ئوزۇقلۇق بىلەن ئۆپكە كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى
ئۆپكە ـ نەپەس يولى ئارقىلىق كىرگەن ھاۋانى سۈزۈپ، ئوكسېگىننى ئايرىپ، قانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش بىلەن بىرگە ماددا ئالمىشىش جەريانىدا ھاسىل بولغان كاربون تۆت ئوكسىدنى قاندىن ئايرىپ ئېلىپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق نورمال قان ئايلىنىش جەريانىدىكى ماددا ئالمىشىشقا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم ئەزانىڭ بىرىدۇر. ئۆپكىنىڭ توقۇلمىلىرى ئىنتايىن يۇمشاق بولۇپ، تۈزگۈچى ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىش ۋە ئۆلۈش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولغان بىر قەدەر نازۇك ئەزا. ئوزۇقلۇق تەركىبىگە تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، بەلگىلىك مىقداردىكى ئېنېرگىيە ۋە يېتەرلىك ئاقسىلغا بەك ئېھتىياجلىق. ئەگەر ئېنېرگىيە ۋە ئاقسىل مۇئەييەن دەرىجىدە كەملەپ كەتسە، ئۆپكە توقۇلمىلىرىنى تۈزگۈچى ھۈجەيرىلەر، بولۇپمۇ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى تېز ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆپكىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، سىرتتىن كىرىدىغان كېسەل مىكروبلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا تېزلا ئۇچراپ، تۈرلۈك ياللۇغ كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ. ياللۇغنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، باشقا كېسەللىكلەرمۇ كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى سىرتتىن يۇققان كېسەل مىكروبلىرى ئۆپكە ھۈجەيرىلىرىنى بۇزۇپ، توقۇلمىلىرى ئاجىزلاشقاندىن كېيىن نورمال فۇنكسىيىسى تەسىرگە ئۇچراپ، ياللۇغدىن باشقا كېسەللىكلەرمۇ ئەگىشىپ پەيدا بولىدۇ. ئوزۇقلۇق تەركىبىدە ئاقسىل يېتەرلىك بولغاچقا، ئۆپكە ھۈجەيرىسىنىڭ ئاقسىلغا بولغان ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇپ، كۆپىيىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەركىبىدىكى بىئو-ئىشقار نەپەسلىنىش بوشلۇقى ئارقىلىق كىرگەن كېسەل مىكروبلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، تۈرلۈك ئۆپكە ياللۇغى، جۈملىدىن ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسەللىكىنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ. ئۆپكە ھۈجەيرىسى تېز كۆپىيىپ تېز ئۆلىدىغان بولۇپ، تېز سۈرئەتتە ئۆلگەن ھۈجەيرىلەر ۋاقتىدا سۈرۈلۈپ چىقىپ كېتەلمەي، بەلغەم ھالىتىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. ئوزۇقلۇقنىڭ توسالغۇلارنى پارچىلاپ چىقىرىۋېتىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغاچقا، بەلغەم ماددىلىرىنى پارچىلاپ ئاسانلا سۈرۈپ چىقىرىۋىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى راۋانلىشىپ، ئوكسېگىن ۋە كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ ئالمىشىشى ئاسانلىشىدۇ، ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىپ، قانغا يېتەرلىك ئوكسېگىن تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ.
|