ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى توغرىسىدا ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى ئۇيغۇر تىبابەت نەزەرىيىسى، غەرب تىبابەت نەزەرىيىسى، مىكرو ئورگانىزىم ئىلمى ۋە ھۈجەيرە ئىلمىنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشى ئاساسىدا ئۇزۇن مۇددەت تەتقىق قىلىنىپ، ئادەم فىزىئولوگىيىسىنىڭ تۈپ قانۇنىيىتى، يەنى ھۈجەيرىنىڭ كۆپىيىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن يېڭىچە ئوزۇقشۇناسلىق ئىلمى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. بۇ ئوزۇقلۇقنى تەتقىق قىلىش 1996-يىلى تىبابەت تەتقىقاتى ئاساسىدا باشلانغان. 1998-يىلى رەسمىي ئوزۇقشۇناسلىق نەزەرىيىسى ئاساسىدا تەتقىقات يۆنۈلۈشى يېڭىلانغان. 2006- يىلى رەسمىي تۇنجى نۇسخىسى مەيدانغا كېلىپ، مۇئەييەن دەرىجىدە كېسەل داۋالاشنى باشلىغان. 2008-يىلى مۇكەممەللىشىپ، چوڭ كۆلەمدە كېسەل داۋالاشنى باشلىغان. نۆۋەتتە تەتقىقات تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ ئىقتىدارى داۋاملىق يېڭىلانماقتا. ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى بىئولوگىيىلىك ئۇسۇلدا ئايرىش، بىرىكتۈرۈش، سۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، بىئوئېنزىمنىڭ كۈچلۈك پارچىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ياسالغان، كۆرۇنىشى تۇتۇق، دۇغسىمان ھالەتتە بولۇپ، ئوخشىمىغان رەڭدە بولىدۇ. تىنچ قويۇپ قويغاندا سۈزۈك ھالدىكى چۆكمىگە ئايرىلىپ قالىدۇ. پۇرىقى ئېچىتما پۇرىقىغا ئوخشايدۇ، تەمى چۈچۈك، قىرتاق ھالەتتە بولۇپ، قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىنمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ ماڭىدۇ. بارغانچە قۇۋۋىتى ئېشىپ، تەمى قىرتاقلىشىپ ماڭىدۇ، (تەركىۋىدە ھىچقانداق ئىسپىرىت مەۋجۇت ئەمەس). يۇقارقى ئالامەتلەر بۇ ئوزۇقلۇقنىڭ تەبىئىي ئالاھىدىلىكى. خام ئەشياسى كۈندىلىك ئىستېمالىمىزدىكى يېمەكلىكلەردىن مېغىزلار، قارا ئاشلىقلار، كۆكتاتلار، مېۋە-چىۋىلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ياسىلىپ چىققاندىن كېيىنكى مەھسۇلاتنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ۋىتامىن، مىنېراللار، بىئو-ئىشقارلار، ئېنزىملار، تەبىئىي ھورمۇنلار، ئامىنو كىسلاتالىرى، تويۇنمىغان ماي كىسلاتالىرىنىڭ تېخىمۇ كىچىك مولىكۇلا بىرىكمىلىرى ۋە تېخى تولۇق ئېنىقلاپ بولالمىغان، تېخىمۇ مۇرەككەپ بىئولوگىيىلىك تەركىبلەر مەۋجۇت. ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىنىڭ قاندىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش رولى ئىلمىي ئاساستا ئىسپاتلاندى شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممېۋى گىگېنا ئىنىستىتۇتى ئوزۇقلۇق ۋە يېمەكلىك گىگېنىسى كافېدراسىنىڭ «ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىنىڭ قاندىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش رولى ئۈستىدىكى تەتقىقات» نەتىجىسى ئېلان قىلىندى! 实测数据(单位) | 检测项目 | 实测数据(单位) | 检测项目 | 0.023mg/100g | 维生素 B1 | 2.95% | 蛋白质 | 2.60mg/100g | 维生素 B2 | 1.0% | 粗脂肪 | 0.088mg/100g | 烟酸 | 4.81mg/100g | 维生素 C | 14.65% | 亚油酸 | 0.094mg/100g | β - 胡萝卜素 | 0.007mg/100g | 总黄酮 | 7.81x10mg/100g | 维生素 D3 | | | 0.152mg/100g | a- 维生素 E | Cu(mg/L) | Se(mg/L) | Mn(mg/L) | Zn(mg/L) | Fe(mg/L) | Mg(mg/L) | Ca(mg/L) | 矿物质 | 0.037 | 0.11 | 0.045 | 2.03 | 8.08 | 216.50 | 58.50 | 含量 | | | | | | | | | | | |
ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى بازارغا سېلىنغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. مەزكۇر مەھسۇلات ئارقىلىق نۇرغۇن بىمارلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ساقىيالمىغان ياكى ساقىيىش مۇمكىنچىلىكى يوققا چىقىرىلغان ئېغىر كېسەللىكلىرى شىپا تاپتى. بۇ ھەقتە تېلېۋىزور، گېزىت-ژۇرنال قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە مەخسۇس پىروگىراممىلار ئىشلىنىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ يېڭى شەيئى (ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقلىرى)غا قارىتا چۈشەنچىسى چوڭقۇرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ناتوغرا رىقابەت، ساختا ساغلاملىق دورىلىرى يامراۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېھتىياتچانلىقىنى ئەلۋەتتە قۇۋۋەتلەيمىز. شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمىزكى، ئەقىللىق خەلقىمىز راست بىلەن يالغاننى، ئىلمىي تەتقىقات ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن مەھسۇلاتلار بىلەن ئېلانغا زورلاپ جان ساقلاۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ پەرقىنى بىلىپ يېتەلەيدۇ! ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىنىڭ بەدەن سۈپىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەدەن سۈپىتىنىڭ يوقۇرى-تۆۋەن بولۇشى ھەربىر ئەزا ياكى توقۇلمىلارنى تەشكىل قىلغۇچى ئوخشاش بولمىغان تۈرلۈك ھۈجەيرىلەر سۈپىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھۈجەيرىلەرنىڭ گېن تۈزۈلۈشى ۋە ماددا قورۇلمىسى ـ ئۇزۇقلىنىش ئۆلچىمى، ئادىتى، سىرتقى مۇھىت، پسىخىك روھى ھالەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بەدەن سۈپىتى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ توقۇلما ھۈجەيرىلىرىدە ئوخشاش بولمىغان تۈرلۈك ھۈجەيرىلەرنىڭ نىسبىتى نورمال ھالەتتىن زور پەرقلىق بولىدۇ. مۇكەممەل تۈزۈلۈشكە ئىگە بولغان ھۈجەيرىلەرنىڭ سانى نورمال ساندىن ئاز بولىدۇ، ئۆمرى قىسقا ياكى مۇكەممەل تۈزۈلۈشكە ئىگە بولالمىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ سانى نورمال ساندىن جىقراق بولىدۇ. ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ئوزۇقلۇق قورۇلمىسىغا ئاساسەن ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى بولغاچقا، بەدەن سۈپىتى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ توقۇلمىسىدىكى مۇكەممەل تۈزۈلۈشكە ئىگە بولۇپ بولالمىغان ياكى ئۆمرى قىسقىراپ كەتكەن ھۈجەيرىلەرنىڭ تۈزۈلۈشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۆمرىنى ئۇزارتىپ، شۇنداقلا ئۆمرى ئوزۇن ياكى مۇكەممەل تۈزۈلۈشكە ئىگە بولغان ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلەشتۈرۈپ، سانىنى ئاشۇرۇپ، بەدەن سۈپىتىنى پەيدىنپەي يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بەدەن سۈپىتى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ توقۇلمىسىدىكى تۈرلۈك ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلەشتۈرۈپ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەن سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرىلايدۇ ھەمدە ئۆمرىمۇ ئۇزىرايدۇ. ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىنىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. شۇنىڭغا ماس ھالدا ئوزۇقلىنىش ئادىتى، بەدەن سۈپىتى ۋە پسىخىكىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. مۇشۇ ئوخشىماسلىققا ماس ھالدا ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىمۇ ئوخشىمىغان ئوزۇقلۇق ئۆلچىمىدە ياسىلىپ چىقىلىدۇ. چۈنكى بۇ ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى نوقۇل قېلىپلاشقان ھالدىكى بىر خىل رېتسىپنىلا ئاساس قىلماستىن، ئۆزگىچە ئوزۇقلىنىش ۋە داۋالاش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. A تۈردىكى ھاياتلىق ئوزۇقلۇقنى ئىچىش قوللانمىسى 1.ماس كېلىدىغان كېسەللىك دائىرىسى: ياخشى ياكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى، راك بىمارلىرى، كېسەللىك تارىخى ئۇزىراپ كەتكەن سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ھەم بەدەن قۇۋۋىتى زىيادە ئاجىزلاپ كەتكەن بىمارلار، ھەرخىل تۇبىركىليۇز خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، رىماتىزىم، بوغۇم ياللۇغى، سۆڭەك ئۆسۈش، بەل ئۇمۇرتقا كېسەللىكلىرى، بالياتقۇ ۋە بۆرەكتە سۇلۇق قاپارتقۇ پەيدا بولغانلار، ئەيدىز بىمارلىرى، چېكىملىككە(ئاق تاماكىغا) ۋە ئىچىملىككە خۇمار بولغانلار، ئېغىرراق مەزى بېزى ياللۇغى ياكى يوغىناش، جاھىل خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلىرى، ھەرخىل جىگەر ياللۇغى(يەنى ئا، ب ياكى س تېپلىق جىگەر ياللۇغى)، جىگەر قېتىش 2.ئىچىش ئۆلچىمى: تاماقتىن 20مىنۇت كېيىن كۈنىگە 3-5 ۋاخقىچە ئىچىلىدۇ، ئاچ قورساق ئىچىشكە ھەم ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئارقىدىنلا قايناقسۇ ئىچىشكە ياكى قايناقسۇغا تەڭشەپ ئىچىشكە بولمايدۇ. كەچلىك ئىچىش ۋاقتى چوقۇم يېتىشتىن 2 سائەت بۇرۇن بولۇشى كېرەك. ئىچىش مىقدارىنى بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن مەسئۇل دوختۇر بەلگىلەپ بېرىدۇ. 3.ئىچكەندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر: دەسلەپ ئىچىشنى باشلىغان ۋاقىتلاردا بەدەندە بوش قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، يېرىم سائەتكىچە يوقاپ كەتسە نورمال بولغان بولىدۇ (ئاز ساندىكى بىمارلاردا قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن). ئەگەر بەدەندە كۈچلۈكرەك قىزىش ، قىزىش ۋاقتى ئۇزىراش، كۆڭلى ئېلىشىش، ئىشتەي تۇتۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئوزۇقلۇقنىڭ ئىچىش مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك. ئىچىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، كېسەللىك ئەھۋالىدا قوزغاش بولىدۇ، يەنى كېسەللىك بار ئورۇنلاردا ئاغرىش، كېسەللىك بار شۇ جاينىڭ تېرە قىسمىغا ئۇششاق نەرسىلەر ئۆرلەش، زۇكام بولغاندەك بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىش، بەدەن تەرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ تېرە كېسەللىكىدە تېخى سىرىتقا نىسبەتەن ئاشكارىلىنىپ چىقمىغان يوشۇرۇن ھالەتتىكى كېسەل مىكروبلىرىنىمۇ قايتىدىن ئاشكارىلاپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كېسەللىك دائرىسىدە كېڭىيىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن. كېسەل تارىخىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، كېسەللىك ئەھۋالى ۋە بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن قوزغاش دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنداق چاغلاردا چوقۇم مەسئۇل دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىش ھەمدە كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش لازىم. 4.ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش ماس كەلمەيدىغان كېسەللىك دائىرىسى: زىققا، ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك زەئىپلەشكەنلەر، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان رىماتىزىم، كەڭ دائىرىلىك قان نوكچىسى پەيدا بولغانلار، تۈرلۈك جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، ئۆپكىسى تېشىلگەن ياكى تېشىلىپ ئەسلىگە كەلگەنلەر ئىچىشكە بولمايدۇ. 5.چەكلىنىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەر: ئىسىغا قاقلاپ پىشۇرۇلغان كاۋاپ، توخۇ قورۇمىسى، يەلقازان شورپىسى، زىخلىك يېمەكلىك قاتارلىق ئاچچىق-چۈچۈك، خۇشپۇراقلىق يېمەكلىكلەر، ئاقمۇچ، قارىمۇچ، زىرە، كاۋاۋىچىن قاتارلىق تەم تەڭشىگۈچلەر، سوغۇق ئىچىملىكلەر (%100 لىك مىۋە سۈيى بۇنىڭ سىرتىدا)، قۇيماق، ساڭزا، قورىغان تۇخۇم، راڭپىزا، سېرىق ئاش، مىفىن، گەنبىيەن سومەن، تەييار چۆپ، تورت، ماروژنا، مېۋە ئۇيۇتمىسى، ئوراپ قاچىلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. 6.دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: (1)يۈرەك كېسىلى، قان بېسىم، مېڭە پارالىچ، رىماتىزىم، دىئابىت ۋە راك كېسەللىكلىرى ئىستېمال قىلىۋاتقان دورا-ئوكۇللارنى ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنى باشلىغان مەزگىلدە بىراقلا توختىتىۋېتىشكە بولمايدۇ، داۋالاش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشى، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، مەسئۇل دوختۇرنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا ئاستا-ئاستا ئازايتىپ توختىتىدۇ. (2)ئېغىزدا شۆلگەي پەيدا بولسا، ئاشقازىنى كۆپۈپ زەردىسى قاينىسا، چوڭ تەرەتنىڭ رەڭگى قارامتۇل ھەم زىيادە قاتتىق كەلسە، پۇت-قول ماغدۇرسىزلانسا، بەدەن توڭۇپ تىترىسە، بەدەننىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتكەنلىك بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەسەل سۈيى تەڭشەپ ئىچىش(دىئابىت بىمارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)، تاماقتىكى سەيلەرنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، شورپا ئىچىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تەڭشەيمىز. (3)ئېغىز قۇرۇپ كۆپ ئۇسسسا، ئىككى چىكە چىڭقىلىپ ئاغرىسا، قورساق مۇجۇپ ئاغرىسا، چوڭ تەرەت يېپىشقاق كەلسە، بەدەننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلىك بولىدۇ. بۇ چاغدا بەدەنگە كۆپرەك نەملىك تولۇقلاش بىلەن بىرگە تاماقتىكى سەيلەرنڭ تۈرى ۋە مىقدارىنى كۆپەيتىش، ئانار ياكى نەشپۈت قاتارلىق مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك. 7.تاماق رىسالىسى: ئەسكەرتىش: ئەگەر بىمارلار مۇشۇ رىسالە بويىچە ئۆلچەملىك ئوزۇقلانسا، ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ تېز بولىدۇ. ئەتىگەنلىك غىزا: بىر دانە ياڭاق، 3 دانە بادام مېغىزى، 4 دانە ئۆرۈك مېغىزى، بىر قوشۇق قۇناق ئۇنى، بىر قوشۇق بۇغداي ئۇنى، بىر قوشۇق نۇقۇت ئۇنى، بىر دانە تۇخۇم، مۇۋاپىق مىقداردا بەسەي، پالەك، شوخلا، قارا مور، سۇ. تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن ياڭاق، مېغىزلارنى سوقۇپ ئېزىپ ئۇنلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، سو قۇيۇپ، ئۈستىگە تۇخۇمنى چېقىپ بىر سائەت قاينىتىمىز، ئاندىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ (تويمىسىڭىز ئۈستىگە يەنە بىرئاز نان سېلىپ ئىچسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئاۋارچىلىق ھىس قىلسىڭىز، بىر بولاق تالقاننى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا چېلىپ ئاندىن تۇخۇمنى سېلىپ يۇقارقى سەيلەرنى سېلىپ، يېرىم سائەت ئەتراپىدا قاينىتىپ، ئاندىن ئۈستىگە نان سېلىپ ئىچسىڭىز بولىدۇ). ئاندىن يىرىم سائەت ئەتراپىدا ئوزۇقلۇق سۇيۇقلىقىنى ئىچىدۇ. قەنت تەركىبى بار يېمەكلىكلەرنى، ئاچچىق-چۈچۈك ۋە خۇشپۇراق يېمەكلىكلەرنى، تاۋۇز-قۇغۇن، ھۆل مېۋىلەرنى، تۈرلۈك ئوراپ قاچىلانغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ. (ئەيدىز بىمارلىرىغا چەكلەنمەيدۇ). B تۈردىكى ھاياتلىق ئوزۇقلۇقنى ئىچىش قوللانمىسى 1.ماس كېلىدىغان كېسەللىك دائىرىسى: يېڭىدىن پەيدا بولغان ياكى كېسەللىك ۋاقتى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ھەرخىل ياللۇغ تۈرىدىكى كېسەللىكلەر يەنى ئېغىز بوشلۇقى ۋە بۇرۇن ياللۇغى، كاناي، ئۆپكە، نەپەس يولى ياللۇغى، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى(يۈرەك زەئىپلىشىپ كەتكەن بولسا ماس كەلمەيدۇ)، يىنىك دەرىجىدىكى قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، تۇربا يولى ياللۇغى، سۈت بېزى ياللۇغى، ئاشقازان ئاستى بېزى خىزمىتى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن بولغان دىئابىت(بىرلەمچى دىئابىت)، بەدەن سوۋۇپ كەتكەن، ئاشقازان، بۆرەك سوۋۇپ كەتكەن بىمارلار. 2.ئىچىش ئۆلچىمى: تاماقتىن 20مىنۇت كېيىن كۈنىگە 3-5 ۋاخقىچە ئىچىلىدۇ، ئاچ قورساق ئىچىشكە ھەم ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئارقىدىنلا قايناقسۇ ئىچىشكە ياكى قايناقسۇغا تەڭشەپ ئىچىشكە بولمايدۇ. كەچلىك ئىچىش ۋاقتى چوقۇم ئۇخلاشتىن 2 سائەت بۇرۇن بولۇشى كېرەك. ئىچىش مىقدارىنى بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن مەسئۇل دوختۇر بەلگىلەپ بېرىدۇ. 3.ئىچكەندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر: دەسلەپ ئىچىشنى باشلىغان ۋاقىتلاردا بەدەندە بوش قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، يېرىم سائەتكىچە يوقاپ كەتسە نورمال بولغان بولىدۇ (ئاز ساندىكى بىمارلاردا قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن). ئەگەر بەدەندە كۈچلۈكرەك قىزىش ، قىزىش ۋاقتى ئۇزىراش، كۆڭلى ئېلىشىش، ئىشتەي تۇتۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئوزۇقلۇقنىڭ ئىچىش مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك. ئىچىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، كېسەللىك ئەھۋالىدا قوزغاش بولىدۇ، يەنى كېسەللىك بار ئورۇنلاردا ئېچىشىش، ئاغرىش، قىچىشىش، كېسەللىك بار شۇ جاينىڭ تېرە قىسمىغا ئۇششاق نەرسىلەر ئۆرلەش، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىش، بەدەن تەرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ قۇزغاش ئالاھىدىلىكى ئاشقازان ۋە كاناي ياللۇغلىرىدا كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، چۈنكى ئوزۇقلۇق بىۋاستە ئۇچراشقاندا قوزغاش سەل كۈچلۈكرەك بولىدۇ. كېسەل تارىخىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، كېسەللىك ئەھۋالى ۋە بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن قوزغاش دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنداق چاغلاردا چوقۇم مەسئۇل دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىش ھەمدە كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش لازىم. 4.ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش ماس كەلمەيدىغان كېسەللىك دائىرىسى: زىققا، ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك زەئىپلەشكەنلەر، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان رىماتىزىم، كەڭ دائىرىلىك قان نوكچىسى پەيدا بولغانلار، تۈرلۈك جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، ئۆپكىسى تېشىلگەن ياكى تېشىلىپ ئەسلىگە كەلگەنلەر ئىچىشكە بولمايدۇ. 5.چەكلىنىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەر: كۆمۈر ئىسىغا قاقلاپ پىشۇرۇلغان كاۋاپ، توخۇ قورۇمىسى، يەلقازان شورپىسى، زىخلىق يېمەكلىك قاتارلىق ئاچچىق-چۈچۈك، خۇشپۇراقلىق يېمەكلىكلەر، ئاقمۇچ، قارىمۇچ، زىرە، كاۋاۋىچىن قاتارلىق تەم تەڭشىگۈچلەر، سوغۇق ئىچىملىكلەر(%100لىك مىۋە شەربىتى بۇنىڭ سىرتىدا)، قۇيماق، ساڭزا، قورىغان تۇخۇم، راڭپىزا، سېرىق ئاش، مىفىن، گەنبىيەن سومەن، تەييار چۆپ، تورت، ماروژنا، مېۋە ئۇيۇتمىسى، ئوراپ قاچىلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. 6.دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: (1)يۈرەك كېسىلى، قان بېسىم، مېڭە پارالىچ، رىماتىزىم، دىئابىت ۋە راك كېسەللىكلىرى ئىستېمال قىلىۋاتقان دورا-ئوكۇللارنى ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنى باشلىغان مەزگىلدە بىراقلا توختىتىۋېتىشكە بولمايدۇ، داۋالاش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشى، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، مەسئۇل دوختۇرنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا ئاستا-ئاستا ئازايتىپ توختىتىدۇ. (2)ئېغىزدا شۆلگەي پەيدا بولسا، ئاشقازىنى كۆپۈپ زەردىسى قاينىسا، چوڭ تەرەتنىڭ رەڭگى قارامتۇل ھەم زىيادە قاتتىق كەلسە، پۇت-قول ماغدۇرسىزلانسا، بەدەن توڭۇپ تىترىسە، بەدەننىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتكەنلىك بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەسەل سۈيى تەڭشەپ ئىچىش(دىئابىت بىمارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)، تاماقتىكى سەيلەرنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، شورپا ئىچىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تەڭشەيمىز. (3)ئېغىز قۇرۇپ كۆپ ئۇسسسا، ئىككى چىكە چىڭقىلىپ ئاغرىسا، قورساق مۇجۇپ ئاغرىسا، چوڭ تەرەت يېپىشقاق كەلسە، بەدەننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلىك بولىدۇ. بۇ چاغدا بەدەنگە كۆپرەك نەملىك تولۇقلاش بىلەن بىرگە تاماقتىكى سەيلەرنڭ تۈرى ۋە مىقدارىنى كۆپەيتىش، ئانار ياكى نەشپۈت قاتارلىق مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك. (4)قوزغاش قىلغان ۋاقىتتا باشقا داۋالاشلارنى ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ، قوزغاش بولغاندا چوقۇم مەسئۇل دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىش كېرەك. 7.تاماق رىسالىسى: ئەسكەرتىش: ئەگەر بىمارلار مۇشۇ رىسالە بويىچە ئۆلچەملىك ئوزۇقلانسا، ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ تېز بولىدۇ. ئەتىگەنلىك غىزا: ① يېرىم قۇشۇق ھەسەل، بىر تال تۇخۇم، 100 گىرام سۈت، بىر قۇشۇق قارا شېكەر (دىئابېت بىمارلىرى شېكەرنى قوشمايدۇ، ئەمما ھەسەلنى بىر قوشۇق، سۈتنى 200 گىرام قوشىدۇ)، مۇۋاپىق مىقداردا پالەك، سەۋزە، چامغۇر (ھەممىسى ئۇششاق چانىلىدۇ ھەمدە مىقدارىنى ئازدىن سالىمىز) ۋە سۇ. تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قارا شېكەرنى ئېرىتىۋېلىپ، توخۇمنى تۆكۈپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز، ئاندىن سەيلەرنى سېلىپ كۈچلۈكرەك ئوتتا 20 مىنوت قاينىتىمىز، 10 مىنۇت تۇرغۇزۇپ ھەسەلنى تۆكۈپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇمىز، ئاخىرىدا ئازراق نان سېلىپ يۇمشىغاندا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. يۇقارقىدەك ناشتىلىق قىلىپ بولۇپ، يېرىم سائەتتىن كىيىن ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ② بىر دانە ياڭاق، 3 دانە بادام مېغىزى، 4 دانە ئۆرۈك مېغىزى، بىر قوشۇق قۇناق ئۇنى، بىر قوشۇق بۇغداي ئۇنى (دىئابېتلارغا بۇغداي ئۇنى قوشۇلمايدۇ، ئەمما يېرىم قۇشۇق نۇقۇت ئۇنى قوشۇلىدۇ)، بىر دانە تۇخۇم، مۇۋاپىق مىقداردا بەسەي، پالەك، شوخلا، قارا مور، سۇ (ھەممىسى چانىلىدۇ ھەمدە مىقدارى ئازدىن قوشۇلىدۇ). تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن ياڭاق، مېغىزلارنى سوقۇپ ئېزىپ، ئۇنلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، سو قۇيۇپ، ئۈستىگە تۇخۇمنى چېقىپ، بىر سائەت قاينىتىمىز، ئاندىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ (تويمىسىڭىز ئۈستىگە يەنە بىرئاز نان سېلىپ ئىچسىڭىز بولىدۇ). C تۈردىكى ھاياتلىق ئوزۇقلۇقنى ئىچىش قوللانمىسى 1.ماس كېلىدىغان كېسەللىك دائىرىسى: بۇ تۈردىكى ئوزۇقلۇق سويۇقلۇقى مەخسۇس يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى ئۈچۈن ياسالغان يەنى يۇقىرى قان بېسىم، قان قويۇقلۇق، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ۋە ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش، يۈرەك ۋە مېڭە قان-تومۇرلىرى توسۇلۇش، يۈرەك ۋە مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، ۋىنا تومۇرلىرىدا كۆپۈپ شەكىل ئۆزگىرىش، ئۇيقۇسىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، جىگەرنى ماي قاپلاش، قان ئازلىق، يۈرەك تىقىلمىسى، تاجىسمان يۈرەك كېسىلى، ئىككىلەمچى دىئابىت ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلىرى 2.ئىچىش ئۆلچىمى: تاماقتىن 20مىنۇت كېيىن كۈنىگە 3-5 ۋاخقىچە ئىچىلىدۇ، ئاچ قورساق ئىچىشكە ھەم ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئارقىدىنلا قايناقسۇ ئىچىشكە ياكى قايناقسۇغا تەڭشەپ ئىچىشكە بولمايدۇ. كەچلىك ئىچىش ۋاقتى چوقۇم يېتىشتىن 2 سائەت بۇرۇن بولۇشى كېرەك. ئىچىش مىقدارىنى بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن مەسئۇل دوختۇر بەلگىلەپ بېرىدۇ. 3.ئىچكەندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر: دەسلەپ ئىچىشنى باشلىغان ۋاقىتلاردا بەدەندە بوش قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، يېرىم سائەتكىچە يوقاپ كەتسە نورمال بولغان بولىدۇ (ئاز ساندىكى بىمارلاردا قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن). ئەگەر بەدەندە كۈچلۈكرەك قىزىش ، قىزىش ۋاقتى ئۇزىراش، كۆڭلى ئېلىشىش، ئىشتەي تۇتۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئوزۇقلۇقنىڭ ئىچىش مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك. ئىچىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، كېسەللىك ئەھۋالىدا قوزغاش بولىدۇ، يەنى بۇ جەرياندا يۇقىرى قان بېسىمى ياكى قان-تومۇردا توسۇلۇش بار بولغان ئايرىم بىمارلاردا ئوزۇقلۇق سويۇقلۇقىنى ئىچكەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا قان بېسىمى ئۆرلەپ قالىدىغان، باش سەل چىڭقىلىپ ئاغرىيدىغان، يۈرەك ھەرىكىتى نورمالسىزلىشىدىغان، قاننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى سەل ئېشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئەگەر قان-تومۇلاردىكى توسۇلۇش ئېغىر ياكى بۇرۇن ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغان ۋە ياكى ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغانلاردا بەدەنگە قىزىل ئۇششاق ياكى سۇلۇق قاپارتقۇ ئۆرلەش، قىچىشىش، چىڭقىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.كېسەل تارىخىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، كېسەللىك ئەھۋالى ۋە بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن قوزغاش دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنداق چاغلاردا چوقۇم مەسئۇل دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىش ھەمدە كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش لازىم. 4.ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش ماس كەلمەيدىغان كېسەللىك دائىرىسى: زىققا، ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك زەئىپلەشكەنلەر، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان رىماتىزىم، كەڭ دائىرىلىك قان نوكچىسى پەيدا بولغانلار، تۈرلۈك جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، ئۆپكىسى تېشىلگەن ياكى تېشىلىپ ئەسلىگە كەلگەنلەر ئىچىشكە بولمايدۇ. 5.تاماق رىسالىسى: ئەسكەرتىش: ئەگەر بىمارلار مۇشۇ رىسالە بويىچە ئۆلچەملىك ئوزۇقلانسا، ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ تېز بولىدۇ. ئەتىگەنلىك غىزا: بىر دانە ياڭاق، 3 دانە بادام مېغىزى، 4 دانە ئۆرۈك مېغىزى، بىر قوشۇق قۇناق ئۇنى، بىر قوشۇق بۇغداي ئۇنى (دىئابېتلارغا بۇغداي ئۇنى قوشۇلمايدۇ، ئەمما يېرىم قۇشۇق نۇقۇت ئۇنى قوشۇلىدۇ)، بىر قۇشۇق يېشىل پۇرچاق ئۇنى، بىر دانە تۇخۇم، مۇۋاپىق مىقداردا بەسەي، پالەك، شوخلا، قارا مور (سەيلەر ئۇششاق چانالغان)، سۇ. تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن ياڭاق، مېغىزلارنى سوقۇپ ئېزىپ ئۇنلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، سوغا قۇيۇپ، ئۈستىگە تۇخۇمنى تۆكۈپ ئارىلاشتۇرۇپ بىر سائەت قاينىتىمىز، ئاندىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ (تويمىسىڭىز ئۈستىگە يەنە بىرئاز نان سېلىپ ئىچسىڭىز بولىدۇ). بارلىق بىمارلار چۈشلۈك ۋە كەچلىك غىزانى تۆۋەندىكى رىتسىپلار بويىچە مۇۋاپىق تەڭشەپ يىسە بولىدۇ. چۈشلۈك غىزا: ① مۇۋاپىق مىقداردىكى قوي گۆشى (چوقۇم قارا گۆش بولىشى كېرەك)، سەۋزە، چامغۇر، بەسەي، پالەك، شوخلا، چىڭسەيلەرنىڭ ھەربىرىدىن 10 گىرام تەييارلايمىز. ئاۋۋال گۆشنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا ئۇزاق قاينىتىپ، يۇمشاپ پىشقاندا تەييارلانغان سەيلەرنى ئۇششاق چاناپ سېلىپ بىرلىكتە قاينىتىپ، تۇزىنى تەڭشەپ سۈيىگە ئۈگرە، چۆپ ياكى نان سېلىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ، ئەمما بەك قىززىق ھالەتتە ئىچىشكە بولمايدۇ. قان قويۇق، قاندا ماي بار ۋە بىرلەمچى دىئابېت بىمارلىرىدىن باشقىلارغا ماس كېلىدۇ. يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى ئىچىدۇ. ② توخۇ گۆشى 75 گىرام، كەپتەر گۆشى 75 گىرام، سەۋزە، چامغۇر، بەسەي، پالەك، شوخلا، چىڭسەي قاتارلىقلانىڭ ھەربىرىدىن 10 گىرام ئەتراپىدا تەييارلايمىز. ئاۋۋال توخۇ گۆشى بىلەن كەپتەر گۆشىنى يۇمشاق چانايمىز. مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا شورپىسى يۇمشىغىچە قاينىتىمىز. ئاندىن تەييارلانغان سەيلەرنى ئۇششاق چاناپ، بىرلىكتە شورپىغا تۆكۈپ قاينىتىمىز، پىشقاندىن كېين تۇز تەمىنى تېتىپ، چۆپ ياكى نان سېلىپ ئىستمال قىلسا بولىدۇ. ئەمما بەك قىززىق ھالەتتە ئىچىشكە بولمايدۇ. قان قويۇق، قاندا ماي بار بىمارلاردىن باشقىلارغا ماس كېلىدۇ. يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى ئىچىدۇ. ③ قوي پاچىقى2 تال، سەۋزە، چامغۇر، بەسەي، پالەك، شوخلا، چىڭسەي قاتارلىقلانىڭ ھەربىرىدىن 10 گىرام ئەتراپىدا تەييارلايمىز. ئاۋۋال پاچاقنىڭ گۆشى بىلەن ئۇستخىنىنى ئايرىيمىز (پىشۇرۇلغان پاچاق گۆشى بولسا ئەڭ مۇۋاپىق) ۋە يۇمشاق چانايمىز. پاچاق گۆشىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا بىر چىنە قالغۇچە قاينىتىمىز، پاچاق گۆشى قايناپ پۈتۈنلەي ئېزىلىپ كەتكەندە (ئېزىلىپ كەتمىسە قاننى قويۇلدۇرىدۇ)، تەييارلانغان سەيلەرنى ئۇششاق توغراپ بىرلىكتە قايىنتىمىز. قاينىتپ بولغاندىن كېين تۇزىنى تەڭشەپ، ئۈگرە، چۆپ ياكى نان سېلىپ ئىستمال قىلسا بولىدۇ. ئەمما بەك قىززىق ھالەتتە ئىچىشكە بولمايدۇ، بارلىق بىمارلارغا ماس كېلىدۇ. يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى ئىچىدۇ. ④ نېپىز يېيىلغان چۆپنىڭ ئۈستىگە قورۇلغان سەي سېلىپ يېسە بولىدۇ. يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى ئىچىدۇ. دىئابېت بىمارلىرىدىن باشقىلارغا ماس كېلىدۇ. ⑤ يۇمشاق دۈملەنگەن گۈرۈچ (ئىتتىك ھەزىم بولىدىغان)نىڭ ئۈستىگە قورۇلغان سەي سېلىپ يېسە بولىدۇ. يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى ئىچىدۇ. ئاساسىي جەھەتتىن بارلىق كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدۇ. ⑥ ئىككى تال پاچاق، 20 گىرام بۇغداي، 20 گىرام قۇناق، 20 گىرام سېرىق پۇرچاق، 20 گىرام يېشىل پۇرچاق، 20 گىرام نۇقۇت، سەۋزە، چامغۇر، ياڭيۇ، بەسەي، پالەك، شوخلا، لازىلارنىڭ ھەر بىرىدىن 3 گىرامدىن، پىياز، سامساقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 5 گىرامدىن، 2 كىلو سۇ. تەييارلارش ئۇسۇلى: قوي پاچىقى بىلەن دانلىق ئاشلىقلارنى، سەۋزە، چامغۇر، ياڭيۇلارنى توغراپ، 2 كىلو سۇدا 2 سائەت ئەتراپىدا قاينىتىپ، تولۇق پىشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن سۇ مىقدارى بىر چىنىدىن ئاز بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئەگەر قايناپ بەك ئازلاپ كەتسە، ئۈستىگە يەنە تولۇقلاش كېرەك. ئاخىرىدا قالغان سەيلەرنى سېلىپ، بىر قاينىتىۋېتىپ توختىتىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ. تەخمىنەن يېرىم سائەت ئەتراپىدا ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىنى ئىچىدۇ. بۇ رېتسىپ بارلىق كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدۇ. ⑦ بۇغداي، گۈرۈچ، قۇناق، ئاراپا، سېرىق پۇرچاق، يېشىل پۇرچاق، نۇقۇتلارنىڭ ئۇنىنى ئوخشاش مىقداردا قوشۇپ، نان يېقىپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. قېتىق بىلەن ئىستېمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ رېتسىپ قان قويۇق، قاندا ماي بار ۋە بىرلەمچى دىئابېت كېسەللىكلىرىگە بەكرەك مۇۋاپىق كېلىدۇ. كەچلىك غىزا: سۇيۇق-سەلەڭ (دىئابېتلار زىيادە سۇيۇق تاماقلارنى يېيىشكە بولمايدۇ) ياكى سىڭىشلىك تاماقلارنى يەيدۇ، ئېغىر تائاملارنى يېيشكە، بەك تويۇنۇپ كېتىشكە بولمايدۇ. يېنىك، تېز ھەزىم بولىدىغان تاماقلارنى (بۇلارنىڭ ھىچقايسىسىغا دورا-دەرمان، تەم تەڭشىگۈچ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ) يېيىشكە بولىدۇ. يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى ئىچىدۇ. چەكلىنىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەر: ئىسىغا قاقلاپ پىشۇرۇلغان كاۋاپ، توخۇ قورۇمىسى، يەلقازان شورپىسى، زىخلىك يېمەكلىك قاتارلىق ئاچچىق-چۈچۈك، خۇشپۇراقلىق يېمەكلىكلەر، ئاقمۇچ، قارىمۇچ، زىرە، كاۋاۋىچىن قاتارلىق تەم تەڭشىگۈچلەر، سوغۇق ئىچىملىكلەر(%100لىك مىۋە شەربىتى بۇنىڭ سىرتىدا)، قۇيماق، ساڭزا، قورىغان تۇخۇم، راڭپىزا، سېرىق ئاش، مىفىن، گەنبىيەن سومەن، تەييار چۆپ، تورت، ماروژنا، مېۋە ئۇيۇتمىسى، ئوراپ قاچىلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. بىرلەشتۈرۈپ ئىچىشكە بولمايدىغان دورىلار: (1) ھورمونلۇق دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىچىشكە بولمايدۇ. (2)ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى يەنى كالتىسىي، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىق مېنىرال ماددا تولۇقلايدىغان مەھسۇلاتلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىچىشكە بولمايدۇ. ساقلاش ۋاقتى ۋە مۇھىتى: ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىنىڭ ساقلاش ۋاقتى 18ئاي بولۇپ، ئائىلىدە چوقۇم نورمال ئۆي تېمپىراتورىسىدا ساقلاش كېرەك، توڭلاتقۇغا سېلىشقا بولمايدۇ. ھەر قېتىم ئىچىشتىن ئىلگىرى تەكشى ئارىلاشتۇرىۋېتىپ ئاندىن ئىچىش كېرەك. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: (1)يۈرەك كېسىلى، قان بېسىم، مېڭە پارالىچ، رىماتىزىم، دىئابىت ۋە راك كېسەللىكلىرى ئىستېمال قىلىۋاتقان دورا-ئوكۇللارنى ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنى باشلىغان مەزگىلدە بىراقلا توختىتىۋېتىشكە بولمايدۇ، داۋالاش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشى، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، مەسئۇل دوختۇرنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا ئاستا-ئاستا ئازايتىپ توختىتىدۇ. (2)ئېغىزدا شۆلگەي پەيدا بولسا، ئاشقازىنى كۆپۈپ زەردىسى قاينىسا، چوڭ تەرەتنىڭ رەڭگى قارامتۇل ھەم زىيادە قاتتىق كەلسە، پۇت-قول ماغدۇرسىزلانسا، بەدەن توڭۇپ تىترىسە، بەدەننىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتكەنلىك بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەسەل سۈيى تەڭشەپ ئىچىش(دىئابىت بىمارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)، تاماقتىكى سەيلەرنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، شورپا ئىچىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تەڭشەيمىز. (3)ئېغىز قۇرۇپ كۆپ ئۇسسسا، ئىككى چىكە چىڭقىلىپ ئاغرىسا، قورساق مۇجۇپ ئاغرىسا، چوڭ تەرەت يېپىشقاق كەلسە، بەدەننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلىك بولىدۇ. بۇ چاغدا بەدەنگە كۆپرەك نەملىك تولۇقلاش بىلەن بىرگە تاماقتىكى سەيلەرنڭ تۈرى ۋە مىقدارىنى كۆپەيتىش، ئانار ياكى نەشپۈت قاتارلىق مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.
|