ئوزۇقلۇق بىلەن ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىگى ۋە ماددا ئالمىشىشنىڭ مۇناسىۋىتى
ئاشقازان بەدىنىمىزگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بىرىنچى ئەزا ھېسابلىنىدۇ. ئوزۇقلۇققا بولغان سەزگۈرلۈكى ۋە تەلىپى ئىنتايىن ئىنچىكە، ئىستېمال قىلغان يېمەك-ئىچمەكنىڭ بەدەنگە ياقىدىغان-ياقمايدىغانلىقىغا، خىل كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا ئالدى بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدىغان ئەزا. يېمەكلىكلەر ئالدى بىلەن مۇشۇ ئەزادا دەسلەپكى قەدەمدە پارچىلىنىپ بىر تەرەپ بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئەزانىڭ ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ قالسا، يېمەكلىكلەر تولۇق بىر تەرەپ بولماي، كىيىنكى ئەزالارغا بېسىم بولىدۇ ھەمدە شۇ ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىمۇ ئاجىزلىشىدۇ، شۇڭا يېمەكلىكلەرنى ئاشقازاننىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق ئويلاشقان ئەھۋال ئاستىدا، مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئىنچىكە بىر تەرەپ قىلىپ، ئاندىن ئىستېمال قىلىش كېرەك. يەنى مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىگە ئىگە، مۇئەييەن دەرىجىدىكى سىلىقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، يەنە مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئۇششاقلانغان ئوزۇقلۇق تەركىبى بولۇشى كېرەك، مەسىلەن: ئېنېرگىيىسى تۆۋەن يېمەكلىك بولسا ئاشقازاننىڭ ھارارىتىنى كۆتۈرۈشكە ياردىمى بولمايدۇ. ئاشقازان تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولغاندا لۆمۈلدەش ھەرىكىتى تۆۋەن بولىدۇ، يېمەكلىكلەرنىڭ پارچىلىنىشىمۇ ئاستا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېمەكلىكلەر چالا بىر تەرەپ بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر سىلىقلاش ئىقتىدارى تۆۋەن قاتتىق-قۇرۇق يېمەكلىك بولۇپ قالسا ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنى زەخمىلەندۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جاراھەتلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئىنچىكە ئۇششاقلانمىغان، ھەجىمى چوڭ يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنىپ قالغاندا، ئاشقازاننىڭ پارچىلاش ئىقتىدارى ۋە لۆمۈلدەش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ، ئاشقازان ئاجىزلاپ كېتىدۇ، تولۇق بىر تەرەپ بولمىغان باشقا يېمەكلىكلەر كىيىنىكى ئەزالارغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. ئۈچەي ئاشقازاندىن يېتىپ كەلگەن، يېرىم بىر تەرەپ قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە پششىقلاپ ئىشلەپ قانغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۈچەينىڭ يېمەكلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش فۇنكسىيىسى ئۈچ ئامىل بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىرى، تېمپېراتۇرا بولۇپ، ئۈچەي پائالىيىتى جەريانىدىكى تېمپېراتۇرا مۇۋاپىق تەڭشەلسە، يەنى يۇقىرىراق ھالەتتە بولسا، ئۈچەي ئىچىدىكى پايدىلىق باكتېرىيىنىڭ كۆپىيىشىگە پايدىلىق، يەنە بىرى ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئىككىنچى بىرى، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسا، يېمەكلىكلەرنى پارچىلاش ۋە تەرەتنى ھەيدەپ چىقىرىش ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچەينىڭ قوۋۋىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك، يەنى ئاقسىل تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۈچىنچى بىرى، ئۈچەي ئىچىدىكى پايدىلىق باكتېرىيە يېمەكلىكلەرنى ئىنچىكە پىشىشىقلاپ ئىشلەش، ئوزۇقلۇق تەركىبىگە ئايلاندۇرۇش، زەھەرلىك تەركىبلەرنى پارچىلاش جەھەتتە ئەڭ زور رول ئوينايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تېمپېراتۇرا يۇقىرىراق بولغاندىن سىرت، يېمەكلىك سېللوزىسىنى يېتەرلىك تولۇقلاش كېرەك. پايدىلىق باكتېرىيە كۈچلۈك بولغاندا، بۇنىڭغا قارشى بولغان زىيانلىق باكتېرىيىنى چەكلەپ، قانغا زىيانلىق تەركىبنىڭ يوللىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۈچەينىڭ يۇقارقى ئۈچ ئامىلى يېتەرلىك رول ئوينىغاندا، قانغا يۇقىرى سۈپەتلىك ئوزۇقلۇق تەركىبى تەمىنلەش تولۇق ئىشقا ئاشىدۇ.
|