ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىنىڭ كېسەل داۋالاشتىكى تۈپ رولى - شىنجاڭ ئەلدوست بىئو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ | ھويلام | مۇنبەر | ئالاقىلىشىڭ | 中文
ئىزدەش:

ئورنىڭىز:باشبەت > مەركەزلىرىمىز > ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش مەركىزى جەمئى پارچە ئىنكاس بار

ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىنىڭ كېسەل داۋالاشتىكى تۈپ رولى

ۋاقتى:2010-09-16 15:59:22  مەنبەسى:  يوللىغۇچى:   ئاۋاتلىغى:634

ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىنىڭ كېسەل داۋالاشتىكى تۈپ رولى ۋە جەريانى

ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىنىڭ ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى داۋالاش رولى:

 ئادەم ئورگانىزىمىنى تۈزگۈچى ئەزا ياكى توقۇلمىلارنىڭ فۇنكىسىيەسىنىڭ ئاجىرىلىشىشى ياكى بۇزۇلۇشى كېسەل دېيىلىدۇ. ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى كېسەللىك پەيدا بولغان ئورۇندىكى ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىپ ۋە كۈچلەندۈرۈپ، تۈرلۈك ھۈجەيرە گېن تۈزۈلۈشىگە ماس كېلىدىغان ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى ئۆلچەملىك يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى ئەزالار ساغلام بولۇپ، ئۆز فۇنكىسىيەسىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. شۇڭا،كېسىپ ئېيتالايمىزكى ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىمىز كەڭ بىمارلارغا، ساغلانلىق ئىزدىگۈچىلەرگە ۋە ساغلام كىشىلەرگە بىخەتەر ، ئەكىس تەسىرى بولمىغان ئوزۇقلىنىش ۋە داۋالىنىش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.

  ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى ئالدى بىلەن ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، يەنى دەرھال ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىپ، ئوزۇقلۇقلارنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كىسلاتالىق خۇسۇسىيىتىنىڭ تېز تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يېمەكلىكلەرنى پارچىلاش ئۈچۈن يېتەرلىك كىسلاتا بىلەن تەمىنلەشكە ياردەم بېرىدۇ. ئۆزگىچە تەمى ۋە پۇرىقى ئاشقازان نېرىپلىرىنى غىدىقلاپ، لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۈچەيگە كەلگەندە تەركىبىدىكى پايدىلىق باكتېرىيىلەر ئۈچەيدە ئەسلىدە بار بولغان، يەنى مەخسۇس پايدىلىق باكتېرىيە يىتىشتۈرۈش ئامبىرى سوقۇر ئۈچەيدىكى پايدىلىق باكتېرىيىلەرنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىپ، زىيانلىق باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرۈپ ۋە تىزگىنلەپ، يۇقىرى مولىكۇلىلىق ئاقسىل ۋە شېكەر مولىكۇلىلىرى، تويۇنمىغان ماي كىسلاتا مولىكۇلىلىرى قاتارلىقلارنى پارچىلايدۇ. ئاز بىر قىسىم ئېنزىملار، بىئو-ئىشقارلار، تەبىئىي ھورمۇنلار ئۈچەيگە يېتىپ كەلگەن يۇقىرى مولىكۇلىلىق تويۇنغان ماي قاتارلىق تەركىبلەرنى پارچىلايدۇ ۋە پايدىلىق باكتېرىيىنىڭ خىزمىتىگە ياردەم بېرىدۇ.

  ھاياتلىق ئۇزۇقلىقىنىڭ جىگەر ئۆت كېسەللىكلىرىنى داۋالاش پىرىنسىپى:

  ئوزۇقلۇق تەركىبىىدىكى كۆپ قىسىم ئېنزىملار، بىئو-ئىشقارلار، تەبىئىي ھورمۇنلار جىگەرگە يېتىپ كەلگەندە، جىگەردە ھاسىل بولىدىغان بىر نەچچە خىل ئالاھىدە ئېنزىملارغا ياردەم بېرىپ، ماي قاتارلىق تېخىمۇ تولۇق پارچىلىنىپ كېتەلمىگەن يۇقىرى مولىكۇلىلىق ماددىلارنى پارچىلاپ، كىچىك مولىكۇلىلىق ماددىلارغا ئايلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرغۇنلىغان ئېھتىياجلىق ماددا تەركىبلىرىنى بىرىكتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. كېرەكسىز زەھەرلىك تەركىبلەرنى پارچىلاپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىنى تەڭشەش ۋە تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

  ھاياتلىق ئۇزۇقلىقىنىڭ ئۆپكە نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش پىرىنسىپى:

  ئوزۇقلۇق تەركىبىدە ئاقسىل يېتەرلىك بولغاچقا، ئۆپكە ھۈجەيرىسىنىڭ ئاقسىلغا بولغان ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇپ، كۆپىيىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەركىبىدىكى بىئو-ئىشقار نەپەسلىنىش بوشلۇقى ئارقىلىق كىرگەن كېسەل مىكروبلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، تۈرلۈك ئۆپكە ياللۇغى، جۈملىدىن ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسەللىكىنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ. ئۆپكە ھۈجەيرىسى تېز كۆپىيىپ تېز ئۆلىدىغان بولۇپ، تېز سۈرئەتتە ئۆلگەن ھۈجەيرىلەر ۋاقتىدا سۈرۈلۈپ چىقىپ كېتەلمەي، بەلغەم ھالىتىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. ئوزۇقلۇقنىڭ توسالغۇلارنى پارچىلاپ چىقىرىۋېتىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغاچقا، بەلغەم ماددىلىرىنى پارچىلاپ ئاسانلا سۈرۈپ چىقىرىۋىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى راۋانلىشىپ، ئوكسېگىن ۋە كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ ئالمىشىشى ئاسانلىشىدۇ، ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىپ، قانغا يېتەرلىك ئوكسېگىن تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ.

  ھاياتلىق ئۇزۇقلىقىنىڭ يۈرەك مېڭە قان-تۇمۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش پىرىنسىپى:

  ئۇزۇقلۇق تەركىۋى چوڭ تومۇرلارغا ئۆتكەندە تېخى تولۇق پارچىلىنىپ، تېخىمۇ كىچىك مولىكۇلىلارغا ئايلىنىپ بولالمىغان ماي، ئاقسىل، شېكەر قاتارلىق تەركىبلەرنى پارچىلاپ، باشقا مۇناسىۋەتلىك تەركىبلەر بىلەن بىرىكتۈرۈپ، يېڭى ماددىلارنى ھاسىل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. تومۇرلاردا ئېقىپ يۈرگەن كېرەكسىز تەركىبلەرنى ئىنچىكە پارچىلاپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىشقا، تىرىك ھۈجەيرىلەر ئارىلىقىغا قىستىلىپ قالغان ئۆلگەن ھۈجەيرە قالدۇقلىرىنى بەدەن سىرتىغا سۈرۈپ چىقىرىشقا ياردەم بېرىدۇ. يۇقىرى مولىكۇلىلىق ماددىلارنى پارچىلاش ئارقىلىق ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىپ، قاننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، قاننىڭ ئېقىشىنى تېزلىتىش ئارقىلىق كېرەكسىز تەركىبلەرنى سۈرۈپ چىقىرىۋىتىپ، قاننىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ، قان ۋە ھۈجەيرە بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ. يۈرەكنىڭ نورمال بېسىم ھالىتىدە يەڭگىل ۋە تولۇق قان سىقىپ چىقىرىش فۇنكسىيىسىنى ئادا قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۆلچەملىك ئىشلەپچىقىرىلغان قان ئۆپكە ئارقىلىق كەلگەن ئوكسېگىننى قۇبۇل قىلىپ، يۈرەكنىڭ سىقىپ چىقىرىشى بىلەن بەدەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يېتىپ بارىدۇ. مېڭە قىسمىغا يېتىپ كەلگەن قان تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مولىكۇلىسى تېخىمۇ ئىنچىكە، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى يۇقىرىراق، ئوكسېگىن يېتەرلىك بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر مۇشۇ تەلەپ يېتەرلىك ئورۇنلىنىپ كېتەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى قانغا ئۆتكەندىن كېيىن، قان تەركىبىدىكى بىر قىسىم ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى تېخىمۇ ئىنچىكە پارچىلاپ، ئىنتايىن كىچىك مولىكۇلىلارغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە يېتەرلىك ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ھاسىل قىلىپ، مېڭىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. ئوزۇقلۇق تەركىبىدىكى ئاقسىل قاتارلىق بىر قىسىم ئوزۇقلۇق تەركىبى بىۋاسىتە مېڭە ھۈجەيرىسىگە سىڭىپ كىرەلىگەچكە ھۈجەيرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توقۇلمىلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىنى تېزلىتىدۇ.

  ھاياتلىق ئۇزۇقلىقىنىڭ قان بېسىم كېسەللىكلىرىنى داۋالاش پىرىنسىپى:

  قان بېسىم پەيدا بولغاندا، قان تومۇرلار دىۋارىدا ماي قاتارلىق چۆكمە ماددىلار توپلىشىپ، تومۇر يوللىرىنى توسۇۋىلىش بىلەن بىرگە تومۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ، كېڭىيىش-تارىيىش مۇمكىن بولمايدۇ. ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى تەركىبىدىكى تۈرلۈك تەركىبلەر بۇ توسالغۇلارنى ئېرىتىپ، پارچىلاپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئاشۇ توسۇلۇش بولغان تومۇر دىۋارىدىكى ھۈجەيرىلەر قايتىدىن ئوزۇقلۇقنى سۈمۈرۈپ، ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىپ، تومۇرنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قان بېسىم تولۇق ساقىيىدۇ.

  ھاياتلىق ئۇزۇقلىقىنىڭ قان كېسەللىكلىرىنى داۋالاش پىرىنسىپى:

  ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى قاندىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى تەڭشەپ، ماددا ئالمىشىش مېخانىزىمىنى پەيدىنپەي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك قان ئىشلەپچىقارغۇچى ھۈجەيرىلەر ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق تەركىۋىنىڭ تەمىنلىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بۇ ھۇجەيرىلەرنىڭ نورمال كۆپىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  ھاياتلىق ئۇزۇقلىقىنىڭ دىئابىت كېسەللىكلىرىنى داۋالاش پىرىنسىپى:

  دىئابېت كېسىلى بولغاندا، قاندىكى شېكەر مىقدارى يۇقىرى بولغاچقا قاننى قويۇلدۇرۇپ، يۈرەك، كۆز، قول-پۇت قاتارلىق قىل قان تومۇر زىچ جايلاشقان توقۇلمىلارغا قويۇق قان راۋان ئۆتۈپ كېلەلمەي، ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. نەتىجىدە شۇ قىسىملارنىڭ ھۈجەيرىلىرى كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىپ ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ. ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى تەركىبىدىكى تۈرلۈك ئېنزىم ۋە بىئو-ئىشقارلار قاندىكى شېكەرنى تولۇق پارچىلاپ ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە قاننى سۇيۇلدۇرۇپ ئېقىشىنى تېزلىتىپ، ئاشۇ قىل قان تومۇر زىچ قىسىمدىكى ھۈجەيرىلەرگە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھۈجەيرىلەر قايتا ئۆسۈپ، ئەگەشمە كېسەللىكلەر تولۇق ساقىيىدۇ، قاندىكى شېكەر تەركىبى بولسا مۇئەييەن ئۆلچەمدە تېزگىنلىنىدۇ.

  ھاياتلىق ئۇزۇقلىقىنىڭ لىمفا بەز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش پىرىنسىپى:

  بەدىنىمىزنىڭ ھەر قايسى قىسمىغا جايلاشقان بەزلەر تۈرلۈك ئېنزىم ۋە ھورمۇن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەزالار بولۇپ، گەرچە ئۆزى كىچىك بولسىمۇ رولى ئىنتايىن چوڭ. بۇ ئەزالارنىڭ قىل قان تومۇرلىرى ئىنتايىن ئىنچىكە، ماددا ئالمىشىش سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا، ھۈجەيرىلەرنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىمۇ ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، ھۈجەيرىسى ئۆلسە كۆپىيىپ ئەسلىگە كەلمىكى ئىنتايىن تەس. ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدىكى تەبىئىي ھورمۇنلار بۇ ئەزالاردىكى ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ، ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، فۇنكسىيىسىنى پەيدىنپەي ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.

  ھاياتلىق ئۇزۇقلىقىنىڭ بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش پىرىنسىپى:

  بۆرەك ئەڭ ئاخىرقى كېرەكسىز ماددىلار بىلەن ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى ئايرىيدىغان ھالقىلىق ئەزا بولۇپ، قان تەركىبىدىكى ھەر خىل ماددىلارنىڭ پارچىلىنىشى يېتەرلىك بولۇپ، كېرەكسىز قىسمى مۇئەييەن چەكتىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا بۆرەك ياخشى سۈزەلەيدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، بۆرەك توقۇلمىلىرى مۇكەممەل بولغاندا يەنىلا ياخشى سۈزەلەيدۇ. ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى تەركىبىدىكى تۈرلۈك تەركىبلەر قانغا ئۆتكەن ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى ئۆلچەملىك پارچىلاپ ھەم ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ھاسىل قىلىپ، قاننىڭ ھەجىمىنى كېڭەيتىپ، ئېقىشىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ ئىنچىكە تەركىبلەرگە پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۆرەكنىڭ سۈزۈش بېسىمى يەڭگىللەپ، فۇنكسىيىسىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ. يەنە كېلىپ ئوزۇقلۇق تەركىبىدىكى ئاقسىل ۋە تەبىئىي ھورمۇن قاتارلىق تەركىبلەر بۆرەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىپ، قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئوزۇقلۇق تەركىبىدىكى بىئو-ئىشقار، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولى ئىچىگە كىرىۋالغان مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈپ ياللۇغنى تۈگىتىدۇ.

  ھاياتلىق ئۇزۇقلىقىنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاش پىرىنسىپى:

  ئاياللار كېسەللىكلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىنىڭ بۇزۇلۇشى تۈپەيلىدىن، خاس ئورۇنغا ئوزۇقلۇقلار ئۆلچەملىك يېتىپ كىلەلمەي، ئىممۇنىتىت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىن، ئاسانلا سىرتقى كېسەل مىكروبلىرىدىن يۇقۇملىنىدۇ. ئاياللىق ھورمۇننىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن خاس ئورۇندىكى ھۈجەيرىلەردە غەيرىي ئۆسۈش يۈز بېرىدۇ. ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى قان تەركىبىنى تازىلاپ، ئېقىش بېسىمىنى يۇقىرىلىتىپ، يۈرەككە يىراق جايلاشقان، قىل قان تومۇرلىرى ئىنتايىن ئىنچىكە ئاشۇ خاس ئەزالارغا يېتەرلىك ۋە ئۆلچەملىك قاننى يەتكۈزۈپ، ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىپ، ھۈجەيرىلەردىكى غەيرى ئۆزگىرىش ياسىغان گېن زەنجىرلىرىنى قايتا تەشكىللەپ، توقۇلمىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈدۇ، خاس ئورۇندىكى مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈپ كېسەلنىڭ تەلتۆكۈس ساقىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  ھاياتلىق ئۇزۇقلىقىنىڭ بۇغۇم ياللۇغى ۋە سۆڭەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش پىرىنسىپى:

  بۇغۇم ياللۇغى ۋە سۆڭەك كېسەللىكلىرى نوقۇل ھالدىكى تۈرلۈك ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى يېتىشمەيدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە تېمپېراتۇرا بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى سۆڭەك ئېھتىياجلىق ئاقسىل ۋە تۈرلۈك مىنېرال ماددىلارنى تەكشى تولۇقلايدۇ، تەركىۋىدىكى بىئو ئىشقارلار كېسەللىك ئورۇندىكى كىسلاتالىشىپ كەتكەن تەركىبلەرنى نىتىراللاپ، تەر تۈشۈكچىلىرى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىشقا ياردەم بېرىدۇ. سىرتقى قىسمىدىن سۈرتۈش ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئوزۇقلۇق خاس ئورۇننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۇپ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، ئۇزۇقلۇق ماددىلىرنىڭ تېز يېتىپ كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇغۇم ۋە سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تەبئى ئۆسۈشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كېسەلنى تولۇق ساقايتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  ھاياتلىق ئۇزۇقلىقىنىڭ تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش پىرىنسىپى:

  تېرە كېسەللىكلىرى ئاساسەن ياللۇغ تۈرىدىكى كېسەللىك بولۇپ، تېرە ھۈجەيرىلىرىگە ئوزۇقلۇقنىڭ يېتىپ كەلمىكى ئىنتايىن تەس. شۇڭا دائىم ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىپ، باشقا تېرە ھۈجەيرىلىرى ئاسانلا سىرتقى كېسەل مىكروبلىرىدىن يۇقۇملىنىشقا ئۇچرايدۇ. ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى ئىچكى جەھەتتىن قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، تېرە ھۈجەيرىلىرىگە ئوزۇقلۇقنىڭ تولۇق كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرسە، سىرتتىن سۈرۈش ئارقىلىق مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈپ ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن تولۇق ماسلىشىپ، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا ئۆسۈشىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

  ھاياتلىق ئۇزۇقلىقىنىڭ راك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش پىرىنسىپى:

  راك كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ توغرا پرىنسىپى راك ھۈجەيرىسىنىڭ گېن زەنجىرىنى بۇزۇش ئارقىلىق ئۇنى ئۆلتۈرۈپ داۋالاش بىلەن بىللە، ئەتراپتىكى نورمال ھۈجەيرىلەرنى كۆپەيتىپ، توقۇلمىسىنى زورايتىپ، نورمال توقۇلمىلار ئارقىلىق راك توقۇلمىلىرىنى قورشاپ، ئوزۇقلۇقتىن ئايرىۋېتىپ ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق داۋالاش كېرەك. ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى راك ھۈجەيرىسى زەنجىرى ھالقىسىدىكى مەلۇم تەركىبلەرنى سۈمۈرۈپ بىرىكىۋىلىش ئارقىلىق زەنجىر ھالقىسىنى بۇزۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرەلەيدىغان تەركىب بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئوزۇقلۇق نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىپ، نورمال توقۇلمىلارنى تېز سۈرئەتتە زورايتىپ، راك ھۈجەيرىسىنى قورشاش ئارقىلىق داۋالاش ئىلىپ بارىدۇ.

  ھاياتلىق ئۇزۇقلىقىنىڭ ياللۇغ كېسەللىكلىرىنى داۋالاش پىرىنسىپى:

  ياللۇغ كېسلىنى داۋالاشتا، ئاۋال ئىمۇنىتىت ھۆجەيرىسىنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىپ، مۇئەييەن دەرىجىدە، ئىمۇنىتىت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن باشقا ھۆجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىپ شۇ كېسەللىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنىڭ نورمال ئەسلىگە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان، ئۇزۇقلۇق تەركىۋىنى بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرغا ئۆلچەملىك ۋاقتىدا يەتكۈزۈشكە ياردەم بېرىدىغان ، بەدەننى يېتەرلىك ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان، كۈچلۈك دەرىجىدە مىكروپ ئۆلتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە مۇكەممەل ئوزۇقلۇق تەركىۋى بولۇش كېرەك. ئەلدوست ھاياتلىق ئۇزۇقلىغى تەركىۋىدە ئامىنو كىسلاتا تۈرلىرى، تويونمىغان ماي كېسلاتا تۈرلىرى ۋە بىئو ئىشقار تەبىئى ھورمۇنلار، تۈرلۈك ۋىتامىنلار ئىنتايىن مول بولۇپ، ئىمۇنىتىت ھۆجەيرىسىنى تېز سۈرئەتتە ئۆستۈرۈپ ۋە ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەپ، بەدەنگە سىرىتتىن كىرگەن ھەر قانداق كېسەللىك مىكروپنى تۇللۇق ئۆلتۇرۇش ئارقىلىق، شۇ كېسەللىك ئورۇننىڭ نورمال ھۆجەيرىسىنىڭ تېز ئۇسۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ توقۇلمىلارنى تۇللۇقلاپ تۈپتىن ساقايتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇ.

  ھاياتلىق ئۇزۇقلىقىنىڭ ئەيدىز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش پىرىنسىپى:

  ئەيدىز كېسلىنى داۋالاشتا ئىمۇنىتىت ھۆجەيرىسىنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتەلەيدىغان، ئۇزۇقلۇق تەركىۋىنى بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرغا ئۆلچەملىك ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىش بىلەن بىرگە، بەدەننى يېتەرلىك ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇئەييەن دەرىجىدە ۋىرۇس ئۆلتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە مۇكەممەل ئوزۇقلۇق تەركىۋى بولۇش كېرەك. ئەلدوست ھاياتلىق ئۇزۇقلىغى تەركىۋىدە ئامىنو كىسلاتا تۈرلىرى، تويونمىغان ماي كېسلاتا تۈرلىرى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئىممۇنىتىىت ھۆجەيرىسى CD4 نى ئۆستۈرۈش ۋە بەدەننى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى كۆرۇنەرلىك. يەنە ھاياتلىق ئۇزۇقلىغى تەركىۋىدە ۋىرۇس ئۆلتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە تۈرلۈك بىئو ئىشقار ۋە تەبىئى ھورمۇنلار مول بولۇپ مۇئەييەت دەرىجىدە ۋىرۇس ئۆلتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە.

  ئومۇمەن ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى بەدەن، يەنى قاننىڭ تېپمراتۇرىسىنى كۆتۈرۈش، يېمەكلىك تەركىبىدىكى يۇقىرى مولىكۇلىلىق ماددىلارنى پارچىلاپ كىچىك مولىكۇلىلارغا ئايلاندۇرۇش، بەدەن توقۇلمىلىرىنىڭ ھەرقايسى قىسىمىدىكى ھۈجەيرىلەر ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى بىرىكتۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، كېرەكسىز ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى پارچىلاپ بەدن سىرتىغا ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەم بېرىپ، مىكروپ ئۆلتۈرۈپ، ياللۇغ قايتۇرۇش رولى ئارقىلىق بەدەننىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن بېسىمىنى يەڭگلىتىپ، تۈرلۈك ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال كۆپىيىشىگە ياخشى شارائىت ھازىرلاش ئارقىلىق ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىپ، ئەزا ۋە توقۇلمىلارنىڭ رولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق كېسەل داۋالايدۇ.

باھا
قايتىش
قايتىش
ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئىنكاس قالدۇرغۇچى ئىنكاس مەزمۇنى ۋاقتى

ئىنكاس يوللاش جەمئى پارچە ئىنكاس بار
ئەزا نامى:
پارول:
تەستىق نۇمۇر:
يۇشۇرۇن يوللاش
تەۋىسىيە قىلىنغىنى
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى
ئاخبارات ئ
مەبلەغ سالغۇچىلار سوھبەت يىغىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى
مەبلەغ سال
ياسىنجان مۇئەللىم شىنجاڭدىكى 100 تۆھپىكارلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى
ياسىنجان م
ئالاقىدار ماقالە
يېڭى يوللانغىنى
كۆپ كۇرۇلگىنى
  Google