ئوزۇقلۇقنىڭ راك كېسەللىگى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى - شىنجاڭ ئەلدوست بىئو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ | ئەزالار مەركىزى | مۇنبەر | ئالاقىلىشىڭ | 中文
ئىزدەش:

ئورنىڭىز:باشبەت > مەركەزلىرىمىز > ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش مەركىزى جەمئى پارچە ئىنكاس بار

ئوزۇقلۇقنىڭ راك كېسەللىگى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ۋاقتى:2010-03-24 00:36:53  مەنبەسى:ئەلدوس شىركىتى  يوللىغۇچى:ئەلدوس   ئاۋاتلىغى:2030

ئوزۇقلۇقنىڭ راك كېسەللىگى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

  راك ھۈجەيرىسى دېگىنىمىز: نورمال ھۈجەيرىنىڭ گېن زەنجىرىدىكى مەلۇم ھالقىنىڭ تۈزۈلۈشى جەھەتتە ئۆزگىرىش ياسىلىپ، باشقا شەكىلگە ئۆزگەرگەندىن كېيىن، ئاشۇ ئۆزگەرگەن زەنجىر ھالقىسىنى بويلاپ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، ئايرىم ھۈجەيرە ھالىتىنى ھاسىل قىلغان بولىدۇ، ئۇنىڭ بۆلۈنۈش تەرەققىياتى ئادەتتىكى نورمال ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈش تەرەققىياتىغا قارىغاندا تېزراق سۈرئەتتە بۆلۈنەلەيدىغان ھالەتتە بولىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىش ئىككى سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ: بىرى، راك ھۈجەيرىسىنىڭ ئېرسىيەت يوشۇرۇن تۈزۈلۈشى مەۋجۈت بولمىغان ئادەتتىكى نورمال ھۈجەيرىلەرگە تۇيۇقسىز سىرتقى كۈچ كۈچلۈك تەسىر قىلىش سەۋەبىدىن گېن زەنجىرى ھالقىسىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ، مەسىلەن: روھىي جەھەتتىن كۈچلۈك سىرتقى كۈچنىڭ غىدىقلىشى، كۈچلۈك رادىئاتسىيە نۇرىنىڭ تەسىر قىلىشى، ئۆتكۈر زەھەرلىك خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ تىز تەسىر قىلىشى قاتالىقلار؛ يەنە بىرى، راك ھۈجەيرىسىنىڭ گېن زەنجىرى ھالقىسىدا ئاسان ئۆزگىرىپ كېتەلەيدىغان يۇشۇرۇن ھالەتتىكى تۈزۈلۈشكە ئىگە ئېرسىيەت ئامىلى ساقلانغان، مۇكەممەل بولمىغان ھۈجەيرىلەر ئوزۇقلىنىشتىكى نورمال بولمىغان ئادەتلەر سەۋەبىدىن، ئۆلچەمسىز بولغان ئوزۇقلۇقلارنى قۇبۇل قىلىپ، تەكرار غىدىقلىنىش سەۋەبىدىن گېن زەنجىرى ھالقىسىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ.

  ھاياتلىق ئۇزۇقلىقىنىڭ راك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش پىرىنسىپى:

  راك كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ توغرا پرىنسىپى راك ھۈجەيرىسىنىڭ گېن زەنجىرىنى بۇزۇش ئارقىلىق ئۇنى ئۆلتۈرۈپ داۋالاش بىلەن بىللە، ئەتراپتىكى نورمال ھۈجەيرىلەرنى كۆپەيتىپ، توقۇلمىسىنى زورايتىپ، نورمال توقۇلمىلار ئارقىلىق راك توقۇلمىلىرىنى قورشاپ، ئوزۇقلۇقتىن ئايرىۋېتىپ ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق داۋالاش كېرەك. ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى راك ھۈجەيرىسى زەنجىرى ھالقىسىدىكى مەلۇم تەركىبلەرنى سۈمۈرۈپ بىرىكىۋىلىش ئارقىلىق زەنجىر ھالقىسىنى بۇزۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرەلەيدىغان تەركىب بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئوزۇقلۇق نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىپ، نورمال توقۇلمىلارنى تېز سۈرئەتتە زورايتىپ، راك ھۈجەيرىسىنى قورشاش ئارقىلىق داۋالاش ئىلىپ بارىدۇ.

باھا
قايتىش
قايتىش
ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئىنكاس قالدۇرغۇچى ئىنكاس مەزمۇنى ۋاقتى

ئىنكاس يوللاش جەمئى پارچە ئىنكاس بار
ئەزا نامى:
پارول:
تەستىق نۇمۇر:
يۇشۇرۇن يوللاش
تەۋىسىيە قىلىنغىنى
ئالاقىدار ماقالە
    ھازىرچە ئۇچۇر يوق
يېڭى يوللانغىنى
كۆپ كۇرۇلگىنى
  Google