دىيارىمىز كىشىلىرىنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقلىنىش ئۆلچەم كۆرسەتمىسى - شىنجاڭ ئەلدوست بىئو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ | ھويلام | مۇنبەر | ئالاقىلىشىڭ | 中文
ئىزدەش:

ئورنىڭىز:باشبەت > مەركەزلىرىمىز > ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش مەركىزى جەمئى پارچە ئىنكاس بار

دىيارىمىز كىشىلىرىنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقلىنىش ئۆلچەم كۆرسەتمىسى

ۋاقتى:2010-07-26 15:50:53  مەنبەسى:ئەلدوست بىئو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى  يوللىغۇچى:ئەلدوست   ئاۋاتلىغى:708

ئەلدوست ئوزۇقشۇناسلىق نەزەرىيىسىگە ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلغان دىيارىمىز كىشىلىرىنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقلىنىش ئۆلچەم كۆرسەتمىسى

تۇز، ئاچچىقسۇ

3g - 5g

مىنېراللار، ۋىتامىنلار

0.2% 

ماي، ھەسەل

20g -25g

كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، مايلار

1.4% 

تۇخۇم، شېكەر

50g -70g

ئاقسىل، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى

4%

گۆش، سۈت

200g -250g

ئاقسىل، مېنىراللار، ماي

14.7

كۆكتات، مېۋە-چىۋە

450g -600g

ۋىتامىنلار، مېنراللار، سېللوزا

35%

قارا ئاشلىق

200g -250g

ئاقسىل، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، مېنراللار، سېللوزا

% 14.7

ئاق ئاشلىق

400g -500g

كاربون سۇ بىرىكمىلرى

30%

يۇقىرىدىكى ئوزۇقلۇق جەدۋىلىنى چۈشەندۈرۈش:

دىيارىمىز كىشىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئوزۇقلىنىش ئادىتى خەلقئارادا ئومۇملاشقان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى ۋە ئەلدوستچە ئوزۇقشۇناسلىق نەزەرىيىسى ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىلغان بۇ ئۇزۇقلۇق جەدۋىلىدىن تۆۋەندىكى رېتسىپلار بۇيىچە تاماق ئىتىپ پايدىلانساق بولىدۇ.

قان-تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە بىرلەمچى دىئابېتلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئۆلچىمى

ئەتىگەنلىك غىزا

بىر دانە ياڭاق، 3 دانە بادام مېغىزى، 4 دانە ئۆرۈك مېغىزى، بىر قوشۇق قۇناق ئۇنى، بىر قوشۇق بۇغداي ئۇنى (دىئابېتلارغا بۇغداي ئۇنى قوشۇلمايدۇ، ئەمما يېرىم قۇشۇق نۇقۇت ئۇنى قوشۇلىدۇ)، بىر قۇشۇق يېشىل پۇرچاق ئۇنى، بىر دانە تۇخۇم، مۇۋاپىق مىقداردا بەسەي، پالەك، شوخلا، قارا مور (سەيلەر ئۇششاق چانالغان)، سۇ.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن ياڭاق، مېغىزلارنى سوقۇپ ئېزىپ ئۇنلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، سوغا قۇيۇپ، ئۈستىگە تۇخۇمنى تۆكۈپ ئارىلاشتۇرۇپ بىر سائەت قاينىتىمىز، ئاندىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ (تويمىسىڭىز ئۈستىگە يەنە بىرئاز نان سېلىپ ئىچسىڭىز بولىدۇ).

بەدەن قۇۋۋىتى ئاجىز، ياللۇغ ۋە ئىككىلەمچى دىئابېت بىمارلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ئۆلچىمى

ئەتىگەنلىك غىزا

① يېرىم قۇشۇق ھەسەل، بىر تال تۇخۇم، 100 گىرام سۈت، بىر قۇشۇق قارا شېكەر (دىئابېت بىمارلىرى شېكەرنى قوشمايدۇ، ئەمما ھەسەلنى بىر قوشۇق، سۈتنى 200 گىرام قوشىدۇ)، مۇۋاپىق مىقداردا پالەك، سەۋزە، چامغۇر (ھەممىسى ئۇششاق چانىلىدۇ ھەمدە مىقدارىنى ئازدىن سالىمىز) ۋە سۇ.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قارا شېكەرنى ئېرىتىۋېلىپ، توخۇمنى تۆكۈپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز، ئاندىن سەيلەرنى سېلىپ كۈچلۈكرەك ئوتتا 20 مىنوت قاينىتىمىز، 10 مىنۇت تۇرغۇزۇپ ھەسەلنى تۆكۈپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇمىز، ئاخىرىدا ئازراق نان سېلىپ يۇمشىغاندا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. يۇقارقىدەك ناشتىلىق قىلىپ بولۇپ، يېرىم سائەتتىن كىيىن ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

② بىر دانە ياڭاق، 3 دانە بادام مېغىزى، 4 دانە ئۆرۈك مېغىزى، بىر قوشۇق قۇناق ئۇنى، بىر قوشۇق بۇغداي ئۇنى (دىئابېتلارغا بۇغداي ئۇنى قوشۇلمايدۇ، ئەمما يېرىم قۇشۇق نۇقۇت ئۇنى قوشۇلىدۇ)، بىر دانە تۇخۇم، مۇۋاپىق مىقداردا بەسەي، پالەك، شوخلا، قارا مور، سۇ (ھەممىسى چانىلىدۇ ھەمدە مىقدارى ئازدىن قوشۇلىدۇ).

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن ياڭاق، مېغىزلارنى سوقۇپ ئېزىپ، ئۇنلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، سو قۇيۇپ، ئۈستىگە تۇخۇمنى چېقىپ، بىر سائەت قاينىتىمىز، ئاندىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ (تويمىسىڭىز ئۈستىگە يەنە بىرئاز نان سېلىپ ئىچسىڭىز بولىدۇ).

ئىممۇنىت كۈچى ئاجىز بىمارلار

ئەتىگەنلىك غىزا

بىر دانە ياڭاق، 3 دانە بادام مېغىزى، 4 دانە ئۆرۈك مېغىزى، بىر قوشۇق قۇناق ئۇنى، بىر قوشۇق بۇغداي ئۇنى، بىر قوشۇق نۇقۇت ئۇنى، بىر دانە تۇخۇم، مۇۋاپىق مىقداردا بەسەي، پالەك، شوخلا، قارا مور، سۇ.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن ياڭاق، مېغىزلارنى سوقۇپ ئېزىپ ئۇنلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، سو قۇيۇپ، ئۈستىگە تۇخۇمنى چېقىپ بىر سائەت قاينىتىمىز، ئاندىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ (تويمىسىڭىز ئۈستىگە يەنە بىرئاز نان سېلىپ ئىچسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئاۋارچىلىق ھىس قىلسىڭىز، بىر بولاق تالقاننى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا چېلىپ ئاندىن تۇخۇمنى سېلىپ يۇقارقى سەيلەرنى سېلىپ، يېرىم سائەت ئەتراپىدا قاينىتىپ، ئاندىن ئۈستىگە نان سېلىپ ئىچسىڭىز بولىدۇ). ئاندىن يىرىم سائەت ئەتراپىدا ئوزۇقلۇق سۇيۇقلىقىنى ئىچىدۇ.

قەنت تەركىبى بار يېمەكلىكلەرنى، ئاچچىق-چۈچۈك ۋە خۇشپۇراق يېمەكلىكلەرنى، تاۋۇز-قۇغۇن، ھۆل مېۋىلەرنى، تۈرلۈك ئوراپ قاچىلانغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ. (ئەيدىز بىمارلىرىغا چەكلەنمەيدۇ).

چۈشلۈك غىزا رېتسىپى

① مۇۋاپىق مىقداردىكى قوي گۆشى (چوقۇم قارا گۆش بولىشى كېرەك)، سەۋزە، چامغۇر، بەسەي، پالەك، شوخلا، چىڭسەيلەرنىڭ ھەربىرىدىن 10 گىرام تەييارلايمىز. ئاۋۋال گۆشنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا ئۇزاق قاينىتىپ، يۇمشاپ پىشقاندا تەييارلانغان سەيلەرنى ئۇششاق چاناپ سېلىپ بىرلىكتە قاينىتىپ، تۇزىنى تەڭشەپ سۈيىگە ئۈگرە، چۆپ ياكى نان سېلىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ، ئەمما بەك قىززىق ھالەتتە ئىچىشكە بولمايدۇ. قان قويۇق، قاندا ماي بار ۋە بىرلەمچى دىئابېت بىمارلىرىدىن باشقىلارغا ماس كېلىدۇ. يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى ئىچىدۇ.

② توخۇ گۆشى 75 گىرام، كەپتەر گۆشى 75 گىرام، سەۋزە، چامغۇر، بەسەي، پالەك، شوخلا، چىڭسەي قاتارلىقلانىڭ ھەربىرىدىن 10 گىرام ئەتراپىدا تەييارلايمىز. ئاۋۋال توخۇ گۆشى بىلەن كەپتەر گۆشىنى يۇمشاق چانايمىز. مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا شورپىسى يۇمشىغىچە قاينىتىمىز. ئاندىن تەييارلانغان سەيلەرنى ئۇششاق چاناپ، بىرلىكتە شورپىغا تۆكۈپ قاينىتىمىز، پىشقاندىن كېين تۇز تەمىنى تېتىپ، چۆپ ياكى نان سېلىپ ئىستمال قىلسا بولىدۇ. ئەمما بەك قىززىق ھالەتتە ئىچىشكە بولمايدۇ. قان قويۇق، قاندا ماي بار بىمارلاردىن باشقىلارغا ماس كېلىدۇ. يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى ئىچىدۇ.

③ قوي پاچىقى2 تال، سەۋزە، چامغۇر، بەسەي، پالەك، شوخلا، چىڭسەي قاتارلىقلانىڭ ھەربىرىدىن 10 گىرام ئەتراپىدا تەييارلايمىز. ئاۋۋال پاچاقنىڭ گۆشى بىلەن ئۇستخىنىنى ئايرىيمىز (پىشۇرۇلغان پاچاق گۆشى بولسا ئەڭ مۇۋاپىق) ۋە يۇمشاق چانايمىز. پاچاق گۆشىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا بىر چىنە قالغۇچە قاينىتىمىز، پاچاق گۆشى قايناپ پۈتۈنلەي ئېزىلىپ كەتكەندە (ئېزىلىپ كەتمىسە قاننى قويۇلدۇرىدۇ)، تەييارلانغان سەيلەرنى ئۇششاق توغراپ بىرلىكتە قايىنتىمىز. قاينىتپ بولغاندىن كېين تۇزىنى تەڭشەپ، ئۈگرە، چۆپ ياكى نان سېلىپ ئىستمال قىلسا بولىدۇ. ئەمما بەك قىززىق ھالەتتە ئىچىشكە بولمايدۇ، بارلىق بىمارلارغا ماس كېلىدۇ. يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى ئىچىدۇ.

④ نېپىز يېيىلغان چۆپنىڭ ئۈستىگە قورۇلغان سەي سېلىپ يېسە بولىدۇ. يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى ئىچىدۇ. دىئابېت بىمارلىرىدىن باشقىلارغا ماس كېلىدۇ.

⑤ يۇمشاق دۈملەنگەن گۈرۈچ (ئىتتىك ھەزىم بولىدىغان)نىڭ ئۈستىگە قورۇلغان سەي سېلىپ يېسە بولىدۇ. يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى ئىچىدۇ. ئاساسىي جەھەتتىن بارلىق كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدۇ.

⑥ ئىككى تال پاچاق، 20 گىرام بۇغداي، 20 گىرام قۇناق، 20 گىرام سېرىق پۇرچاق، 20 گىرام يېشىل پۇرچاق، 20 گىرام نۇقۇت، سەۋزە، چامغۇر، ياڭيۇ، بەسەي، پالەك، شوخلا، لازىلارنىڭ ھەر بىرىدىن 3 گىرامدىن، پىياز، سامساقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 5 گىرامدىن، 2 كىلو سۇ.

تەييارلارش ئۇسۇلى: قوي پاچىقى بىلەن دانلىق ئاشلىقلارنى، سەۋزە، چامغۇر، ياڭيۇلارنى توغراپ، 2 كىلو سۇدا 2 سائەت ئەتراپىدا قاينىتىپ، تولۇق پىشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن سۇ مىقدارى بىر چىنىدىن ئاز بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئەگەر قايناپ بەك ئازلاپ كەتسە، ئۈستىگە يەنە تولۇقلاش كېرەك. ئاخىرىدا قالغان سەيلەرنى سېلىپ، بىر قاينىتىۋېتىپ توختىتىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ. تەخمىنەن يېرىم سائەت ئەتراپىدا ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىنى ئىچىدۇ. بۇ رېتسىپ بارلىق كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدۇ.

⑦ بۇغداي، گۈرۈچ، قۇناق، ئاراپا، سېرىق پۇرچاق، يېشىل پۇرچاق، نۇقۇتلارنىڭ ئۇنىنى ئوخشاش مىقداردا قوشۇپ، نان يېقىپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. قېتىق بىلەن ئىستېمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ رېتسىپ قان قويۇق، قاندا ماي بار ۋە بىرلەمچى دىئابېت كېسەللىكلىرىگە بەكرەك مۇۋاپىق كېلىدۇ.

كەچلىك غىزا:

سۇيۇق-سەلەڭ (دىئابېتلار زىيادە سۇيۇق تاماقلارنى يېيىشكە بولمايدۇ) ياكى سىڭىشلىك تاماقلارنى يەيدۇ، ئېغىر تائاملارنى يېيشكە، بەك تويۇنۇپ كېتىشكە بولمايدۇ. يېنىك، تېز ھەزىم بولىدىغان تاماقلارنى (بۇلارنىڭ ھىچقايسىسىغا دورا-دەرمان، تەم تەڭشىگۈچ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ) يېيىشكە بولىدۇ. يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى ئىچىدۇ.

بارلىق بىمارلارغا چەكلىنىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەر :

يىلىنجاۋاتقان ئوتقا يىقىن ئارلىقتا بىۋاسىتە قاقلىنىپ پىشۇرۇلغان كاۋاپلار (ئۈچەي كاۋاپ، جىگەر كاۋاپ، تۇنۇر كاۋاپلارنى ۋە ئوتقا يىراقتىن قاقلاپ ئۇزاقتا سىڭىشىپ پىشقان كاۋاپلارنى يۇمشاق چايناپ ئازراقتىن يېيىشكە بولىدۇ)نى يېيىشكە بولمايدۇ. سىرتقى قىسمى كۆيۈپ كېتىدۇ، ئىسنى سۈمۈرىۋالىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى پىشمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قاندا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا راك پەيدا قىلىدۇ. قورىما چۆپ (سومەن) ۋە ئەشكەن لەغمەننى يېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى توم چۆپنىڭ قېتىغا سىڭىپ كەتكەن ماي پىشمايدۇ، قانغا ئۆتكەندە پارچىلانماي چۆكمە پەيدا قىلىدۇ. نىپىز بېسىپ ئەتكەن يۇمشاق پىشۇرۇلغان لەغمەننى يېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئاسان پارچىلىنىپ تېز سىڭىدۇ.

تەييار چۆپنى يېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى تەركىبىدە خىمىيىلىك خۇرۇچلار بار بۇلۇپ، ئاسان پارچىلانمايدۇ، ئاشقازاننى غىدىقلاپ ئىشتەينى تۇتۇپ قويىدۇ، تەركىبىدە بەدەنگە سۈمۈرىلىدىغان قىسمى بەك ئاز بۇلۇپ، بەدەن قۇۋۋىتىنى تۈۋەنلىتىۋېتىدۇ. قارمۇچ، ئاقمۇچ، زىرە، كاۋاۋىچىن قاتارلىق تەم تەڭشىگۈچلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. توخۇ قورۇمىسى، ئاچچىق-چۈچۈك زىقلىق كاۋاپ (مالاچۈەن)، يەلقازان شورپىسى (خوگو) قاتارلىقلارنى يېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى تەركىبىدىكى دورا-دەرمان (قارمۇچ، ئاقمۇچ، زىرە، كاۋاۋىچىن) ئاسانلىقچە پارچىلانمىغاچقا، بەدەنگە سۈمۈرۈلمەي جىگەردە سۈزۈلۈپ قېلىپ، جىگەر ئىقتىدارىنى قالايماقانلاشتۇرىدۇ، نېرىپنى غىدىقلاپ خۇمار قىلىدۇ، باشقا تاماققا كۆڭۈل تارتمايدۇ، بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىش تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدۇ، پايدىلىق تەركىبنى سۈمۈرۈپ، پايدىسىز تەركىبلەرنى سۈرۈپ چىقىرىۋېتىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

ھەر خىل قۇتىلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە بولمايدۇ (ھەقىقى % 100لىك مېۋە سۈيى بۇنىڭ سىرتىدا)، چۈنكى بۇ خىل ئىچىملىكلەر ھەر خىل خىمىيىلىك خۇرۇچلار بىلەن تەڭشەپ ئىشلىنىدۇ.

ھەر خىل شاكىلات (چياۋكېلى)، سېغىز كەمپۈت (پوپوتاڭ) ۋە ھەر خىل رەڭگارەڭ كەمپۈتلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ (تەركىۋىگە ھىچقانداق خۇرۇچ قۇشۇلمىغانىلىرى بۇنىڭ سىرتىدا) ، چۈنكى تەركىبىدە ھەرخىل خىمىيىلىك خورۇچلار بار. ھەر خىل مايدا پىشۇرۇلغان، مەسىلەن: پىلتە قۇيماق (يوۋتىياۋ)، پوشكال، قورىغان ۋە سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، بەرەڭگە ياپراقچىسى (ياڭيۇ ياپراقچىسى) قاتارلىقلارنى يېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ خىل يېمەكلىكلەر جىگەردە پارچىلانماي زەھەرلەيدۇ ھەم قاندا ئېرىمىگەچكە ياغ چۆكمىسى، قان توسۇلۇش ۋە راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. راڭپىزا، سېرىق ئاش، مىفېن (گۈرۈچ ئۇنى چۆپى)، گەنبيەن سوميەن (قۇرۇق چۆپ ئېشى) قاتارلىقلارنى يېيىشكە بولمايدۇ. ھەر خىل تورت، مېۋە ئۇيۇتمىسى (گودۇڭ)، ھەر خىل ماروژنا، تۇڭلاتقۇدىن چىقىرىلغان يېمەكلىكلەر، ئوراپ قاچىلانغان ئۇششاق يېمەكلىكلەر (بالىلار يېمەكلىكلىرى) قاتارلىقلارنى يېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ تەركىبىدە خىمىيىلىك خۇرۇچلار كۆپ، بەدەنگە سۈمۈرۈلمەيلا قالماستىن، بەدەندە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. يەنە بۇ نەرسىلەر قاننىڭ ھارارىتىنى چۈشۈرۈپ، قان ئايلىنىشىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ماددا ئالمىشىش ئاستىلاپ، ھۈجەيرنىڭ كۆپىيىشى توسالغۇغا ئۇچراپ بەدەننىڭ ئممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئومۇمەن تەركىبىگە ھەر خىل خۇرۇچلارنى قوشۇپ ياسىغان، ئوراپ قاچىلىغان ياكى سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسىغان ھەر قانداق يېمەك-ئىچمەكلەرنى يەپ-ئىچىشكە بولمايدۇ. ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىنى سۇغا تەڭشەپ ئىچىشكە، ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلاپلا سۇ ياكى چاي ئىچىشكە بولمايدۇ. ئەسكەرتىش: ئەتىگەنلىك غىزادىن بۇرۇن، كەچلىك غىزادىن كېين مېۋە، سوغۇق سەي ياكى سوغۇققا دائىر يېمەكلىكلەرنى يىيشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئەتگەنلىك غىزادىن بۇرۇن يىگەندە، ئاشقازان ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاشقازان سۇيۇقلىغى ئىشلەش توسالغۇغا ئۇچىرايدۇ. سوغاق تېمپۇراتۇرا نېرۋىلارنى غىدىقلاپ ئىشتەينى تۇتۇپ قويۇدۇ. تاماققا كۆڭلى تارتمايدۇ. كەچلىك غىزادىن كېيىن يىگەندە ئاشقازان ۋە قاننىڭ ھارارىتىنى چۈشۈرۈپ، ماس ھالدا قان بېسىمىنىمۇ تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مېڭىگە قان يېتىشمەي ئۇيقۇ كەلمەيدۇ. قان ئايلىنىش ئاستىلاپ كەتكەچكە، ماددا ئالمىشىشمۇ ماس ھالدا تۆۋەنلەپ، بەدەندىكى ئارتۇقچە زەھەرلىك ماددىلار ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا سۈرۈپ چىقىرۋېتىلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەن قۇۋىتى تۆۋەنلەپ، ئىممۇنىتىت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

بىمارلار داۋالىنىش جەريانىدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :

بىمار بىز ئەسكەرتمىگەن باشقا تائاملارنى يىگۈسى بولسا، چوقۇم بىزگە مەلۇم قىلىپ بىزنىڭ رۇخسىتمىزنى ئېلىشى، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىدىن ھەر ئىككى ياكى ئۈچ كۈندە بىر قېتىم بىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك. ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىنى ساقلاشتا، مۇۋاپىق ئۆي تېمپىراتورىسىدا ساقلاش كېرەك، توڭلاتقۇغا سېلىشقا، تېمپۇراتۇرسى تۆۋەن جايدا ساقلاشقا بولمايدۇ، ھەرقېىتم ئىچىشتىن ئاۋۋال ئارىلاشتۇرىۋېتىپ ئىچىش كېرەك.

خىمىيىلىك دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، مىكروپ ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى بار دورىلار بىلەن بىرلىكتە ئىچىشكە بولمايدۇ، ھورمۇنلۇق دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئچىشكە تېخمۇ بولمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە ئوزۇقلۇق مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە كالىتىسي، تۆمۇر ۋە سىنىك قاتارلىق مېنىرال ماددىلارنى تولۇقلىغۇچى ئىشقارلىغى بار مەھسۇلاتلارنى بىرلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ.

ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى يۇقارقى تەركىبلەر بىلەن ئۇچراشقاندا خىمىيىلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىپ، ئوزۇقلۇقنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بەدەندىمۇ بىنورمال ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ.

يۈرەك كېسىلى، قان بېسىم، مېڭە پارالىچ، رېماتىزىم، دىئابېت ۋە راك كېسەللىكلىرى خىمىيىلىك دورىلارنى ئىشلىتىۋاتقان بولسا، ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىنى ئىچكەن مەزگىلدە بىراقلا توختىتىۋەتمەيدۇ، كېتىۋېتىپ بەدەندىكى كېسەللىك ئۆزگۈرىشىگە ئاساسەن ئازايتىپ، 1 ئايدىن 3 ئايغىچە پەيدىنپەي توختىتىدۇ. ئەگەر داۋالىنىش مەزگىلىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولسا، خىمىيىلىك دورىلارنى يەنە قايتا ئىچىپ بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاندىن يەنە پەيدىن-پەي توختىتىدۇ.

بۇ رېتسىپلاردا ئەلدوستچە ئوزۇقلىنىش ۋە تاماق تەييارلاش قائىدىلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، ئەلدوستچە ئىلمىي ئوزۇقلىنىش يەنى ئېنېرگىيىسى مۇۋاپىق بولغان، تومۇرلاردا توسالغۇ پەيدا قىلماي، راۋان ماددا ئالمىشالايدىغان، ھۈجەيرىلەرگە ئاسان سۈمۈرۈلەلەيدىغان ۋە يېتەرلىك ھەم ئۆلچەملىك ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاساس قىلىنىدۇ.

ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىنى ئىچكەندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر

① ئىچكەندىن كېيىن ئاشقازاندا مۇئەييەن قىزىش ئالامىتى كۆرۈلۈپ، يېرىم سائەت ئەتراپىدا يوقاپ كەتسە نورمال ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ھېچقانداق قىزىش ئالامىتى كۆرۈلمىسە، مىقدارى ئاز ئىچىلىپ قالغان بولىدۇ. ئەگەر بىر سائەت ياكى ئۇنىڭدىن ئوزۇن قىزىش ئالامىتى كۆرۈلسە ۋە ياكى بەدەن خاراكتېرلىك كۈچلۈك قىزىپ كەتسە، ئىچىش مىقدارى ئارتىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىنى مۇئەييەن مىقداردا كۆپەيتىپ ئىچكەندىن كېيىنمۇ، بەدەندە سەل قىزىش پەيدا قىلالمىسا، ئىشتەي تۇتۇلۇپ قالمىغان بولسىلا، مىقدارىنى يۇقىرى چەكتىن ئارتۇق ئىچىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئەمما ئۇدا ئۈچ ئاي ئىچكەندىن كېيىن، بەدەندە ھىچقانداق قىزىش ئەھۋالى كۆرۈلمەي تورۇپمۇ، پەيدىنپەي كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم كۆرسىتەلەيدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب: قاننىڭ تېمپېراتۇرىسى، بولۇپمۇ بەدەن سىرتىغا يېقىن جايلاشقان قىل قان تومۇرلار تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن تۆۋەن، كېرەكسىز ئەخلەتلەر ئىنتايىن كۆپ، قويۇقلۇقى ئىنتايىن يۇقىرى، ئىچكى سىقىش بېسىمىمۇ يۇقىرى، شۇ سەۋەبتىن ئوزۇقلۇق قاننى قىزىتىپ، توسالغۇلارنى پارچىلاپ، كېرەكسىز تەركىبلەرنى سىقىپ چىقرىپ، قاننى تازىلاشقا، سويۇلدۇرۇپ ئېقىمىنى تېزلىتىشكە دەرھاللا كۈچى يېتەلمەي، پەيدىنپەي ئۇزاقراق ۋاقىت قان تازىلاشنى ئىشقا ئاشۇرالىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىلدىكى بىمارلار ئەڭ ياخشىسى بەدەن سىرتىدىن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈپ، قىل قان تومۇرنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئاشۇرۇپ، سىرتتىن زەھەر تازىلاشنى ئېلىپ بارغاندا داۋالاش ئۈنۈمى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ، ۋاقتى قىسقىرايدۇ.

② ئىچكەندىن كېيىن مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە، بەدەننىڭ بوغۇم ياكى قىل قان تومۇر ۋە نېرۋا تومۇرلىرى زىچ جايلاشقان قىسىملىرىدا، مۇئەييەن دەرىجىدە چىڭقىلىش ياكى ئاغرىش كۆرۈلسە، چېكىتتەك قىزىل نەرسىلەر چىقسا، توسالغۇلارنى سۈرۈپ چىقىرىپ، تومۇرلارنى كېڭەيتىپ راۋانلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاغرىق ۋە چېكىتلەر يوقاپ، قىچىشىشقا باشلىغان بولسا، يولنىڭ راۋانلىشىپ ئوزۇقلۇقلارنىڭ تولۇق يېتىپ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن، ھۈجەيرىلەرنىڭ قايتىدىن ئۆسۈپ ئۆزئارا سۈركۈلۈش پەيدا قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قىچىشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

③ تۈرلۈك ياللۇغ كېسەللىكلىرىدە ياللۇغلانغان خاس ئورۇن كۈچلۈك قوزغىلىپ، بەدەن خاراكتېرلىك قىزىش ۋە ئاغرىش كۆرۈلىدۇ. بۇ ئالامەت ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنى قوزغىتىپ، نورمال ھۆجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىنى تېزلەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئىممۇنىتېت كۈچى ئېشىپ، بەدەندىكى كېسەل مىكروبلىرى ۋە زەھەرلىك تەركىبلەرگە قارىتا قارشى تۇرغۇچى ماددا ئاجىرىتىپ چىقىرىپ، كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بۇ ۋاقىتتا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىچىش مىقدارىنى ئازايتىپ، قارشى تورۇش ئىنكاسىنى پەسەيتىش كېرەك. ئەمما توختۇتۇپ قۇيۇشقا بولمايدۇ.

بەدەن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن پەيدىنپەي ماسلىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر بەدەن سەزگۈرلۈكى ھەقىقەتەن يۇقىرى بىمارلار بولسا، ئىنكاس قايتۇرىشى پەيدىنپەي بەك ئۇزاق دۋاملىشىپ كەتسە، ماسلىشىپ كېتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا ئىچىشنى توختىتىش كېرەك.

④ ئوزۇقلۇقنى ئىچكەندىن كېيىن ئىشتەي ئېچىلىپ كەتكەن بولسا، بۇ ياخشى ئالامەت. ئەگەر بەدەن ئورۇق بولسا، تاماق تۈرلىرىنى تەڭشەپ، كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك. ئەگەر بەدەن نورمال بولسا، ئەسلىدىكى ئوزۇقلىنىش مىقدارىنى ئاشۇرماسلىق كېرەك. ئەگەر بەدەن سېمىز بولسا ئەسلىدىكى نورمال ئوزۇقلىنىش مىقدارىنى تەڭشەپ، سېللوزا تەركىبى يۇقىرىراق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش بىلەن بىرگە ئەسلىدىكى ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرماسلىق كېرەك.

⑤ ماغدۇرسىزلىنىش، زۇكام بولۇش، يۆتەل ئارىلاش بەلغەم كېلىش، نورمال ئالامەت بولۇپ (زۇكام بولغاندا قىزىتما پەيدا بولسا نورمال ئەمەس) ، بەدەندىكى زەھەرلەرنى تازىلاش جەريانىدا ئېنېرگىيە سەرپىياتى كۆپرەك بولۇپ كەتكەنلىكتىن، بەدەندە ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. زەھەر تازىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ماغدىرسىزلىنىش ياكى زۇكام ئالامەتلىرى ئاستا-ئاستا پەسلەپ يوقايدۇ ھەمدە بەدەن يەڭگىللىك ھېس قىلىدۇ. روھىي كەيپىياتمۇ ئۆزلۈكىدىن كۆتۈرىلىدۇ.

⑥ ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىنى مەلۇم مەزگىل ئىچكەندىن كېيىن تەرىتى يۇمشاق، يېپىشقاق، ئىنچىكە ۋە تەستە، كۈن ئارىلاپ كېلىدىغان بولۇپ قالسا ياكى ئىچى قىزىپ سەل بىئارام بولىدىغان، ئىشتەي سەل تۇتۇلۇپ قالىدىغان بولۇپ قالسا، ئۈچەينىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن، سېللوزا تەركىبى يېتىشمىگەن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قارا ئاشلىق، مېۋە-چىۋە، كۆكتات قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرىنى ياكى ھەرقايسىسىدىن مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك. ئەگەر قارا ئاشلىق، مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىش جەريانىدا ئىچى سۈرۈپ كەتسە، ئىشتەي تۇتۇلۇپ يەل قاپلىشىۋالسا، پۇت-قولىدا ماغدۇرسىزلىق كۆرۈلسە، باش قىسمى ئېسىلىپ ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك ئاغرىسا، بۇرنىدىن سۇ ئېقىپ زۇكام بولسا، بەدەننىڭ سوغۇقىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى، يەنى قاننىڭ ھارارىتى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن قان قويۇلۇپ، ئېقىشى ئاستىلاپ، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسمىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ماي، شېكەر ياكى ئاقسىل تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

باھا
قايتىش
قايتىش
ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئىنكاس قالدۇرغۇچى ئىنكاس مەزمۇنى ۋاقتى

ئىنكاس يوللاش جەمئى پارچە ئىنكاس بار
ئەزا نامى:
پارول:
تەستىق نۇمۇر:
يۇشۇرۇن يوللاش
تەۋىسىيە قىلىنغىنى
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى
ئاخبارات ئ
مەبلەغ سالغۇچىلار سوھبەت يىغىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى
مەبلەغ سال
ياسىنجان مۇئەللىم شىنجاڭدىكى 100 تۆھپىكارلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى
ياسىنجان م
ئالاقىدار ماقالە
    ھازىرچە ئۇچۇر يوق
يېڭى يوللانغىنى
كۆپ كۇرۇلگىنى
  Google