ئوزۇقلۇق بىلەن جىگەر ئۆت كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى جىگەر بەدەندىكى قان ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئەزا بولۇپ، ئوزۇقلۇقنىڭ تەركىبىگە نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر. جىگەر ھۈجەيرىسىنىڭ گېن قورۇلمىسى ۋە ماددا تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، كۆپىيىش ياكى ئۆلۈش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز. جىگەر، ئاشقازان، ئۈچەيدىن ئۆتۈپ مۇئەييەن دەرىجىدە بىر تەرەپ بولۇپ كەلگەن ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى جىگەر توقۇلمىسىدىكى مۇرەككەپ ئالاھىدىلىككە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان بىر يۈرۈش ئېنزىملار ئارقىلىق مۇكەممەل پارچىلاپ ۋە قايتا بىرىكتۈرۈپ، ئاۋۋال ئۆز توقۇلمىسىدىكى ھۈجەيرىلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، كۈچلەندۈرۈپ، ئاندىن چوڭ تومۇردىكى قانغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. قان تومۇردا تەكرار ئايلىنىپ جىگەرگە كېلىپ، يەنە داۋاملىق بىر تەرەپ بولۇپ ئۆزلۈكسىز قان ئىشلەپچىقىرىش يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئەگەر يېمەكلىكلەر تەركىبى تەكشى ھەم ئۇششاق بىر تەرەپ قىلىنغان بولمىسا، جىگەرنىڭ پارچىلاش بېسىمى ئارتىپ كېتىپ جىگەرنىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىدۇ، يەنى تۈرلۈك پارچىلىغۇچى ئېنزىملارنىڭ مىقدارى ئارتىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جىگەرگە يېتىپ كەلگەن ئاقسىل تەركىبلىرىنى تېز پارچىلاپ ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرىۋېتىپ، جىگەر ۋە باشقا ئەزالارغا كېرەكلىك ئاقسىلنىڭ يىتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبىدىكى ئېنېرگىيە بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، جىگەردىن ئۆتكۈچە بولغان ئارىلىقتا مايغا ئايلىنىپ كېتىپ جىگەرنى ماي قاپلاش كۆرۈلىدۇ. يۇقارقى ئالامەتلەر يۈز بەرگەندە جىگەر توقۇلمىلىرىدىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىپ، جىگەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، بەدەن سىرتىدىن كەلگەن كېسەل ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرالماي يۇقتۇرىۋالىدۇ-دە، تۈرلۈك ياللۇغ كېسەللىكى شەكىللىنىدۇ. ئوزۇقلۇق تەركىبىىدىكى كۆپ قىسىم ئېنزىملار، بىئو-ئىشقارلار، تەبىئىي ھورمۇنلار جىگەرگە يېتىپ كەلگەندە، جىگەردە ھاسىل بولىدىغان بىر نەچچە خىل ئالاھىدە ئېنزىملارغا ياردەم بېرىپ، ماي قاتارلىق تېخىمۇ تولۇق پارچىلىنىپ كېتەلمىگەن يۇقىرى مولىكۇلىلىق ماددىلارنى پارچىلاپ، كىچىك مولىكۇلىلىق ماددىلارغا ئايلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرغۇنلىغان ئېھتىياجلىق ماددا تەركىبلىرىنى بىرىكتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. كېرەكسىز زەھەرلىك تەركىبلەرنى پارچىلاپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىنى تەڭشەش ۋە تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
|