ئوزۇقلۇق بىلەن روھىي ئامىلنىڭ مۇناسىۋىتى روھىي ئامىل بەدەننىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، روھىي ئامىلنىڭ بەدەنگە تەسىر كۆرسىتىشى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ فۇنكسىيىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. روھىي ئامىلغا سىرتقى كۈچ تەسىر كۆرسەتكەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ فۇنكسىيىسىنى نورمال ئورۇنداش ئۈچۈن، نېرۋا سىستېمىسىنى تەشكىل قىلغۇچى ھەرقايسى ئەزا ياكى توقۇلمىلار نورمال ئىقتىدارىنى جارىي قىلدۇرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇ ئەزا ياكى توقۇلمىنى تەشكىل قىلغۇچى ھۈجەيرە نورمال ياشاش ۋە كۆپىيىش شارائىتى (نورمال تېمپېراتۇرا، نورمال بېسىم، نورمال ماددا زىچلىقى)غا ئىگە بولغاندىن سىرت، ئۆلچەملىك ئوزۇقلۇققا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئەگەر مۇشۇ ھۈجەيرىلەر ئۆلچەملىك ئوزۇقلۇققا ئىگە بولالمىغاندا، كۆپىيىشى ئاستىلاپ ياكى توختاپ، كۆپ مىقداردا ئۆلۈشكە باشلايدۇ. نەتىجىدە ئەزا ياكى توقۇلمىلارنىڭ ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ، نېرۋا سىستېمىسى قالايمىقانلىشىدۇ. بەدەننىڭ قايسى قىسمىنى باشقۇرۇش نېرۋىلىرىدا ئاجىزلىشىش كۆرۈلسە، گەرچە شۇ قىسىمدىكى ئەزا ياكى توقۇلمىلار ئۆلچەملىك ئوزۇقلۇققا ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ، فۇنكسىيىسى نورمال باشقۇرۇلماي ياكى يىتەكلەنمەي، تەشكىل قىلغۇچى ھۈجەيرىنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈشىنى ۋە ياكى گېن زەنجىرىدىكى ھۈجەيرە ئۆزگۈرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا جايلاشقان چوڭ مېڭە قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەزا ياكى توقۇلمىلارنى ھەر ۋاقىت ئۆلچەملىك ئوزۇقلۇق شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ تورۇشى كېرەك. گەرچە بىز نېرۋا سىستېمىسىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەزا ياكى توقۇلمىلار ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلارنى مۇكەممەل يەتكۈزۈپ بەرگەن بولساقمۇ، ئەگەر سىرتقى ئامىل تەسىرىدىن روھىي ھالىتىمىزدە زور ئۆزگىرىش بولسا، يەنى زىيادە جىددىيلىشىش كۆرۈلسە ياكى زور دەرىجىدە پەسلەش كۆرۈلسە، نېرۋا سىستېمىسىدىكى ئەزالار ياكى توقۇلمىلارنى تەشكىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىدە تېزلىشىش، تويۇقسىز زىيادە ئاستىلاش ۋە ئۆلۈش سۈرئىتى تېزلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. نەتىجىدە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ باشقۇرۇش فۇنكسىيىسى ئاجىزلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەزالارنى ۋە توقۇلمىلارنى باشقۇرۇش، يېتەكلەش نورمال بولماي، شۇ ئەزالارنىڭ ئاجىزلىشىپ كېسەل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تېمپېراتۇرا، بېسىم ۋە روھىي ئامىللارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندە بېسىم ئۆرلەيدۇ، قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش تېزلىشىدۇ، نېرۋا سىستېمىسىدىكى ئەزا ۋە توقۇلمىلارنى تەشكىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ. روھىي ھالەت ئەسلىدە تۆۋەن بولغان بولسا تېزلىشپ نورماللىشىدۇ، ئەسلىدە نورمال بولغان بولسا تېزلىشىش جىددىي ھالەتكە ئۆتىدۇ. نورمال ھالەتكە ئۆتكەندە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئەزالار ۋە توقۇلمىلارنى باشقۇرۇش، يېتەكلەش فۇنكسىيىسى ياخشى بولىدۇ. ئەگەر جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن بولسا، ئەزالار ۋە توقۇلمىلارنى باشقۇرۇش، يېتەكلەش فۇنكسىيىسى تېزلىشىپ، نورمال تەرتىپ بۇزۇلۇپ شۇ ئەزالار ۋە توقۇلمىلارنى تەشكىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلەشتۈرىدۇ ھەمدە ئۆلۈشىنىمۇ تېزلەشتۈرىدۇ، نەتىجىدە ئەزا ۋە توقۇلمىلاردا كېسەل پەيدا بولىدۇ. ئەگەر تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولسا بېسىممۇ تۆۋەن بۇلۇپ، قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش ئاستىلاپ، نېرۋا سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى ئەزا ۋە توقۇلمىلارغا يەتكۈزۈلىدىغان ئۆلچەملىك ئوزۇقلۇق تولۇق يەتكۈزۈلمەي شۇ قىسىملاردىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشى ئاستىلاپ، ئەسلىدىكى نورمال روھىي ئامىل تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. روھىي ئامىل تۆۋەنلەپ كەتكەندە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ باشقا ئەزالارنى باشقۇرۇش فۇنكسىيىسى ئاجىزلاپ، شۇ باشقۇرۇلىدىغان ئەزالارنى تۈزگۈچى ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئۆلۈشى تېزلىشىپ، بۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئەزالاردا كېسەل كېلىپ چىقىدۇ. ئوزۇقلۇق بىلەن تۇرمۇش ئادىتىنىڭ مۇناسىۋىتى بەدىنىمىز ياخشى تۇرمۇش ئادىتى مۇھىتىدا ئۆلچەملىك ئوزۇقلۇققا ئىگە بولالىغاندا ھەرقايسى ئەزالار ۋە توقۇلمىلارنى تەشكىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەر نورمال ياشاش ۋە كۆپىيىش شارائىتىغا ئىگە بولۇپ، بەدىنىمىز ساغلام ھالىتىنى ساقلاپ ماڭىدۇ. ئەگەر ھۈجەيرىلەر نورمال ياشاش ۋە كۆپىيىش شارائىتىغا كۆنۈپ، رېتىملىق بىر خىل ئادەتكە ئايلانغان ئەھۋالدا، تۇرمۇش ئادىتىمىزنى تويۇقسىز ئۆزگەرتسەك، ھۈجەيرىلەرگە يېتىپ كېلىدىغان ئوزۇقلۇق ئۆلچىمى ئۆزگىرىدۇ، بۇنى ھۈجەيرىلەر قوبۇل قىلالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆپىيىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئۆلۈش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئۈچ ۋاق ئۆلچەملىك تاماقنىڭ ۋاقتى، مىقدارى، پىششىقلاپ ئىشلىنىش ئۇسۇلى، تەرتىپى ۋە تەركىبىدە ئۆزگىرىش بولسا، بەدىنىمىزدىكى ھەرقايسى ئەزا ۋە ياكى ھەرقايسى توقۇلمىلارنى تەشكىل قىلىدىغان ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ھۈجەيرىلەر ئۆزلىرى نورمال ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان، ئوخشىمىغان تەركىبتىكى ئوزۇقلۇق ماددىلىرىغا ئىگە بولالمايدۇ. نەتىجىدە ئەزا ۋە توقۇلمىلارنىڭ فۇنكسىيىسى نورمال ئېلىپ بېرىلماي، كېسەللىك پەيدا بولىدۇ، كونكرېت ئىپادىلىرى ئالدى بىلەن نېرۋا سىستېمىسىدا كۆرۈلىدۇ. چۈنكى ئالدى بىلەن نېرۋا سىستېمىلىرىنىڭ ھەرقايسى ئەزا ياكى توقۇلمىلارغا تۇتاشقان نېرۋا تۈگۈنلىرىدىكى ھۈجەيرىلەر ئۆلچەملىك ئوزۇقلۇققا ئىگە بولالمايلا قالماي، ئۆلچەمسىز ئوزۇقلۇقنى سۈمۈرىۋېلىپ نورمال كۆپىيىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئۆلۈش سۈرئىتى تېزلىشپ، سىستېما دائىرىسىدىكى ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ھەم قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىلا ئۆلچەمسىز ئوزۇقلۇقنى قوبول قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان باشقا باشقۇرۇلغۇچى ئەزا ياكى توقۇلمىلارغا خاتا بۇيرۇق يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ نورمال فۇنكسىيىسىنى بۇزىدۇ. نەتىجىدە مۇشۇ خاتا ئوزۇقلىنىش تۇرمۇش ئادىتى سەۋەبىدىن ھەرقايسى ئەزا ۋە توقۇلمىلىرىمىز پەيدىنپەي زىيانغا ئۇچراپ كېسەل بولىدۇ. ئەگەر ئوزۇقلىنىش ئادىتىمىز ۋە تۈرلۈك روھىي ئامىللار نورمال بولغان ئەھۋال ئاستىدا كۈندىلىك تۇرمۇش ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك ھەرىكەت تولۇق بولمىسا قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش ئاستا بولىدۇ. يېمەكلىكلەرنىڭ پارچىلىنىپ ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىشى ئاستا بولۇپ، ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقتىن تېمپېراتۇرا چۈشۈپ، بېسىم تۆۋەنلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن چوڭ مولىكۇلىلىق ماددىلار تولۇق پارچىلانماي، ئىنچىكە تومۇرلارغا كەپلىشىپ قېلىپ ئۆتەلمەي، قىل قان تومۇرلار ئارقىلىق ھۈجەيرىلەرگە بارىدىغان ئوزۇقلۇق تەركىبىنى توسۇپ قويىدۇ-دە، نەتىجىدە ھۈجەيرىلەر ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇققا ئىگە بولالماي، كۆپىيىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئۆلۈش سۈرئىتى تېزلىشىپ كېتىدۇ. ئاخىرىدا بەدىنىمىزدىكى ھەر قايسى ئەزالار ۋە توقۇلمىلارنىڭ فۇنكسىيىسى ئاجىزلىشىپ كېسەل بولىدۇ. ئەگەر ھەرىكەت مىقدارى بەدەن ئېھتىياجىدىن كۆپ ئېشىپ كەتسە ئېنېرگىيە زىيادە خوراپ، ئوخشاشلا بەدەن تېمپۇراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، ماس ھالدا بېسىممۇ تۆۋەنلەپ قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش ئاستىلاپ، ئوخشاشلا ھەرىكەت ئاز بولغاندىكى كۆرۈلىدىغان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. خىزمەت مىقدارى زىيادە ئېشىپ كەتكەندە، دەم ئېلىش ۋاقتى زىيادە قىسقا بولغاندا، ئۇخلاش ۋاقتى زىيادە قىسقا بولغاندا، بەدەندىكى ئېنېرگىيە خوراش زىيادە كۆپ بولۇپ، بەدەن تېمپۇراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، ماس ھالدا بېسىممۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. خىزمەت ۋاقتى زىيادە قىسقا، دەم ئېلىش ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن، ئۇخلاش ۋاقتى زىيادە كۆپ بولغاندا قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش ئاستا بولۇپ، ئېنېرگىيە ھاسىل بولۇش سۈرئىتىمۇ ئوخشاشلا ئاستا بولۇپ، بەدەننىڭ نورمال ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي، يەنىلا بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئوخشاشلا بېسىممۇ تۆۋەنلەيدۇ. نەتىجىدە ئوخشاشلا ئالدىنقى ھەرىكەت قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان نورمالسىز ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. تېمپېراتۇرا، بېسىم، روھىي ئامىل، تۇرمۇش ئادىتىنىڭ مۇناسىۋىتى تۇرمۇش ئادىتىمىز نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۈندىلىك ئوزۇقلىنىش، كۈندىلىك خىزمەت، كۈندىلىك ھەرىكەت، كۈندىلىك ئۇيقۇ قاتارلىق تۆت كۆرسەتكۈچ ئىچىدە ئوزۇقلۇق مىقدارى كۆپ بولسا، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال ھالەتتىن ئۆرلەپ كېتىدۇ، بېسىممۇ يۇقىرىلاپ كېتىدۇ، روھىي ھالەتتىمۇ جىددىيلىك كۆرۈلىدۇ. نەتىجىدە قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ، ئەمما ماددا ئالمىشىش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ باشقۇرۇش فۇنكسىيىسى قالايمىقانلىشىدۇ، بەدىنىمىزدىكى ھەر قايسى ئەزا ياكى توقۇلمىلاردىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى تېزلىشىپ كېتىدۇ، ئۆلۈش سۈرئىتىمۇ ئوخشاشلا تېزلىشىپ كېتىدۇ. بېسىم سەۋەبىدىن ئايرىم قىسىملىرىدا توسالغۇ پەيدا بولۇپ، ماددا ئالمىشىش ئاستىلاپ، ئەزا ياكى توقۇلمىلاردىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدۇ، ئۆلۈش سۈرئىتى تېزلىشىپ كېتىدۇ. يۇقارقى تۆت كۆرسەتكۈچ ئىچىدە تاماق مىقدارى ئاز بولسا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىزمەت، ھەرىكەت، ئۇيقۇ زىيادە كۆپ بولسىمۇ ۋە ياكى زىيادە ئاز بولسىمۇ بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەيدۇ، ئوخشاشلا بېسىممۇ تۆۋەنلەيدۇ، روھىي ھالەتمۇ پەسلەپ كېتىدۇ. نەتىجىدە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ باشقۇرۇش فونكسىىيىسى ئالدى بىلەن قالايمىقانلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇلغۇچى ئەزا ياكى توقۇلمىلارنىڭ فۇنكسىيىسىدىمۇ قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئۆلۈش سۈرئىتى تېزلىشىپ كېتىدۇ، ئاخىرىدا بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.
|