شېركىتىمىز ئۇزۇندىن بېرى بىزنى قوللاپ كەلگەن كونا يېڭى بىمارلار ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان ئەلدوست يىڭى يىللىق سۆھپەتلىشىش يىغىنى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى «شىنجاڭ ئەلدوست بىئو-تېخنىكا چەكلىك شېركىتى» زالىدا مۇۋاپىقىيەتلىك ئىچىلدى.يىغىنغا شېركىتىمىزنى ئۇزۇندىن بېرى قوللاپ كەلگەن كونا يېڭى خېرىدارلار ،ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلىقىنىڭ كەشپىياتچىسى،شېركەت قۇرغۇچىسى،شېركەت مۇدىر بېگى ياسىنجان كېرەم،شېركەت باش دېرىكتورى نىجات ئەپەندىم،ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى تۇرسۇنجان مۇئەللىم،يىغىن رىياسەتچىسى سەبىلە خانىم ھەم شېركەت خادىملىرى قاتناشتى. 
يىغىندا ئەلدوست شېركىتىنىڭ مۇدىر بېگى ياسىنجان مۇئەللىم شېركەتنىڭ كىيىنكى مەزگىلدىكى تەتقىقات يۆلۈنۈشى،مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈنۈمى توغۇرلۇق چۈشەنچە بەرگەندىن سىرت،يەنە بىمارلانىڭ ھەرخىل كىسەللىكلەر ھەم مەھسۇلاتلار توغۇرلۇق سورىغان سوئاللىرىغا تەپسىلىي جاۋاپ قايتۇردى.  شېركەت باش دېرىكتورى نىجات ئەپەندىم شېركەتنىڭ كىيىنكى تەرەققىيات پىلانى،يېڭىلانغان مۇلازىمەت تۈرلىرى توغرىسىدا كەڭ خېرىدارلارغا چۈشەنچە بەردى. 
ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى تۇرسۇنجان مۇئەللىم ئەلدوست بىئو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللاپ كەلگىنىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم ساغلاملىقنىڭ مۇھىملىقى،ئۆزى ھەم ئەتراپىدىكى دوست- بۇرادەرلىرىنىڭ ئەلدوست ئوزۇقلىقىنى ئىشلىتىپ نەپ ئالغانلىقىنى ئەمىلىي مىساللار بىلەن كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى. 
يىغىندا يەنە كەڭ بىمار ھەم خېرىدارلار ئەلدوست ئوزۇقلۇق مەھسۇلاتلىرى ھەم ساغلاملىق ھەققىدەياسىنجان مۇئەللىمدىن نەق مەيداندا مەسلىھەت سورىدى،يىغىن ئاخىرىدا ئەلدوست بىئو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شېركىتى ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان مىھرىبان ماركىلىق سوپۇن پاراشوگى قاتارلىق بويۇملارنى كۆڭۈل سوۋغا سۈپىتىدە كەڭ خېرىدارلارغا ھەدىيە قىلدى. 
يىغىندا خېرىدارلار مەھسۇلات ئۈنۈمى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىۋاتىدۇ 

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كىيىن بىمارلار مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئىشلىتىش ھەم ئۈنۈمىنى كۆرۈش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرى ئۈستىدە قىزغىن پىكىر ئالماشتۇردى. 
يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كىيىن خېرىدارلار كەسپىي خادىملىرىمىزدىن مەسلىھەت سورىماقتا  
يىغىن كۆرۈنۈشلىرى 
 

|