ئوزۇقلۇق بىلەن مەزى بېزى كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى مەزى بېزى بولسا ئەرلىك ھورمۇن ئىشلەپ چىقرىدىغان بىر قەدەر نازۇك ئەزا بولغاچقا، غول تومۇر بىلەن ئارىلىقى يىراق بولۇپ، قىل قان تومۇرلار ئارقىلىق تۇتىشىدۇ، ئوزۇقلۇقلارنىڭ يېتىپ بارمىقى بىر ئاز تەس. مۇشۇ ئالاھىدىلىكىنى نەزەرگە ئالغاندا ئېنېرگىيىسى يېتەرلىك، ئاقسىل تەركىبى مول ھەم كىچىك مولىكۇلىلارغا پارچىلانغان ئوزۇقلۇق تەركىبىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق. بۇنىڭ ئۈچۈن قان تېمپېراتۇرىسىنى دائىم بەلگىلىك دەرىجىدە ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە قان تومۇردا توسالغۇ پەيدا تورۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇنداق بولغاند ا مەزى بېزىگە ئوخشاش قىل قان تومۇر ئارقىلىق تۇتىشىدىغان نازۇك ئەزالارنىڭ تومۇرلىرى ئېلاستىك ھالەتتە ئوزۇقلارنى راۋان ماڭدۇرۇپ بېرەلەيدىغان بولىدۇ-دە، ئۆزىنى قوغداش ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى يېتەرلىك بولۇپ، ئاسان ياللۇغلىنىشتىن ساقلىنىپ قالالايدۇ. بەدىنىمىزنىڭ ھەر قايسى قىسمىغا جايلاشقان بەزلەر تۈرلۈك ئېنزىم ۋە ھورمۇن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەزالار بولۇپ، گەرچە ئۆزى كىچىك بولسىمۇ رولى ئىنتايىن چوڭ. بۇ ئەزالارنىڭ قىل قان تومۇرلىرى ئىنتايىن ئىنچىكە، ماددا ئالمىشىش سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا، ھۈجەيرىلەرنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىمۇ ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، ھۈجەيرىسى ئۆلسە كۆپىيىپ ئەسلىگە كەلمىكى ئىنتايىن تەس. ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدىكى تەبىئىي ھورمۇنلار بۇ ئەزالاردىكى ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ، ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، فۇنكسىيىسىنى پەيدىنپەي ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.
|