ئوزۇقلۇق بىلەن بۆرەك كېسەللىكلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى
بۆرەك بىر خىل سۈزگۈچى ھەمدە ماددا ئالمىشىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەزا بولۇپ، قاندىكى كېرەكسىز تەركىبلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئاقسىلنى سۈزۈپ ئېلىپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەزانى تەشكىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەر ئاۋۋال ئۆزى تولۇق ئوزۇقلۇققا ئىگە بولۇشى كېرەك. قىل قان تومۇر ئىنتايىن زىچ بولغاچقا ھەم راۋان ھەم توم بولۇشى كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا قاننى تولۇق تازىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يېتىپ كەلگەن قاندىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى تولۇق پارچىلانغان، كىچىك مولىكۇلىلىق تەركىبلەر بولۇشى كېرەك. ئەگەر قاننىڭ ھارارىتى يۇقىرى بولمىسا بۆرەكنىڭ قىل قان تومۇرلىرى تارىيىپ، سۈزۈش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، يەنە كېلىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەن ئەھۋالدا قاندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ پارچىلىنىشىمۇ تولۇق بولمايدۇ. كۈندىلىك ئىستېمال قىلغان ئوزۇقلۇقىمىز تەڭپۇڭ بولمىسا، ئېنېرگىيىسى يېتەرلىك بولمىسا، قاندىكى ماددىلار تولۇق پارچىلانماي، قاندىكى ئەخلەتلەر كۆپىيىپ كېتىپ، قان قويۇلۇپ بۆرەككە كەلتۈرىدىغان بېسىمى ئاشىدۇ. تارىيىۋالغان قىل قان تومۇردىن ئۆتۈپ بولالماي، بۆرەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۆرەك پەيدىنپەي ئاجىزلاپ كېتىدۇ. بۇ ئورۇندىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنىڭ ئازىيىشى بىلەن سىرتتىن كىرىدىغان كېسەل مىكروبلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ ياللۇغلىنىدۇ. بۆرەك ئەڭ ئاخىرقى كېرەكسىز ماددىلار بىلەن ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى ئايرىيدىغان ھالقىلىق ئەزا بولۇپ، قان تەركىبىدىكى ھەر خىل ماددىلارنىڭ پارچىلىنىشى يېتەرلىك بولۇپ، كېرەكسىز قىسمى مۇئەييەن چەكتىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا بۆرەك ياخشى سۈزەلەيدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، بۆرەك توقۇلمىلىرى مۇكەممەل بولغاندا يەنىلا ياخشى سۈزەلەيدۇ. ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى تەركىبىدىكى تۈرلۈك تەركىبلەر قانغا ئۆتكەن ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى ئۆلچەملىك پارچىلاپ ھەم ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ھاسىل قىلىپ، قاننىڭ ھەجىمىنى كېڭەيتىپ، ئېقىشىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ ئىنچىكە تەركىبلەرگە پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۆرەكنىڭ سۈزۈش بېسىمى يەڭگىللەپ، فۇنكسىيىسىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ. يەنە كېلىپ ئوزۇقلۇق تەركىبىدىكى ئاقسىل ۋە تەبىئىي ھورمۇن قاتارلىق تەركىبلەر بۆرەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىپ، قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئوزۇقلۇق تەركىبىدىكى بىئو-ئىشقار بۆرەك قىل قان تومۇرلىرى ئىچىگە كىرىۋالغان مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈپ ياللۇغنى تۈگىتىدۇ.
|