئېرىشىدىغان مۇكاپات

(1) ھەر بىر سوئالغا بىر يۈەندىن مۇكاپات ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ، 350 سوئالغا توغرا ھەم ئەقىلگە مۇۋاپىق جاۋاب بەرگەندە، ئاندىن مۇكاپات ھېسابلىنىدۇ؛

(2) تۆتىنچى، بەشىنچى ۋە ئالتىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەنلەرگە 350 يۈەندىن 749 يۈەنگىچە (بەرگەن جاۋابىنىڭ سانىغا قارىتا بېكىتىلىدۇ) نەق پۇل مۇكاپات بېرىلىدۇ (ناۋادا نەق پۇلنىڭ ئورنىغا شىركىتىمىزنىڭ «ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى»نى ئالماقچى بولسا، ھەر بىر قۇتىسى ئېتىبار باھادا پۇلغا سۇندۇرۇلۈپ بېرىلىدۇ)؛

(3) ئەلدوست شىركىتىنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىلىنىدىغان ئەزىز مېھمىنى ئورنىدا ئەنگە ئېلىنىدۇ.

ئەزىز مېھمان ـــ ئالماس دەرىجىلىك مېھمان (شىركىتىمىزنىڭ ئىككى يىللىق مۇقىم خېرىدارى)، ئالتۇن دەرىجىلىك مېھمان (شىركىتىمىزنىڭ بىر يېرىم يىللىق مۇقىم خېرىدارى) ۋە كۈمۈش دەرىجىلىك مېھمان (شىركىتىمىزنىڭ بىر يىللىق مۇقىم خېرىدارى) دەپ ئۈچكە ئايرىلىدۇ.

تۆتىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر ئالماس دەرىجىلىك مېھمان قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ ھەم شىركىتىمىزنىڭ ھەر قانداق بىر مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغاندا ياكى داۋالىشىنى قوبۇل قىلغاندا، %25 ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولغاندىن سىرت، ئالىي مۇلازىمەتتىنمۇ بەھرىمان بولالايدۇ؛

بەشىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر ئالتۇن دەرىجىلىك مېھمان قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ ھەم شىركىتىمىزنىڭ ھەر قانداق بىر مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغاندا ياكى داۋالىشىنى قوبۇل قىلغاندا، %20 ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولغاندىن سىرت، ئالىي مۇلازىمەتتىنمۇ بەھرىمان بولالايدۇ؛

ئالتىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر كۈمۈش دەرىجىلىك مېھمان قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ ھەم شىركىتىمىزنىڭ ھەر قانداق بىر مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغاندا ياكى داۋالىشىنى قوبۇل قىلغاندا، %15 ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولغاندىن سىرت، ئالىي مۇلازىمەتتىنمۇ بەھرىمان بولالايدۇ؛

(4) سوئالغا ئالاھىدە ياخشى جاۋاب بەرگەنلەر باش شىركەتكە تەكلىپلىك قوبۇل قىلىنىپ، كەسىپ جەھەتتە 3 ئايلىق ھەقسىز تەربىيىلىنىدۇ ھەم مۇۋاپىق خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛

(5) خىزمەتكە رەسمىي ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، بەش يىللىق ئەمگەك توختامى تۈزۈلىدۇ ھەم بەش سۇغۇرتىغا تولۇق قاتناشتۇرۇلىدۇ؛

(6) ناۋادا تۆتىنچى، بەشىنچى ۋە ئالتىنچى دەرىجىگە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىچىدە شىركىتىمىزنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى ئېلىش نىيىتى بارلار بولسا، باش شىركەت شۇ كىشىنىڭ ۋاكالەتچىلىك سالاھىيىتىنى تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئاندىن ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقىنى بېرىپ، ھەر قايسى جەھەتتە ئېتىبار سىياسەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ.

(ئەمما، بىرىنچىدىن، تۇرۇشلۇق ئورنى چوقۇم ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ رايونىدىن باشقا رايونلاردا بولۇشى ياكى ئۈرۈمچىدىن باشقا شەھەر، ناھىيىلەردە بولۇشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، تۇرۇشلۇق ئورنىدا چوقۇم شىركىتىمىزنىڭ ۋاكالەتچىلىرى بولماسلىقى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، ۋاكالەتچىلىكنى چوقۇم باش شىركەتنىڭ تەلىپى بويىچە ئېلىپ بېرىشى كېرەك)؛

(7) تاللانغان ئەڭ نادىر جاۋابلىرى «ئەلدوست كارخانا باشقۇرۇش بىلىملىرى قامۇسى»غا كىرگۈزۈلۈپ، ئاشكارا نەشىر قىلىنىپ پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىتىلىدۇ. جاۋاب بەرگۈچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشىمۇ كىتابقا كىرگۈزۈلىدۇ.

ئىككىنچى، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارغا قويۇلىدىغان شەرتلەر

1. ئەلدوست شىركىتىنىڭ تور بېكىتىگە ئەزا بولۇشى كېرەك. ئەزا بولغۇچىلار ئەزالىققا تىزىملىتىش جەدۋىلىگە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى، QQ نومۇرى، ئالاقە ئادرېسى، تېلېفون ياكى يانفون نومۇرى، ئىلخەت ئادرېسى ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالىنى چوقۇم تولۇق تولدۇرۇشى كېرەك.

يېڭى ئەزا بولغانلارنىڭ ئەزالىق ئىلتىماسى 12 سائەتنىڭ ئىچىدە تەستىقلىنىدۇ.

2. ھەر قايسى دەرىجىلەرنىڭ جاۋاب بېرىش ئۆلچىمى

(1) بىرىنچى دەرىجە

900 ~ 1000 سوئالغىچە توغرا، تەپسىلىي ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق جاۋابلارنى بېرىشى كېرەك؛

(2) ئىككىنچى دەرىجە

800 ~ 899 سوئالغىچە توغرا، تەپسىلىي ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق جاۋابلارنى بېرىشى كېرەك؛

(3) ئۈچىنچى دەرىجە

750 ~ 799 سوئالغىچە توغرا، تەپسىلىي ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق جاۋابلارنى بېرىشى كېرەك؛

(4) تۆتىنچى دەرىجە

600 ~ 749 سوئالغىچە توغرا، تەپسىلىي ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق جاۋابلارنى بېرىشى كېرەك؛

(5) بەشىنچى دەرىجە

500 ~ 649 سوئالغىچە توغرا، تەپسىلىي ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق جاۋابلارنى بېرىشى كېرەك؛

(6) ئالتىنچى دەرىجە

350 ~ 499 سوئالغىچە توغرا، تەپسىلىي ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق جاۋابلارنى بېرىشى كېرەك.

...

ئۈچىنچى، سوئاللاردىن قىسقىچە ئۈزۈندە

كارخانا قىسمى

1. كارخانا دېگەن نېمە؟

2. كارخانا قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟ ئۇلار قايسىلار؟

3. كارخانا ئۆلچىمى دېگەن نېمە؟

4. كارخانا ئۆلچىمى نېمىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ؟

5. كارخانا قانۇنى دېگەن نېمە؟

6. كارخانا قانۇنىنىڭ رولى نېمە؟

7. كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە دېگەن نېمە؟

8. كارخانا قانۇنىدا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىگە قويۇلىدىغان شەرتلەر قايسى؟

9. كارخانا قۇرۇشتا قايسى رەسمىيەتلەرنى ئۆتۈش كېرەك؟

10. كارخانا قۇرۇشتا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرى قايسىلار؟

...

بازار تىجارىتى (ماركېتىڭ) قىسمى

1. تىجارەت دېگەن سۆزنى قانداق چۈشىنىسىز؟

2. تىجارەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى نېمە؟

3. تىجارەتنىڭ ئۆلچىمى بولامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟

4. تىجارەتنىڭ چېكى بولامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟

5. تىجارەت قىلىش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟ نېمە ئۈچۈن؟

6. تىجارەتكە ماھىر ئادەملەرنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

7. تىجارەتچىلەر بىلەن كارخانىچىلارنىڭ پەرقى نېمە؟

8. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تىجارەت ئۇسۇللىرى قايسىلار؟

9. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس تىجارەت ئۇسلۇبى بارمۇ-يوق؟ مىسال ئېلىڭ؟

10. ئۇيغۇرلار قايسى خىل تىجارەتكە ماھىر كېلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟

11. ئۇيغۇرلارغا ئەڭ ماس كېلىدىغان تىجارەت تۈرلىرى قايسىلار؟ نېمە ئۈچۈن؟

...

مۇھاكىمە سوئاللىرى قىسمى

ئىككىنچى، مەلۇم تاللا بازىرى بىرلا ۋاقىتتا ئىككى كارخانىنىڭ قېتىقىنى كىرگۈزگەن، بۇ قېتىقلار تەم ۋە مىقدار جەھەتتە ئوخشاشكەن، ئەمما تاللا بازىرى بۇ ئىككى قېتىققا ئوخشاش باھا قويمىغان، يەنى ئا كارخانىنىڭ قېتىقىغا 1.00 يۈەن، ب كارخانىنىڭ قېتىقىغا 0.98 يۈەن باھا قويغان. تاللا بازىرى بىر مەزگىللىك سېتىلىش ئەھۋالىنى كۆزەتكەندىن كېيىن، ب كارخانىنىڭ قېتىقىنىڭ ئا كارخانىنىڭ قېتىقىدىن 1.6 ھەسسە كۆپ سېتىلغانلىقىنى بايقىغان.

سوئال:

969. تاللا بازىرى بۇ ئىككى خىل قېتىققا ئايرىم-ئايرىم ھالدا، قايسى خىل باھا قويۇش ئىستراتېگىيىلىرىنى قوللانغان؟

970. نېمە ئۈچۈن ب كارخانىنىڭ قېتىقىغا قوللانغان ئىستراتېگىيە ئۇتۇق قازانغان؟

971. بۇ ئىككى خىل ئىستراتېگىيىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

972. ب كارخانىنىڭ قېتىقىغا قوللانغان باھا قويۇش ئىستراتېگىيىسىنى خالىغان مەھسۇلاتقا قوللانسا، يەنىلا ئۇتۇق قازىنالامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟

ئۆزىڭىزنى بىر سىناپ كۆرگىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكى مەرھەمەت دېگەن خەتنى چېكىڭ:

 مەرھەمەت 

ئالاقىلاشقۇچى: فېردون ھەسەن 

ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 13899994355

باھا
قايتىش
قايتىش
ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئىنكاس قالدۇرغۇچى ئىنكاس مەزمۇنى ۋاقتى

ئىنكاس يوللاش جەمئى پارچە ئىنكاس بار
ئەزا نامى:
پارول:
تەستىق نۇمۇر:
يۇشۇرۇن يوللاش
تەۋىسىيە قىلىنغىنى
ئالاقىدار ماقالە
يېڭى يوللانغىنى
كۆپ كۇرۇلگىنى
  Google