ئوزۇقلۇق بىلەن يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى دېگىنىمىز: تومۇرلاردىكى توسالغۇلار سەۋەبىدىن نورمال قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش ھاسىل قىلالماسلىق سەۋەبىدىن قان-تومۇر، يۈرەك ۋە مېڭە قاتارلىق ئەزا ياكى توقۇلمىلاردىكى ھۈجەيرىلەر ئۆلچەملىك ئوزۇقلۇقلارغا ئىگە بولالماي، كۆپىيىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، نەتىجىدە بۇ ئورۇنلار ئاجىزلاپ ئۆزلىرىنىڭ نورمال فۇنكسىيىسىنى تولۇق ئادا قىلالمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوزۇقلىنىشتىكى توغرا بولمىغان ئادەت ۋە ئۆلچەمسىز يېمەكلىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنى مۇشۇ يېمەكلىكلەر تەرتىپ بويىچە تولۇق پارچىلانماي توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. ئوزۇقلۇق بىلەن قان بېسىمىنىڭ مۇناسىۋىتى قان بېسىمىنىڭ شەكىللىنىشى قان قويۇقلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قان قويۇلغاندا قان ئايلىنىش ئاستىلاپ، ئوكسېگىننىڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ-دە، ئوزۇقلۇق تەركىبىدىكى ئېنېرگىيە ھاسىل قىلغۇچى ماددىلار تولۇق پارچىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماي، ئېشىنچە ساقلىنىش جەريانىدا تويۇنغان مايغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. قان تەركىبىدىكى ئارتۇقچە ماي بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئارىلاپ تۇيۇقسىز تۆۋەنلىشى جەريانىدا قان تومۇر دىۋارىغا ھەمدە ھۈجەيرە ئارىلىقلىرىغا چۆكمىگە چۈشۈپ، قان تومۇردا توسۇلۇش پەيدا قىلىدۇ. يۈرەكتىن كۈچلۈك ئېتىلىپ چىققان قان توسالغۇ پەيدا بولغان تومۇر بۆلىكىدىن ئۆتكىچە ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ، تارىيىپ قالغان قىسىلچاقتىن ئۆتۈپ بولالماي بېسىم شەكىللىنىدۇ. قىل قان تومۇر ياكى ھۈجەيرىلەر ئارىلىقىغا قىسىلىپ قالغان توسۇقتىن ئۆتۈپ بولالماي ئوخشاشلا بېسىم شەكىللىنىدۇ. ئادەتتە بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن قان ئايلىنىشنى ئاستىلىتىشقا توغرا كېلىدۇ، قان ئايلىنىشنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن قاننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسسىقلىق سۈمۈرىدىغان يېمەك-ئىچمەكنى يېيىشكە توغرا كېلىدۇ. قان سوۋۇغاندىن كېيىن قاننىڭ قويۇقلۇقى كېمىيىپ ئېقىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، قان بېسىمىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. ئەمما تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، قاندىكى تېخى تولۇق تارقىلىپ كەتمىگەن ماي تەركىبلىرى تېخىمۇ كۆپ چۆكمىگە چۈشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قان بېسىمىنىڭ دەرىجىسى تېخىمۇ ئېغىرلايدۇ. قاندىكى ماينىڭ مىقدارى كۆپەيگەنسېرى جىگەرنىڭ ماينى پارچىلاش بېسىمى تېخىمۇ ئېغىرلاپ، ئىقتىدارى ناچارلىشىدۇ. ئۆت سويۇقلۇقى ئىشلەش يېتەرلىك بولماي، جىگەر ۋە ئۆتتە تۈرلۈك ئەگەشمە كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. جىگەرنىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن قاندىكى پارچىلانمىغان ماي ۋە ئەخلەتلەر تېز كۆپىيىپ بۆرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ، شېكەر تارقىلىپ كېتەلمەي، پەيدىنپەي دىئابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەكنىڭ سىقىپ چىقىرىش بېسىمى ئېشىپ كىلاپان يوغىناش ۋە يۈرەك زەئىپلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. قايتىپ كېلىدىغان قاننىڭ سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا، يۈرەككە قان يىتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ. ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆلۈشى تېزلىشىپ، تۈرلۈك ئۆپكە كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ. قانغا يېتەرلىك ئوكسېگىن بىرىكەلمىگەچكە، مېڭىگە ئوكسېگىن يىتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆپكىگە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق تەمىنلەنمىگەچكە، ئۆپكىنىڭ ھاۋانى تازىلاپ ئوكسېگىن يەتكۈزۈپ بىرىش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدۇ. يۇقارقى بىر يۈرۈش كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى قان قويۇقلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەمدە قان بېسىمىنى داۋالاش جەريانىدىكى خاتا چۈشەنچە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قان قويۇقلۇقىنىڭ كېلىپ چىقىشى ئاسان پارچىلانمايدىغان يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنىڭ نىسبىتى، پارچىلاشقا ياردەم بېرىدىغان باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنىڭ نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەملىك ساقلىمىغانلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ. شۇڭا قان بېسىمىنى داۋالاشتا شېكەر، ماي، ئاقسىل قاتارلىق ئېنېرگىيە ھاسىل قىلالايدىغان تەركىبلەرگە ياردەم بېرىدىغان ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلارنىڭ تەركىبىنى مۇئەييەن نىسبەتتە تەڭشەپ، تىمپراتۇرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق قان تومۇر ۋە ھۈجەيرە ئارىلىقلىرىغا چۆكمە بولۇپ قالغان ماي قاتارلىق يۇقىرى مولىكۇلىلىق تەركىبلەرنى ئالدى بىلەن پارچىلاپ، تازىلاپ چىقىرىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ خاتا ھالدا ۋاقتىنچە بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، چۇقۇم ئىلمىي قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوزۇقلۇق تەركىبىنى تولۇقلاپ مەسلىنى تېگىدىن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. يەنى قاننىڭ تېمپېراتۇرىسنى چۈشۈرۈۋەتمەسلىك ئەھۋالى ئاستىدا، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
|