ئەلدوست ئوزۇقشۇناسلىق نەزەرىيىسى - شىنجاڭ ئەلدوست بىئو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ | ھويلام | مۇنبەر | ئالاقىلىشىڭ | 中文
ئىزدەش:

ئورنىڭىز:باشبەت > مەركەزلىرىمىز > ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش مەركىزى جەمئى پارچە ئىنكاس بار

ئەلدوست ئوزۇقشۇناسلىق نەزەرىيىسى

ۋاقتى:2010-07-26 15:49:32  مەنبەسى:  يوللىغۇچى:   ئاۋاتلىغى:1073

ئەلدوست ئوزۇقشۇناسلىق نەزەرىيىسى

ئوزۇقلۇق ۋە كېسەللىك  

  ئوزۇقلۇق بەدەن سىرتىدىن تەمىنلەنگەن، ئادەمنىڭ ھاياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدىغان، ئادەم بەدىنىنى ئېنېرگىيە ۋە كېرەكلىك ماددىلار بىلەن تەمىنلەپ بېرىدىغان تەركىبلەرنى كۆرسىتىدۇ.

   ئورگانىزىمنى تۈزگۈچى ئەزا ياكى توقۇلمىلارنىڭ فۇنكسىيىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى بۇزۇلۇشى كېسەل دېيىلىدۇ. ئادەم بەدىنىنى تۈزگۈچى ئەڭ كىچىك بىرلىك ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈش قانۇنىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن توقۇلما ياكى ئەزالارنىڭ فۇنكسىيىسىدە ئاجىزلىشىش ۋە بۇزۇلۇش كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەرخىل كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.

    ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش ـ ئادەم بەدىنىنى تۈزگۈچى تۈرلۈك ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۇزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، نورمال بۆلۈنۈپ كۆپىيىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئەزا ياكى توقۇلمىلارنىڭ نورمال فۇنكسىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق كېسەل داۋالاشنى كۆرسىتىدۇ.

  ھۈجەيرە ۋە ئوزۇقلۇق

  ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال كۆپىيىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان تەركىبلەرنى ئوزۇقلۇق تولۇق تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ. ئوزۇقلۇقنىڭ كېسەل داۋالاش جەريانى ھۈجەيرىلەرنى نورمال كۆپەيتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ، يەنى توقۇلمىلارنى تەشكىل قىلغۇچى تۈرلۈك ھۈجەيرە يادروسى بەلگىلىك قانۇنىيەتلىك تۈزۈلۈشكە ئىگە گېن زەنجىرلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. گېن زەنجىرلىرى تۈرلۈك ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ بەلگىلىك تەرتىپ بويىچە تىزىلىپ، ئاتوملۇق باغ ۋە مولىكۇلىلىق باغ ئارقىلىق تۇتىشىشىدىن تۈزۈلىدۇ. بۇ تەركىبلەر ھەرگىزمۇ بىر نەچچە خىل يەككە بىرىكمە ۋە ياكى يەككە ئېلېمېنتلاردىن تەركىب تاپقان ئەمەس. مۇشۇ گېن زەنجىرلىرى ئۈستىدىكى مەلۇم بىر ياكى بىر نەچچە بىرىكمە كەملىسە، گېن زەنجىرى نورمال تۇتاشمايدۇ ياكى گېن زەنجىرلىرىنى نورمال تۇتاشتۇرۇپ تۇرىۋاتقان بىر ياكى بىر نەچچە خىل بىرىكمە زەنجىر ھالقىسىدىن ئۈزۈلۈپ چىقىپ كەتسە، گېن زەنجىرى يەنىلا تۇتىشالمايدۇ، مۇشۇ خىل گېن زەنجىرىنى مۇكەممەللىككە ئىگە قىلالايدىغان بىر يۈرۈش ئورگانىك تەركىبلەرنى پەقەت ئوزۇقلۇقلا تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا نورمال تۇتىشىپ كېلىۋاتقان گېن زەنجىرى ھالقىسىنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىدىكى ماددىلار تەركىبىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، مىقدارى ئۆزلۈكسىز كۆپىيىپ، ئەسلىدىكى نورمال تەرتىپتىكى گېن زەنجىرى ھالقىسىغا ئوخشىمايدىغان شەكىل ھالىتى بارلىققا كېلىپ، گېن زەنجىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئۆزگىرىپ كەتسە ھەمدە كۆپىيىش سۈرئىتى ئەسلىدىكى ھالىتىدىن تىزلىشىپ كەتسە، غەيرى شەكىلدىكى ھۈجەيرىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ ۋە پەيدىنپەي ئۆزگىرىپ، كۆپىيىپ ئۆسمە ياكى راك توقۇلمىسىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا پەقەت نورمال ھۈجەيرىلەر ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق تەركىبىنى ئۆزلۈكسىز يەتكۈزۈپ بېرەلىگەندىلا نورمال تۇتىشالمىغان گېن زەنجىرلىرىنى تولۇق تۇتاشتۇرۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال ئۆسۈش ھالىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن نورمال ھۈجەيرىلەر ئۆزلۈكسىز ھالدا تېز كۆپىيىپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىش شارائىتىنى تىزگىنلەپ ئۆسۈشىنى توختىتىدۇ.

  بەدىنىمىزنى تەشكىل قىلغۇچى ھەر قايسى ئەزالار ئۆزىنىڭ فۇنكسىيىسىگە ئاساسەن مۇئەييەن دەرىجىدىكى پەرقلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەرگە ئېھتىياجلىق. چۈنكى ھەر بىر ئەزانى تۈزگۈچى ھۈجەيرىلەرنىڭ تۈزۈلۈشى، بولۇپمۇ ھۈجەيرە يادروسىنى تەشكىل قىلغۇچى گېن زەنجىرلىرىنىڭ ماددا قۇرۇلمىسى ۋە تۈزۈلۈشى پەرقلىق بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. پەقەت ئاشۇ ھۈجەيرە گېن تۈزۈلۈشلىرىگە ماس كېلىدىغان ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى ئۆلچەملىك يەتكۈزۈپ بەرگەندىلا ھەر قايسى ئەزالار ساغلام بولۇپ، ئۆز فۇنكسىيىسىنى تولۇق جارىي قىلدۇرىدۇ.

  ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش بىلەن دورا ئارقىلىق داۋالاشنىڭ پەرقى

  ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش بولسا، ھۈجەيرىلەر ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇقنى تولۇق ھەم تەكشى يەتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق ھۈجەيرىنى قايتا ئۆستۈرۈپ، مەلۇم ئەزا ياكى توقۇلمىنى تولۇقلاش ئارقىلىق كېسەل داۋالاش ھېسابلىنىدۇ. ھۈجەيرىلەر ئېھتىياجلىق بولمىغان تەركىبلەر تەبىئىي ئايلىنىش جەريانىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ، مەلۇم ئەزا ياكى توقۇلمىغا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ. دورا ئارقىلىق داۋالاش بولسا، ھۈجەيرىلەردە بۇزۇلۇش بولغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئارتۇقچە كېرەكسىز تەركىبلەرنى مۇئەييەن تەركىبتىكى دورا ئارقىلىق پارچىلاپ، بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ، ئەمما ھۈجەيرە قايتا ئۆسۈش شارائىتىغا ئىگە بولالمايدۇ. چۈنكى دورا ئوزۇقلۇق ئەمەس، ھۈجەيرە ئېھتىياجلىق بولمىغاچقا سۈمۈرەلمەيدۇ، بەدەندىكى ئېشىنچە كېرەكسىز تەركىبلەرنىمۇ پۈتۈنلەي دورىغا تايىنىپ بەدەن سىرتىغا سۈرۈپ چىقىرىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر بەدەندىكى كېرەكسىز ئەخلەتلەر تازىلىنىپ، ھۈجەيرە ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇقلار تولۇق تەمىنلەنمىسە، ھۈجەيرە قايتا كۆپىيىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايلا قالماي، ئەكسىچە مۇئەييەن ۋاقىتتىن كېيىن يەنە داۋاملىق ئۆلۈشكە باشلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن كېسەل يەنە تەكرارلىنىدۇ. شۇڭا دورا ئارقىلىق كېسەل داۋالاش پەقەت ۋاقىتلىق چارە بولۇپ، مۇكەممەل داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ، پەقەت ئوزۇقلۇقلا مۇكەممەل كېسەل داۋالىيالايدۇ.

  ئوزۇقلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار

  ئوزۇقلۇق بىلەن سىستېمىنىڭ مۇناسىۋىتى

  بەدىنىمىز قۇرۇلما-تۈزۈلۈش جەھەتتىن سەككىز چوڭ سىستېمىغا بۆلۈنگەن، ھەر بىر سىستېمىنىڭ ئۆزگىچە ئايلىنىش فۇنكسىيىسى بار بولۇپ، ھەر بىر سىستېما بىر يۈرۈش ئەزا ۋە توقۇلمىلارنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ ئۆز فۇنكسىيىسىنى ئادا قىلىدۇ ھەمدە ھەر قايسى سىستېمىلار ئۆز ئارا ماسلىشىپ، بەدەننىڭ فىزىئولوگىيىلىك پائالىيىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ھەر قايسى سىستېمىلار مۇكەممەل ھەم ئۆز ئارا ماسلاشقان ھالدا فۇنكسىيىسىنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن، ھەر بىر قىسىمغا توغرا كېلىدىغان ئەزا ياكى توقۇلمىلارنىڭ فۇنكسىيىسى مۇكەممەل بولۇشى كېرەك. ھەر بىر ئەزا ياكى توقۇلما-ھۈجەيرىلىرىدىكى گېن زەنجىرىدە پەرق بولغانلىقتىن، ئىگە بولىدىغان ئوزۇقلۇق تەركىبىدە پەرق بولغاچقا، مۇكەممەل تەڭشەلگەن ئوزۇقلۇق ماددىلىرى تەركىبىمۇ ھەر قايسى ئەزا ياكى توقۇلمىلارنى تۈزگۈچى ھۈجەيرىلەرگە ئورتاق ماس كېلىدىغان بولۇشى كېرەك.

  ئوزۇقلۇق بىلەن تېمپېراتۇرىنىڭ مۇناسىۋىتى

  بەدىنىمىز نورمال فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن زور مىقداردا ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەگەر بەدىنىمىزنىڭ مەلۇم قىسمى يېتەرلىك ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىگە ئىگە بولالمىسا، شۇ ئورۇننىڭ قان ئايلىنىشى ۋە ماددا ئالمىشىشى نورمال بولمايدۇ، يەنى ئاستىلايدۇ، ئاجىزلىشىدۇ ۋە ياكى توختاپ قالىدۇ. بۇنداق بولۇشى تېمپېراتۇرا بىلەن مۇناسىۋەتلىك، تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولسا، شۇ ئورۇننى تەشكىل قىلغۇچى ماددىلار ھەجىمىدە تارىيىش بولۇپ زىچلىقى ئاشىدۇ، ئۆزئارا بىئو-خىمىيىلىك رېئاكسىيىگە كىرىشىدىغان ماددىلار ئەركىن-ئازادە، تولۇق ئۇچرىشالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن رېئاكسىيە تولۇق يۈز بەرمەيدۇ-دە، قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش ھادىسىلىرى تولۇق يۈز بەرمەيدۇ. ئەگەر پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ئېنېرگىيە يىتىشمەسلىك كېلىپ چىقسا، بەدەن خاراكتېرلىك بىئو-خىمىيىلىك رېئاكسىيە ئاستىلايدۇ ۋە توختايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئېنېرگىيە يېتەرلىك تەمىنلەنسە تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدۇ، بۇنىڭغا ماس ھالدا شۇ قىسىمنى تۈزگۈچى ماددىلارنىڭ ھەجىمىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، زىچلىقى تۆۋەنلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ماددىلارنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىش يۈزى كۆپىيىپ، بىئو-خىمىيىلىك رېئاكسىيە تېز ۋە تولۇق ئېلىپ بېرىلىدۇ-دە، قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش ھادىسىلىرى تولۇق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر بەدەن خاراكتېرلىك ئېنېرگىيە تەمىنلەش يېتەرلىك بولسا، بەدەن خاراكتېرلىك تېمپېراتۇرا يۇقىرى ئۆرلەپ، بەدەن خاراكتېرلىك قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش تېز ۋە مۇكەممەل ئېلىپ بېرىلىدۇ. يۇقارقى ئېنېرگىيە ۋە تېمپېراتۇرا شەرتلىرىنى تولۇق قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئېنېرگىيىسى يۇقىرى ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى بەدىنىمىزگە ئۆلچەملىك يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. يەتكۈزۈپ بېرىش جەريانى توسالغۇسىز، شۇنداقلا بەدىنىمىزنىڭ ھەر بىر قىسمىغا ۋاقتىدا، تولۇق يەتكۈزۈلۈشى كېرەك، شۇڭلاشقا ئوزۇقلۇق تەركىبى ئېنېرگىيىسى يۇقىرى، ئىنچىكە بىر تەرەپ قىلىنغان، توسالغۇ پەيدا قىلمايدىغان ھەم ئېشىپ قالمايدىغان، ھۈجەيرىلەرگە تولۇق سۈمۈرۈلەلەيدىغان مۇكەممەل تەركىب بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئېنېرگىيىسى تۆۋەن ئوزۇقلۇق تەركىبى بولۇپ قالسا ياكى تولۇق پارچىلىنىپ كېتەلمەي توسالغۇ پەيدا قىلىپ، ئېنېرگىيە تارقىلىش يولىنى توسۇپ قويىدىغان يېمەكلىك تەركىبى بولۇپ قالسا، تېمپۇراتۇرىنى ئۆرلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.

  ئوزۇقلۇق بىلەن بېسىمنىڭ مۇناسىۋىتى

  بەدىنىمىز نورمال قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش پائالىيىتىنى تولۇق تاماملاش ئۈچۈن، يېتەرلىك ئېنېرگىيىگە، يەنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا ئىگە بولغاندىن سىرت، نورمال بېسىمغا ئېھتىياجلىق. ئەگەر بەدىنىمىزنىڭ مەلۇم قىسمىدىكى قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش جەريانىدا بېسىم تۆۋەن بولسا ھۈجەيرىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى كەڭرى بولۇپ، ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرۈشى ياخشى بولىدۇ، كۆپىيىشى تىزلىشىدۇ، ئەكسىچە قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ. بېسىم يۇقىرى بولسا ھۈجەيرىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى تارىيىپ، ئوزۇقلۇق سۈمۈرىشى نورمال بولماي، كۆپىيىشى ئاستىلاپ كېتىدۇ، ئەكسىچە قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش تېزلىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش نورمال ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ياشاش ۋە كۆپىيىش شارائىتى نورمال بۇلۇشىغا ماس كېلىدىغان نورمال بېسىم شارائىتىنى ھازىرلاش كېرەك. شۇڭا يېمەكلىكلەرنى ئىنچىكە بىر تەرەپ قىلىپ، ئاسان سۈمۈرۈلىدىغان ھالىتىدە ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئەگەر يېمەكلىكلەر بەدەندە تولۇق پارچىلانماي، غول تومۇردا توسۇلۇش پەيدا بولۇپ قالسا، چوڭ تومۇرنىڭ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ھەمدە مېڭە تومۇرلىرىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ، شۇ بېسىم ئېشىپ كەتكەن دائىرىدىكى ماددىلارنىڭ ئۆزئارا ئارىلىقى تارىيىپ، زىچلىقى ئېشىپ، ئالمىشىش يۈزى كىچىكلەپ بىئو-خىمىيىلىك رېئاكسىيە ئېلىپ بېرىلىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇ بەلگىلىك دائىرىدىكى ھۈجەيرىلەر ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى شەكىللەنمەيدۇ-دە، ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشى ئاستىلايدۇ ۋە توختايدۇ. بۇلاردىن باشقا غول تومۇر تۇسۇلۇش بولغاندىن كېيىن، ئەتراپتىكى يىراققا جايلاشقان قىسىملارنى تەمىنلەيدىغان قىل قان تومۇرلارغا يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ماددىلىرى كەلمەيدۇ-دە، بېسم تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. گەرچە قىسقا ۋاقىتلىق ھۈجەيرىنىڭ ياشاش ۋە كۆپىيىش مۇھىتى ئازادىلىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ، قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش ئاستىلاپ كەتكەنلىكتىن بىئو-خىمىيىلىك رېئاكسىيىلەر ئارقىلىق پارچىلىنىپ ۋە بىرىكىپ، ئۇششاق بىر تەرەپ قىلىنغان ئوزۇقلۇق ماددىلىرى يېتەرلىك يېتىپ كېلەلمىگەچكە، ھۈجەيرىنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى قانمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھۈجەيرىلەرنىڭ ياشاش ۋە كۆپىيىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ ۋە توختايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، بەدىنىمىزدە ئۆزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان ماددا ئالمىشىش ۋە قېرىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆلۈش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان كېرەكسىز ماددىلار ھاسىل بولىدۇ، ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن قان ئايلىنىش تولۇق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. پەقەت بەلگىلىك مىقداردىكى بېسىم بولغاندىلا قان ئايلىنىش تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، قان ئايلىنىش تولۇق ئېلىپ بېرىلغاندا كېرەكسىز ماددىلار ۋاقتىدا چىقىرىپ تاشلىنالايدۇ. ئەگەر مۇشۇ كېرەكسىز ماددىلار چىقىرىۋېتىلمىگەندە، بەدەندە توسۇلۇش پەيدا قىلىپ، بەدەننىڭ بېسىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىۋېتىدۇ، شۇڭا بەك يۇقىرىمۇ ئەمەس، بەك تۆۋەنمۇ ئەمەس، بەلگىلىك دائىرىدىكى نورمال بېسىمنى شەكىللەندۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر.

  بېسىم بىلەن تېمپېراتۇرىنىڭ مۇناسىۋىتى

  تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندە بېسىممۇ يۇقىرىلايدۇ، قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشمۇ تېزلىشىدۇ. ئەگەر بېسىم بەك يۇقىرىلاپ كەتسە، ئەكسىچە قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش ئاستىلاپ كېتىدۇ. چۈنكى بېسىم بەك يۇقىرىلىغاندا، تېمپېراتۇرا بەك ئۆرلەپ كېتىپ، ماددىلارنىڭ ھەجىمى چوڭىيىپ كېتىدۇ-دە، زىچلىق ئېشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ماددىلارنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ، ھەرىكەت دائىرىسى تارىيىپ، ئۇچرىشىش يۈزى كىچىكلەپ، بىئو-خىمىيىلىك رېئاكسىيە ئاستىلايدۇ ۋە توختايدۇ، بۇنىڭ بىلەن قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشمۇ توختايدۇ. تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولسا بېسىممۇ تۆۋەن بولىدۇ، چۈنكى تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندە قان ئايلىنىش ئاستىلايدۇ، ماددىلارنىڭ ھەجىمى كىچىكلەپ، زىچلىقى چوڭىيىپ، قويۇقلۇقى ئېشىپ، ھەرىكەت دائىرىسى تارىيىپ، ئۇچرىشىش يۈزى كىچىكلەپ، بىئو-خىمىيىلىك رېئاكسىيە ئاستىلايدۇ ۋە توختايدۇ، بۇنىڭ بىلەن قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشمۇ توختايدۇ. دېمەك، بەدىنىمىزنىڭ مەيلى قايسى قىسمى بولسۇن، تېمپېراتۇرا بىلەن بېسىم ماس قەدەمدە تەڭشىلىپ تورۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تەمىنلىنىدىغان ئوزۇقلۇقنىڭ ئېنېرگىيە قورۇلمىسى مۇۋاپىق پارچىلىنىپ، ئۇششاقلىنىشى، ئىنچىكە قان تومۇردا توسالغۇ پەيدا قىلمايدىغان، ھۈجەيرىلەرگە تولۇق سۈمۈرۈلەلەيدىغان، ئۆلچەملىك، مۇكەممەل تەركىب بولۇشى كېرەك.

  ئوزۇقلۇق بىلەن روھىي ئامىلنىڭ مۇناسىۋىتى

  روھىي ئامىل بەدەننىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، روھىي ئامىلنىڭ بەدەنگە تەسىر كۆرسىتىشى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ فۇنكسىيىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. روھىي ئامىلغا سىرتقى كۈچ تەسىر كۆرسەتكەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ فۇنكسىيىسىنى نورمال ئورۇنداش ئۈچۈن، نېرۋا سىستېمىسىنى تەشكىل قىلغۇچى ھەرقايسى ئەزا ياكى توقۇلمىلار نورمال ئىقتىدارىنى جارىي قىلدۇرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇ ئەزا ياكى توقۇلمىنى تەشكىل قىلغۇچى ھۈجەيرە نورمال ياشاش ۋە كۆپىيىش شارائىتى (نورمال تېمپېراتۇرا، نورمال بېسىم، نورمال ماددا زىچلىقى)غا ئىگە بولغاندىن سىرت، ئۆلچەملىك ئوزۇقلۇققا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئەگەر مۇشۇ ھۈجەيرىلەر ئۆلچەملىك ئوزۇقلۇققا ئىگە بولالمىغاندا، كۆپىيىشى ئاستىلاپ ياكى توختاپ، كۆپ مىقداردا ئۆلۈشكە باشلايدۇ. نەتىجىدە ئەزا ياكى توقۇلمىلارنىڭ ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ، نېرۋا سىستېمىسى قالايمىقانلىشىدۇ. بەدەننىڭ قايسى قىسمىنى باشقۇرۇش نېرۋىلىرىدا ئاجىزلىشىش كۆرۈلسە، گەرچە شۇ قىسىمدىكى ئەزا ياكى توقۇلمىلار ئۆلچەملىك ئوزۇقلۇققا ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ، فۇنكسىيىسى نورمال باشقۇرۇلماي ياكى يىتەكلەنمەي، تەشكىل قىلغۇچى ھۈجەيرىنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈشىنى ۋە ياكى گېن زەنجىرىدىكى ھۈجەيرە ئۆزگۈرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا جايلاشقان چوڭ مېڭە قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەزا ياكى توقۇلمىلارنى ھەر ۋاقىت ئۆلچەملىك ئوزۇقلۇق شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ تورۇشى كېرەك. گەرچە بىز نېرۋا سىستېمىسىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەزا ياكى توقۇلمىلار ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلارنى مۇكەممەل يەتكۈزۈپ بەرگەن بولساقمۇ، ئەگەر سىرتقى ئامىل تەسىرىدىن روھىي ھالىتىمىزدە زور ئۆزگىرىش بولسا، يەنى زىيادە جىددىيلىشىش كۆرۈلسە ياكى زور دەرىجىدە پەسلەش كۆرۈلسە، نېرۋا سىستېمىسىدىكى ئەزالار ياكى توقۇلمىلارنى تەشكىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىدە تېزلىشىش، تويۇقسىز زىيادە ئاستىلاش ۋە ئۆلۈش سۈرئىتى تېزلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. نەتىجىدە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ باشقۇرۇش فۇنكسىيىسى ئاجىزلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەزالارنى ۋە توقۇلمىلارنى باشقۇرۇش، يېتەكلەش نورمال بولماي، شۇ ئەزالارنىڭ ئاجىزلىشىپ كېسەل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  تېمپېراتۇرا، بېسىم ۋە روھىي ئامىللارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى

  تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندە بېسىم ئۆرلەيدۇ، قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش تېزلىشىدۇ، نېرۋا سىستېمىسىدىكى ئەزا ۋە توقۇلمىلارنى تەشكىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ. روھىي ھالەت ئەسلىدە تۆۋەن بولغان بولسا تېزلىشپ نورماللىشىدۇ، ئەسلىدە نورمال بولغان بولسا تېزلىشىش جىددىي ھالەتكە ئۆتىدۇ. نورمال ھالەتكە ئۆتكەندە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئەزالار ۋە توقۇلمىلارنى باشقۇرۇش، يېتەكلەش فۇنكسىيىسى ياخشى بولىدۇ. ئەگەر جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن بولسا، ئەزالار ۋە توقۇلمىلارنى باشقۇرۇش، يېتەكلەش فۇنكسىيىسى تېزلىشىپ، نورمال تەرتىپ بۇزۇلۇپ شۇ ئەزالار ۋە توقۇلمىلارنى تەشكىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلەشتۈرىدۇ ھەمدە ئۆلۈشىنىمۇ تېزلەشتۈرىدۇ، نەتىجىدە ئەزا ۋە توقۇلمىلاردا كېسەل پەيدا بولىدۇ. ئەگەر تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولسا بېسىممۇ تۆۋەن بۇلۇپ، قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش ئاستىلاپ، نېرۋا سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى ئەزا ۋە توقۇلمىلارغا يەتكۈزۈلىدىغان ئۆلچەملىك ئوزۇقلۇق تولۇق يەتكۈزۈلمەي شۇ قىسىملاردىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشى ئاستىلاپ، ئەسلىدىكى نورمال روھىي ئامىل تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. روھىي ئامىل تۆۋەنلەپ كەتكەندە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ باشقا ئەزالارنى باشقۇرۇش فۇنكسىيىسى ئاجىزلاپ، شۇ باشقۇرۇلىدىغان ئەزالارنى تۈزگۈچى ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئۆلۈشى تېزلىشىپ، بۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئەزالاردا كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

  ئوزۇقلۇق بىلەن تۇرمۇش ئادىتىنىڭ مۇناسىۋىتى

  بەدىنىمىز ياخشى تۇرمۇش ئادىتى مۇھىتىدا ئۆلچەملىك ئوزۇقلۇققا ئىگە بولالىغاندا ھەرقايسى ئەزالار ۋە توقۇلمىلارنى تەشكىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەر نورمال ياشاش ۋە كۆپىيىش شارائىتىغا ئىگە بولۇپ، بەدىنىمىز ساغلام ھالىتىنى ساقلاپ ماڭىدۇ. ئەگەر ھۈجەيرىلەر نورمال ياشاش ۋە كۆپىيىش شارائىتىغا كۆنۈپ، رېتىملىق بىر خىل ئادەتكە ئايلانغان ئەھۋالدا، تۇرمۇش ئادىتىمىزنى تويۇقسىز ئۆزگەرتسەك، ھۈجەيرىلەرگە يېتىپ كېلىدىغان ئوزۇقلۇق ئۆلچىمى ئۆزگىرىدۇ، بۇنى ھۈجەيرىلەر قوبۇل قىلالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆپىيىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئۆلۈش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئۈچ ۋاق ئۆلچەملىك تاماقنىڭ ۋاقتى، مىقدارى، پىششىقلاپ ئىشلىنىش ئۇسۇلى، تەرتىپى ۋە تەركىبىدە ئۆزگىرىش بولسا، بەدىنىمىزدىكى ھەرقايسى ئەزا ۋە ياكى ھەرقايسى توقۇلمىلارنى تەشكىل قىلىدىغان ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ھۈجەيرىلەر ئۆزلىرى نورمال ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان، ئوخشىمىغان تەركىبتىكى ئوزۇقلۇق ماددىلىرىغا ئىگە بولالمايدۇ. نەتىجىدە ئەزا ۋە توقۇلمىلارنىڭ فۇنكسىيىسى نورمال ئېلىپ بېرىلماي، كېسەللىك پەيدا بولىدۇ، كونكرېت ئىپادىلىرى ئالدى بىلەن نېرۋا سىستېمىسىدا كۆرۈلىدۇ. چۈنكى ئالدى بىلەن نېرۋا سىستېمىلىرىنىڭ ھەرقايسى ئەزا ياكى توقۇلمىلارغا تۇتاشقان نېرۋا تۈگۈنلىرىدىكى ھۈجەيرىلەر ئۆلچەملىك ئوزۇقلۇققا ئىگە بولالمايلا قالماي، ئۆلچەمسىز ئوزۇقلۇقنى سۈمۈرىۋېلىپ نورمال كۆپىيىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئۆلۈش سۈرئىتى تېزلىشپ، سىستېما دائىرىسىدىكى ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ھەم قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىلا ئۆلچەمسىز ئوزۇقلۇقنى قوبول قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان باشقا باشقۇرۇلغۇچى ئەزا ياكى توقۇلمىلارغا خاتا بۇيرۇق يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ نورمال فۇنكسىيىسىنى بۇزىدۇ. نەتىجىدە مۇشۇ خاتا ئوزۇقلىنىش تۇرمۇش ئادىتى سەۋەبىدىن ھەرقايسى ئەزا ۋە توقۇلمىلىرىمىز پەيدىنپەي زىيانغا ئۇچراپ كېسەل بولىدۇ.

  ئەگەر ئوزۇقلىنىش ئادىتىمىز ۋە تۈرلۈك روھىي ئامىللار نورمال بولغان ئەھۋال ئاستىدا كۈندىلىك تۇرمۇش ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك ھەرىكەت تولۇق بولمىسا قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش ئاستا بولىدۇ. يېمەكلىكلەرنىڭ پارچىلىنىپ ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىشى ئاستا بولۇپ، ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقتىن تېمپېراتۇرا چۈشۈپ، بېسىم تۆۋەنلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن چوڭ مولىكۇلىلىق ماددىلار تولۇق پارچىلانماي، ئىنچىكە تومۇرلارغا كەپلىشىپ قېلىپ ئۆتەلمەي، قىل قان تومۇرلار ئارقىلىق ھۈجەيرىلەرگە بارىدىغان ئوزۇقلۇق تەركىبىنى توسۇپ قويىدۇ-دە، نەتىجىدە ھۈجەيرىلەر ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇققا ئىگە بولالماي، كۆپىيىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئۆلۈش سۈرئىتى تېزلىشىپ كېتىدۇ. ئاخىرىدا بەدىنىمىزدىكى ھەر قايسى ئەزالار ۋە توقۇلمىلارنىڭ فۇنكسىيىسى ئاجىزلىشىپ كېسەل بولىدۇ.

  ئەگەر ھەرىكەت مىقدارى بەدەن ئېھتىياجىدىن كۆپ ئېشىپ كەتسە ئېنېرگىيە زىيادە خوراپ، ئوخشاشلا بەدەن تېمپۇراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، ماس ھالدا بېسىممۇ تۆۋەنلەپ قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش ئاستىلاپ، ئوخشاشلا ھەرىكەت ئاز بولغاندىكى كۆرۈلىدىغان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.

  خىزمەت مىقدارى زىيادە ئېشىپ كەتكەندە، دەم ئېلىش ۋاقتى زىيادە قىسقا بولغاندا، ئۇخلاش ۋاقتى زىيادە قىسقا بولغاندا، بەدەندىكى ئېنېرگىيە خوراش زىيادە كۆپ بولۇپ، بەدەن تېمپۇراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، ماس ھالدا بېسىممۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

  خىزمەت ۋاقتى زىيادە قىسقا، دەم ئېلىش ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن، ئۇخلاش ۋاقتى زىيادە كۆپ بولغاندا قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش ئاستا بولۇپ، ئېنېرگىيە ھاسىل بولۇش سۈرئىتىمۇ ئوخشاشلا ئاستا بولۇپ، بەدەننىڭ نورمال ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي، يەنىلا بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئوخشاشلا بېسىممۇ تۆۋەنلەيدۇ. نەتىجىدە ئوخشاشلا ئالدىنقى ھەرىكەت قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان نورمالسىز ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.

  تېمپېراتۇرا، بېسىم، روھىي ئامىل، تۇرمۇش ئادىتىنىڭ مۇناسىۋىتى

  تۇرمۇش ئادىتىمىز نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۈندىلىك ئوزۇقلىنىش، كۈندىلىك خىزمەت، كۈندىلىك ھەرىكەت، كۈندىلىك ئۇيقۇ قاتارلىق تۆت كۆرسەتكۈچ ئىچىدە ئوزۇقلۇق مىقدارى كۆپ بولسا، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال ھالەتتىن ئۆرلەپ كېتىدۇ، بېسىممۇ يۇقىرىلاپ كېتىدۇ، روھىي ھالەتتىمۇ جىددىيلىك كۆرۈلىدۇ. نەتىجىدە قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ، ئەمما ماددا ئالمىشىش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ باشقۇرۇش فۇنكسىيىسى قالايمىقانلىشىدۇ، بەدىنىمىزدىكى ھەر قايسى ئەزا ياكى توقۇلمىلاردىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى تېزلىشىپ كېتىدۇ، ئۆلۈش سۈرئىتىمۇ ئوخشاشلا تېزلىشىپ كېتىدۇ. بېسىم سەۋەبىدىن ئايرىم قىسىملىرىدا توسالغۇ پەيدا بولۇپ، ماددا ئالمىشىش ئاستىلاپ، ئەزا ياكى توقۇلمىلاردىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدۇ، ئۆلۈش سۈرئىتى تېزلىشىپ كېتىدۇ.

  يۇقارقى تۆت كۆرسەتكۈچ ئىچىدە تاماق مىقدارى ئاز بولسا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىزمەت، ھەرىكەت، ئۇيقۇ زىيادە كۆپ بولسىمۇ ۋە ياكى زىيادە ئاز بولسىمۇ بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەيدۇ، ئوخشاشلا بېسىممۇ تۆۋەنلەيدۇ، روھىي ھالەتمۇ پەسلەپ كېتىدۇ. نەتىجىدە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ باشقۇرۇش فونكسىىيىسى ئالدى بىلەن قالايمىقانلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇلغۇچى ئەزا ياكى توقۇلمىلارنىڭ فۇنكسىيىسىدىمۇ قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئۆلۈش سۈرئىتى تېزلىشىپ كېتىدۇ، ئاخىرىدا بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.

  ئوزۇقلۇق بىلەن ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكى ۋە ماددا ئالمىشىشنىڭ مۇناسىۋىتى

  ئاشقازان بەدىنىمىزگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بىرىنچى ئەزا ھېسابلىنىدۇ. ئوزۇقلۇققا بولغان سەزگۈرلۈكى ۋە تەلىپى ئىنتايىن ئىنچىكە، ئىستېمال قىلغان يېمەك-ئىچمەكنىڭ بەدەنگە ياقىدىغان-ياقمايدىغانلىقىغا، خىل كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا ئالدى بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدىغان ئەزا. يېمەكلىكلەر ئالدى بىلەن مۇشۇ ئەزادا دەسلەپكى قەدەمدە پارچىلىنىپ بىر تەرەپ بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئەزانىڭ ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ قالسا، يېمەكلىكلەر تولۇق بىر تەرەپ بولماي، كىيىنكى ئەزالارغا بېسىم بولىدۇ ھەمدە شۇ ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىمۇ ئاجىزلىشىدۇ، شۇڭا يېمەكلىكلەرنى ئاشقازاننىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق ئويلاشقان ئەھۋال ئاستىدا، مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئىنچىكە بىر تەرەپ قىلىپ، ئاندىن ئىستېمال قىلىش كېرەك. يەنى مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىگە ئىگە، مۇئەييەن دەرىجىدىكى سىلىقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، يەنە مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئۇششاقلانغان ئوزۇقلۇق تەركىبى بولۇشى كېرەك، مەسىلەن: ئېنېرگىيىسى تۆۋەن يېمەكلىك بولسا ئاشقازاننىڭ ھارارىتىنى كۆتۈرۈشكە ياردىمى بولمايدۇ. ئاشقازان تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولغاندا لۆمۈلدەش ھەرىكىتى تۆۋەن بولىدۇ، يېمەكلىكلەرنىڭ پارچىلىنىشىمۇ ئاستا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېمەكلىكلەر چالا بىر تەرەپ بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر سىلىقلاش ئىقتىدارى تۆۋەن قاتتىق-قۇرۇق يېمەكلىك بولۇپ قالسا ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنى زەخمىلەندۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جاراھەتلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئىنچىكە ئۇششاقلانمىغان، ھەجىمى چوڭ يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنىپ قالغاندا، ئاشقازاننىڭ پارچىلاش ئىقتىدارى ۋە لۆمۈلدەش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ، ئاشقازان ئاجىزلاپ كېتىدۇ، تولۇق بىر تەرەپ بولمىغان باشقا يېمەكلىكلەر كىيىنىكى ئەزالارغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.

  ئۈچەي ئاشقازاندىن يېتىپ كەلگەن، يېرىم بىر تەرەپ قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە پششىقلاپ ئىشلەپ قانغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۈچەينىڭ يېمەكلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش فۇنكسىيىسى ئۈچ ئامىل بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىرى، تېمپېراتۇرا بولۇپ، ئۈچەي پائالىيىتى جەريانىدىكى تېمپېراتۇرا مۇۋاپىق تەڭشەلسە، يەنى يۇقىرىراق ھالەتتە بولسا، ئۈچەي ئىچىدىكى پايدىلىق باكتېرىيىنىڭ كۆپىيىشىگە پايدىلىق، يەنە بىرى ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئىككىنچى بىرى، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسا، يېمەكلىكلەرنى پارچىلاش ۋە تەرەتنى ھەيدەپ چىقىرىش ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچەينىڭ قوۋۋىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك، يەنى ئاقسىل تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۈچىنچى بىرى، ئۈچەي ئىچىدىكى پايدىلىق باكتېرىيە يېمەكلىكلەرنى ئىنچىكە پىشىشىقلاپ ئىشلەش، ئوزۇقلۇق تەركىبىگە ئايلاندۇرۇش، زەھەرلىك تەركىبلەرنى پارچىلاش جەھەتتە ئەڭ زور رول ئوينايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تېمپېراتۇرا يۇقىرىراق بولغاندىن سىرت، يېمەكلىك سېللوزىسىنى يېتەرلىك تولۇقلاش كېرەك. پايدىلىق باكتېرىيە كۈچلۈك بولغاندا، بۇنىڭغا قارشى بولغان زىيانلىق باكتېرىيىنى چەكلەپ، قانغا زىيانلىق تەركىبنىڭ يوللىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۈچەينىڭ يۇقارقى ئۈچ ئامىلى يېتەرلىك رول ئوينىغاندا، قانغا يۇقىرى سۈپەتلىك ئوزۇقلۇق تەركىبى تەمىنلەش تولۇق ئىشقا ئاشىدۇ.

  ئوزۇقلۇق بىلەن جىگەر كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى

  جىگەر بەدەندىكى قان ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئەزا بولۇپ، ئوزۇقلۇقنىڭ تەركىبىگە نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر. جىگەر ھۈجەيرىسىنىڭ گېن قورۇلمىسى ۋە ماددا تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، كۆپىيىش ياكى ئۆلۈش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز. جىگەر، ئاشقازان، ئۈچەيدىن ئۆتۈپ مۇئەييەن دەرىجىدە بىر تەرەپ بولۇپ كەلگەن ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى جىگەر توقۇلمىسىدىكى مۇرەككەپ ئالاھىدىلىككە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان بىر يۈرۈش ئېنزىملار ئارقىلىق مۇكەممەل پارچىلاپ ۋە قايتا بىرىكتۈرۈپ، ئاۋۋال ئۆز توقۇلمىسىدىكى ھۈجەيرىلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، كۈچلەندۈرۈپ، ئاندىن چوڭ تومۇردىكى قانغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. قان تومۇردا تەكرار ئايلىنىپ جىگەرگە كېلىپ، يەنە داۋاملىق بىر تەرەپ بولۇپ ئۆزلۈكسىز قان ئىشلەپچىقىرىش يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئەگەر يېمەكلىكلەر تەركىبى تەكشى ھەم ئۇششاق بىر تەرەپ قىلىنغان بولمىسا، جىگەرنىڭ پارچىلاش بېسىمى ئارتىپ كېتىپ جىگەرنىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىدۇ، يەنى تۈرلۈك پارچىلىغۇچى ئېنزىملارنىڭ مىقدارى ئارتىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جىگەرگە يېتىپ كەلگەن ئاقسىل تەركىبلىرىنى تېز پارچىلاپ ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرىۋېتىپ، جىگەر ۋە باشقا ئەزالارغا كېرەكلىك ئاقسىلنىڭ يىتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبىدىكى ئېنېرگىيە بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، جىگەردىن ئۆتكۈچە بولغان ئارىلىقتا مايغا ئايلىنىپ كېتىپ جىگەرنى ماي قاپلاش كۆرۈلىدۇ. يۇقارقى ئالامەتلەر يۈز بەرگەندە جىگەر توقۇلمىلىرىدىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىپ، جىگەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، بەدەن سىرتىدىن كەلگەن كېسەل ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرالماي يۇقتۇرىۋالىدۇ-دە، تۈرلۈك ياللۇغ كېسەللىكى شەكىللىنىدۇ.

  ئوزۇقلۇق بىلەن دىئابېت كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى

  دىئابېت دېگىنىمىز: قانغا ئۆتكەن شېكەر مولىكۇلىلىرى تولۇق پارچىلىنىپ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە، قان ھۈجەيرىلىرى ۋە باشقا توقۇلمىلاردىكى ھۈجەيرىلەرگە ئايلىنىپ كېتەلمەي، داۋاملىق قان تەركىبلىرى ئىچىدە كۆپلەپ ساقلىنىپ، قاننىڭ قويۇقلىقىنى ئاشۇرىۋەتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ.

  كېلىپ چىقىش سەۋەبى: بىرىنچىدىن، ئوزۇقلىنىش ئادىتىمىزدىكى نورمال تەرتىپ بۇزۇلۇپ كېتىپ، ئاشقازان ئاستى بېزى فۇنكسىيىسىنىڭ قالايمىقانلىشىپ، نورمال بولمىغان ھالەتكە ئۆزگىرىپ كېتىشى سەۋەبىدىن يېتەرلىك ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرالمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، پارچىلانغان كىچىك قەنت مولىكۇلىلىرى قان ھۈجەيرىسى ۋە باشقا ھۈجەيرىلەرگە سۈمۈرۈلۈپ كېتىشتە توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. چۈنكى ئوزۇقلىنىش جەھەتتىكى ئۆلچەمسىز يېمەكلىكلەر قان تومۇرغا ئۆتكەندىن كېيىن تولۇق پارچىلىنىپ ئۆلچەملىك بىرىكەلمەي، زور مىقداردىكى ئەخلەت تەركىبلەرنى ھاسىل قىلغاچقا قان تومۇرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا توسۇلۇش پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

  ئوزۇقلۇق بىلەن يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى

  يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى دېگىنىمىز: تومۇرلاردىكى توسالغۇلار سەۋەبىدىن نورمال قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىش ھاسىل قىلالماسلىق سەۋەبىدىن قان-تومۇر، يۈرەك ۋە مېڭە قاتارلىق ئەزا ياكى توقۇلمىلاردىكى ھۈجەيرىلەر ئۆلچەملىك ئوزۇقلۇقلارغا ئىگە بولالماي، كۆپىيىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، نەتىجىدە بۇ ئورۇنلار ئاجىزلاپ ئۆزلىرىنىڭ نورمال فۇنكسىيىسىنى تولۇق ئادا قىلالمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوزۇقلىنىشتىكى توغرا بولمىغان ئادەت ۋە ئۆلچەمسىز يېمەكلىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنى مۇشۇ يېمەكلىكلەر تەرتىپ بويىچە تولۇق پارچىلانماي توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.

  ئوزۇقلۇق بىلەن قان بېسىمىنىڭ مۇناسىۋىتى

  قان بېسىمىنىڭ شەكىللىنىشى قان قويۇقلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قان قويۇلغاندا قان ئايلىنىش ئاستىلاپ، ئوكسېگىننىڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ-دە، ئوزۇقلۇق تەركىبىدىكى ئېنېرگىيە ھاسىل قىلغۇچى ماددىلار تولۇق پارچىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماي، ئېشىنچە ساقلىنىش جەريانىدا تويۇنغان مايغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. قان تەركىبىدىكى ئارتۇقچە ماي بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئارىلاپ تۇيۇقسىز تۆۋەنلىشى جەريانىدا قان تومۇر دىۋارىغا ھەمدە ھۈجەيرە ئارىلىقلىرىغا چۆكمىگە چۈشۈپ، قان تومۇردا توسۇلۇش پەيدا قىلىدۇ. يۈرەكتىن كۈچلۈك ئېتىلىپ چىققان قان توسالغۇ پەيدا بولغان تومۇر بۆلىكىدىن ئۆتكىچە ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ، تارىيىپ قالغان قىسىلچاقتىن ئۆتۈپ بولالماي بېسىم شەكىللىنىدۇ. قىل قان تومۇر ياكى ھۈجەيرىلەر ئارىلىقىغا قىسىلىپ قالغان توسۇقتىن ئۆتۈپ بولالماي ئوخشاشلا بېسىم شەكىللىنىدۇ. ئادەتتە بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن قان ئايلىنىشنى ئاستىلىتىشقا توغرا كېلىدۇ، قان ئايلىنىشنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن قاننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسسىقلىق سۈمۈرىدىغان يېمەك-ئىچمەكنى يېيىشكە توغرا كېلىدۇ. قان سوۋۇغاندىن كېيىن قاننىڭ قويۇقلۇقى كېمىيىپ ئېقىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، قان بېسىمىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. ئەمما تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، قاندىكى تېخى تولۇق تارقىلىپ كەتمىگەن ماي تەركىبلىرى تېخىمۇ كۆپ چۆكمىگە چۈشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قان بېسىمىنىڭ دەرىجىسى تېخىمۇ ئېغىرلايدۇ. قاندىكى ماينىڭ مىقدارى كۆپەيگەنسېرى جىگەرنىڭ ماينى پارچىلاش بېسىمى تېخىمۇ ئېغىرلاپ، ئىقتىدارى ناچارلىشىدۇ. ئۆت سويۇقلۇقى ئىشلەش يېتەرلىك بولماي، جىگەر ۋە ئۆتتە تۈرلۈك ئەگەشمە كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.

  جىگەرنىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن قاندىكى پارچىلانمىغان ماي ۋە ئەخلەتلەر تېز كۆپىيىپ بۆرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ، شېكەر تارقىلىپ كېتەلمەي، پەيدىنپەي دىئابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەكنىڭ سىقىپ چىقىرىش بېسىمى ئېشىپ كىلاپان يوغىناش ۋە يۈرەك زەئىپلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. قايتىپ كېلىدىغان قاننىڭ سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا، يۈرەككە قان يىتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ. ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆلۈشى تېزلىشىپ، تۈرلۈك ئۆپكە كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ. قانغا يېتەرلىك ئوكسېگىن بىرىكەلمىگەچكە، مېڭىگە ئوكسېگىن يىتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆپكىگە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق تەمىنلەنمىگەچكە، ئۆپكىنىڭ ھاۋانى تازىلاپ ئوكسېگىن يەتكۈزۈپ بىرىش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدۇ. يۇقارقى بىر يۈرۈش كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى قان قويۇقلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەمدە قان بېسىمىنى داۋالاش جەريانىدىكى خاتا چۈشەنچە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قان قويۇقلۇقىنىڭ كېلىپ چىقىشى ئاسان پارچىلانمايدىغان يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنىڭ نىسبىتى، پارچىلاشقا ياردەم بېرىدىغان باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنىڭ نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەملىك ساقلىمىغانلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ. شۇڭا قان بېسىمىنى داۋالاشتا شېكەر، ماي، ئاقسىل قاتارلىق ئېنېرگىيە ھاسىل قىلالايدىغان تەركىبلەرگە ياردەم بېرىدىغان ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلارنىڭ تەركىبىنى مۇئەييەن نىسبەتتە تەڭشەپ، تىمپراتۇرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق قان تومۇر ۋە ھۈجەيرە ئارىلىقلىرىغا چۆكمە بولۇپ قالغان ماي قاتارلىق يۇقىرى مولىكۇلىلىق تەركىبلەرنى ئالدى بىلەن پارچىلاپ، تازىلاپ چىقىرىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ خاتا ھالدا ۋاقتىنچە بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، چۇقۇم ئىلمىي قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوزۇقلۇق تەركىبىنى تولۇقلاپ مەسلىنى تېگىدىن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. يەنى قاننىڭ تېمپېراتۇرىسنى چۈشۈرۈۋەتمەسلىك ئەھۋالى ئاستىدا، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

  ئوزۇقلۇق بىلەن بوغۇم ۋە سۆڭەك كېسەللىكلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى

  سۆڭەك ئۆسۈش ـ ئاساسلىقى بوغۇم قىسمىدا يۈز بېرىدۇ. باشلىنىشى بوغۇم ياللۇغى بولۇپ، ئۇزاق داۋاملاشقاندىن كېيىن ئاندىن سۆڭەك ئۆسۈش يۈز بېرىدۇ. ياللۇغ پەيدا بولغان ئورۇننىڭ ماددا خۇسۇسىيىتىدە كىسلاتالىشىش يۈز بېرىپ، شۇ ئۇرۇندىكى كالتىسىي، ماگىنىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلارنىڭ خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نورمال سۆڭەك ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىش خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىپ، غەيرى ئۆسۈشكە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاشۇ ئوزۇقلىنىشتىكى نورمال بولمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن يېمەكلىك قورۇلمىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى يۇقىرى، ئاسان پارچىلىنالايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىپ ئىستېمال قىلماستىن، ئەكسىچە ئېنېرگىيىسى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ ئىستېمال قىلغاندا، قاننىڭ ھارارىتىنى چۈشۈرۈپ، بوغۇم ئەتراپىدىكى قىل قان تومۇر ۋە نېرۋا تومۇرلىرىنىڭ نورمال ئېلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، تارايتىپ قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ماددىلىرى بوغۇم ئارىلىقلىرىغا يېتىپ كېلەلمەيدۇ. مېڭىگە سىگنال يەتكۈزۈش سەزگۈرلۈكىمۇ تۆۋەنلەپ، نەتىجىدە خاس ئورۇننىڭ ئوزۇقلىنىش تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، بۇنىڭ بىلەن مۇئەييەن دەرىجىدە ياللۇغ پەيدا بولۇپ، پەيدىنپەي كېسلاتالىشىپ بوغۇم سۆڭىكىنى قوغدىغۇچى شىلىمشىق پەردە بۇزۇلىدۇ، ئاندىن سۆڭەك زەخمىلىنىدۇ. ئاخىرىدا غەيرى سۆڭەك ئۆسۈپ چىقىدۇ.

  ئوزۇقلۇق بىلەن ئۆپكە كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى

  ئۆپكە ـ نەپەس يولى ئارقىلىق كىرگەن ھاۋانى سۈزۈپ، ئوكسېگىننى ئايرىپ، قانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش بىلەن بىرگە ماددا ئالمىشىش جەريانىدا ھاسىل بولغان كاربون تۆت ئوكسىدنى قاندىن ئايرىپ ئېلىپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق نورمال قان ئايلىنىش جەريانىدىكى ماددا ئالمىشىشقا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم ئەزانىڭ بىرىدۇر. ئۆپكىنىڭ توقۇلمىلىرى ئىنتايىن يۇمشاق بولۇپ، تۈزگۈچى ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىش ۋە ئۆلۈش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولغان بىر قەدەر نازۇك ئەزا. ئوزۇقلۇق تەركىبىگە تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، بەلگىلىك مىقداردىكى ئېنېرگىيە ۋە يېتەرلىك ئاقسىلغا بەك ئېھتىياجلىق. ئەگەر ئېنېرگىيە ۋە ئاقسىل مۇئەييەن دەرىجىدە كەملەپ كەتسە، ئۆپكە توقۇلمىلىرىنى تۈزگۈچى ھۈجەيرىلەر، بولۇپمۇ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى تېز ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆپكىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، سىرتتىن كىرىدىغان كېسەل مىكروبلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا تېزلا ئۇچراپ، تۈرلۈك ياللۇغ كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ. ياللۇغنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، باشقا كېسەللىكلەرمۇ كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى سىرتتىن يۇققان كېسەل مىكروبلىرى ئۆپكە ھۈجەيرىلىرىنى بۇزۇپ، توقۇلمىلىرى ئاجىزلاشقاندىن كېيىن نورمال فۇنكسىيىسى تەسىرگە ئۇچراپ، ياللۇغدىن باشقا كېسەللىكلەرمۇ ئەگىشىپ پەيدا بولىدۇ.

  ئوزۇقلۇق بىلەن ياللۇغنىڭ مۇناسىۋىتى

بەدەننىڭ مەلۇم قىسمىدا پەيدا بولىدىغان ياللۇغلار ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى: مىكروبسىز ياللۇغ؛ يەنە بىرى: سىرتقى مىكروبنىڭ سىڭىپ كىرىشى سەۋەبىدىن ھاسىل بولىدىغان ياللۇغ. بۇ ئىككى خىل ياللۇغنىڭ ھەممىسىلا شۇ خاس ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى تۈزگۈچى ھەجەيرىلەردە بۇزۇلۇش (نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈشى سەۋەبىدىن) بولغانلىقتىن ياللۇغ شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭ كېلىپ چىقىشى شۇ خاس ئورۇندىكى ئىممۇنىتىت كۈچى ھاسىل قىلىدىغان ھۈجەيرىلەر نورمال ئوزۇقلۇققا ئىگە بولالماي كۆپلەپ ئۆلۈپ كىتىپ، شۇ توقۇلما رايۇنىغا يېتىپ كەلگەن ئۆلچەمسىز ئوزۇقلۇق ۋە بەزى خىمىيىلىك زەھەرلىك تەركىبلەر ھەمدە سىرتتىن كىرگەن كېسەل مىكروپلىرى قاتارلىقلارنى پارچىلاپ بىر تەرەپ قىلىدىغان يېتەرلىك ماددا ئىشلەپچىقىرالماي، نورمال پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان توقۇلمىلارنى تۈزگۈچى باشقا تۈردىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئوزۇقلۇق بىلەن مەزى بېزى كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى

  مەزى بېزى بولسا ئەرلىك ھورمۇن ئىشلەپ چىقرىدىغان بىر قەدەر نازۇك ئەزا بولغاچقا، غول تومۇر بىلەن ئارىلىقى يىراق بولۇپ، قىل قان تومۇرلار ئارقىلىق تۇتىشىدۇ، ئوزۇقلۇقلارنىڭ يېتىپ بارمىقى بىر ئاز تەس. مۇشۇ ئالاھىدىلىكىنى نەزەرگە ئالغاندا ئېنېرگىيىسى يېتەرلىك، ئاقسىل تەركىبى مول ھەم كىچىك مولىكۇلىلارغا پارچىلانغان ئوزۇقلۇق تەركىبىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق. بۇنىڭ ئۈچۈن قان تېمپېراتۇرىسىنى دائىم بەلگىلىك دەرىجىدە ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە قان تومۇردا توسالغۇ پەيدا تورۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇنداق بولغاند ا مەزى بېزىگە ئوخشاش قىل قان تومۇر ئارقىلىق تۇتىشىدىغان نازۇك ئەزالارنىڭ تومۇرلىرى ئېلاستىك ھالەتتە ئوزۇقلارنى راۋان ماڭدۇرۇپ بېرەلەيدىغان بولىدۇ-دە، ئۆزىنى قوغداش ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى يېتەرلىك بولۇپ، ئاسان ياللۇغلىنىشتىن ساقلىنىپ قالالايدۇ.

  ئوزۇقلۇق بىلەن سۈت بېزى كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى

  سۈت بېزى ـ ئاياللار تۇغۇت مەزگىلىدە سۈت ئىشلەپچىقرىدىغان ئەزا. تۇغۇت مەزگىلى ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارى ئاستىلايدۇ، قىل قان تومۇرلار ئىنچىكىرەيدۇ. بەدەنگە توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان ھەم غىدىقلايدىغان نورمالسىز ئوزۇقلۇق تەركىبى قان تومۇردا ئايلىنىپ، سۈت بېزىگە سۈمۈرۈلۈپ قالسا، پارچىلانماي نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق سۆمۈرۈش ئېغىزىنى توسۇۋېلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە سۈت بېزى ياللۇغى، يوغىنىاش ۋە پەيدىنپەي ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇقلىنىشتا ئاسان پارچىلانمايدىغان، غىدىقلاش كۈچى بولغان ئوزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىپ، ئاقسىل ۋە ئېنزىم، ۋىتامىن تەركىبلىرى يېتەرلىك ئوزۇقلۇقلارنى ئىنچىكە ئۇششاقلاپ، تولۇق پىشۇرۇپ ئاندىن ئىستېمال قىلىش كېرەك.

  ئوزۇقلۇق بىلەن بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ مۇناسىۋىتى

  بالىياتقۇ ھامىلدار مەزگىلىدە ئوزۇقلۇققا ئەڭ ئېھتىياجلىق، ماددا ئالمىشىشمۇ ئىنتايىن تېز بولىدىغان ئەزا بولۇپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىن كېيىن قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشى بىر ئاز ئاستىلاپ، قىل قان تومۇرلىرى ئىنچىكرەيدۇ. بۇ ئەزامۇ سۈت بېزىگە ئوخشاش توسالغۇ پەيدا قىلمايدىغان، غىدىقلىشى تۆۋەن، ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلىرى تولۇق بولغان ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق. ئەگەر غىدىقلاش كۈچى يۇقىرى تەركىبكە يۇلۇققاندا ئاياللىق ھورمۇننىڭ قوزغىلىشىنى تېزلەشتۈرىۋېتىپ بالىياتقۇ مۇسكۇل ھۈجەيرىسىنى قوزغاپ قويۇپ، غەيرى ئۆسۈشنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ. شۇڭا بۇلاردىن ساقلىنىش كېرەك ھەمدە دائىم قان تومۇرلارنى تازىلاپ، بەدەن تېمپېراتۇرسىنى مۇۋاپىق ھالەتتە ساقلاش كېرەك.

  ئوزۇقلۇق بىلەن بۆرەك كېسەللىكلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى

  بۆرەك بىر خىل سۈزگۈچى ھەمدە ماددا ئالمىشىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەزا بولۇپ، قاندىكى كېرەكسىز تەركىبلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئاقسىلنى سۈزۈپ ئېلىپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەزانى تەشكىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەر ئاۋۋال ئۆزى تولۇق ئوزۇقلۇققا ئىگە بولۇشى كېرەك. قىل قان تومۇر ئىنتايىن زىچ بولغاچقا ھەم راۋان ھەم توم بولۇشى كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا قاننى تولۇق تازىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يېتىپ كەلگەن قاندىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى تولۇق پارچىلانغان، كىچىك مولىكۇلىلىق تەركىبلەر بولۇشى كېرەك. ئەگەر قاننىڭ ھارارىتى يۇقىرى بولمىسا بۆرەكنىڭ قىل قان تومۇرلىرى تارىيىپ، سۈزۈش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، يەنە كېلىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەن ئەھۋالدا قاندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ پارچىلىنىشىمۇ تولۇق بولمايدۇ. كۈندىلىك ئىستېمال قىلغان ئوزۇقلۇقىمىز تەڭپۇڭ بولمىسا، ئېنېرگىيىسى يېتەرلىك بولمىسا، قاندىكى ماددىلار تولۇق پارچىلانماي، قاندىكى ئەخلەتلەر كۆپىيىپ كېتىپ، قان قويۇلۇپ بۆرەككە كەلتۈرىدىغان بېسىمى ئاشىدۇ. تارىيىۋالغان قىل قان تومۇردىن ئۆتۈپ بولالماي، بۆرەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۆرەك پەيدىنپەي ئاجىزلاپ كېتىدۇ. بۇ ئورۇندىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنىڭ ئازىيىشى بىلەن سىرتتىن كىرىدىغان كېسەل مىكروبلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ ياللۇغلىنىدۇ.

  ئوزۇقلۇق بىلەن راك كېسىلىنىڭ مۇناسىۋىتى

راك ھۈجەيرىسى دېگىنىمىز: نورمال ھۈجەيرىنىڭ گېن زەنجىرىدىكى مەلۇم ھالقىنىڭ تۈزۈلۈشى جەھەتتە ئۆزگىرىش ياسىلىپ، باشقا شەكىلگە ئۆزگەرگەندىن كېيىن، ئاشۇ ئۆزگەرگەن زەنجىر ھالقىسىنى بويلاپ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، ئايرىم ھۈجەيرە ھالىتىنى ھاسىل قىلغان بولىدۇ، ئۇنىڭ بۆلۈنۈش تەرەققىياتى ئادەتتىكى نورمال ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈش تەرەققىياتىغا قارىغاندا تېزراق سۈرئەتتە بۆلۈنەلەيدىغان ھالەتتە بولىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىش ئىككى سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ: بىرى، راك ھۈجەيرىسىنىڭ ئېرسىيەت يوشۇرۇن تۈزۈلۈشى مەۋجۈت بولمىغان ئادەتتىكى نورمال ھۈجەيرىلەرگە تۇيۇقسىز سىرتقى كۈچ كۈچلۈك تەسىر قىلىش سەۋەبىدىن گېن زەنجىرى ھالقىسىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ، مەسىلەن: روھىي جەھەتتىن كۈچلۈك سىرتقى كۈچنىڭ غىدىقلىشى، كۈچلۈك رادىئاتسىيە نۇرىنىڭ تەسىر قىلىشى، ئۆتكۈر زەھەرلىك خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ تىز تەسىر قىلىشى قاتالىقلار؛ يەنە بىرى، راك ھۈجەيرىسىنىڭ گېن زەنجىرى ھالقىسىدا ئاسان ئۆزگىرىپ كېتەلەيدىغان يۇشۇرۇن ھالەتتىكى تۈزۈلۈشكە ئىگە ئېرسىيەت ئامىلى ساقلانغان، مۇكەممەل بولمىغان ھۈجەيرىلەر ئوزۇقلىنىشتىكى نورمال بولمىغان ئادەتلەر سەۋەبىدىن، ئۆلچەمسىز بولغان ئوزۇقلۇقلارنى قۇبۇل قىلىپ، تەكرار غىدىقلىنىش سەۋەبىدىن گېن زەنجىرى ھالقىسىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ.

  ئوزۇقلۇق بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ مۇناسىۋىتى

  ئەيدىز كېسىلى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى ئىچىگە كىرىۋېلىپ، پارازىتلىق بىلەن ياشاپ، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنى بۇزۇپ، ئاندىن كۆپىيىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسنىڭ ئۆلۈپ ئازلاپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدىغان، ئاخىرىدا بەدەنگە زىيانلىق تەركىبلەر ياكى باشقا كېسەل مىكروبلىرىغا تاقابىل تۇرالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغاندىن كېيىن تۈرلۈك ئەگەشمە كېسەللىكلەر پەيدا بولۇپ، ھاياتىنى خەۋپكە ئۇچرىتىدىغان كېسەللىك. بۇ كېسەلنى داۋالاشتا ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنى كۆپەيتىدىغان، بەدەنگە ئومۇمىي جەھەتتىن قۇۋۋەت بېرەلەيدىغان، ئاسان سۈمۈرىلىدىغان مۇكەممەل ئوزۇقلۇق تەركىبى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

باھا
قايتىش
قايتىش
ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئىنكاس قالدۇرغۇچى ئىنكاس مەزمۇنى ۋاقتى

ئىنكاس يوللاش جەمئى پارچە ئىنكاس بار
ئەزا نامى:
پارول:
تەستىق نۇمۇر:
يۇشۇرۇن يوللاش
تەۋىسىيە قىلىنغىنى
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى
ئاخبارات ئ
مەبلەغ سالغۇچىلار سوھبەت يىغىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى
مەبلەغ سال
ياسىنجان مۇئەللىم شىنجاڭدىكى 100 تۆھپىكارلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى
ياسىنجان م
ئالاقىدار ماقالە
    ھازىرچە ئۇچۇر يوق
يېڭى يوللانغىنى
كۆپ كۇرۇلگىنى
  Google